ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - ئەدەبىي مۇھاكىمە

چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشقا قانچىلىك راسخوت كېتىدۇ؟

يوللانغان ۋاقىت : 2013 - يىلى 01 - ئاينىڭ 15- كۈنى 10:44   |    ئاپتور :   |   مەنبە :  شىنجاڭ گېزىتى

     ئامېرىكا: تۆت يىللىق تۈزۈمدىكى تولۇق كۇرستا ئوقۇيدىغانلارنىڭ ئوقۇش راسخوتى خەلق پۇلى ھېسابىدا 550 مىڭ يۈەندىن 1 مىليون 500 مىڭ يۈەنگىچە بولىدۇ. ئامېرىكىغا ئوقۇشقا چىققانلارنىڭ ئاساسلىق چىقىمى ئوقۇش ھەققى، ياتاق، تۇرمۇش راسخوتى ۋە باشقا قوشۇمچە راسخوتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئوقۇش ھەققى جەھەتتە سودا ئىنستىتۇتى، قانۇن ئىنستىتۇتى، تېببىي ئىنستىتۇتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، يىلىغا تۇرمۇش راسخوتى ۋە باشقا قوشۇمچە راسخوتلار قوشۇلۇپ 60 مىڭ دوللار ئەتراپىدا بولىدۇ.

    ئەنگلىيە: ئۈچ يىللىق تۈزۈمدىكى تولۇق كۇرستا ئوقۇيدىغانلارنىڭ ئوقۇش راسخوتى 510 مىڭ يۈەندىن 750 مىڭ يۈەنگىچە بولىدۇ، داڭلىق مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش ھەققى ئادەتتىكى مەكتەپلەرنىڭكىدىن ئازراق يۇقىرى.

    كانادا: تۆت يىللىق تۈزۈمدىكى تولۇق كۇرستا ئوقۇيدىغانلارنىڭ ئوقۇش راسخوتى 600مىڭ يۈەندىن 880 مىڭ يۈەنگىچە بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ھەر يىللىق ئوقۇش پۇلى 80مىڭ يۈەندىن 140مىڭ يۈەنگىچە بولۇپ، تۇرمۇش راسخوتىغا تەخمىنەن 70 مىڭ يۈەن كېتىدۇ.

    ئاۋسترالىيە: تۆت يىللىق تۈزۈمدىكى تولۇق كۇرستا ئوقۇيدىغانلارنىڭ ئوقۇش راسخوتى 600مىڭ يۈەندىن 840 مىڭ يۈەنگىچە بولىدۇ. داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش راسخوتى بىر قەدەر يۇقىرى. ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ئىستۇدېنتلارنىڭ ئىشلەپ پۇل تېپىشىغا رۇخسەت قىلغاچقا، ئىستۇدېنتلار ئىشلەپ تۇرمۇش قوشۇمچە راسخوتىنى غەملىسە بولىدۇ.

    ياپونىيە: تولۇق كۇرستا ئوقۇش ئۈچۈن يىلىغا تەخمىنەن 150 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى كېتىدۇ، ئوقۇشقا كىرگەن 1– مەۋسۇمدە ئوقۇش راسخوتىدىن باشقا يەنە تىزىملىتىش ھەققى، ئوقۇشقا كىرىش فوندى، قوشۇمچە راسخوت قاتارلىقلار تاپشۇرۇلىدىغان بولغاچقا، بىرىنچى يىلىنىڭ ئوقۇش راسخوتى كېيىنكى ئۈچ يىلغا قارىغاندا %30 ئەتراپىدا يۇقىرى بولىدۇ. تۇرمۇش راسخوتى ئۈچۈن يىلىغا 60–70مىڭ يۈەن خەلق پۇلى سەرپ قىلىنىدۇ.

    ئائىلە ئىقتىسادىي ئالاھىدە ياخشى بولمىغان ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن كورېيە، رۇسىيەدە ئوقۇش ئەڭ مۇۋاپىق. بۇ دۆلەتلەرنىڭ بىر يىللىق ئوقۇش ۋە تۇرمۇش راسخوتى 40–50 مىڭ يۈەن؛ فىرانسىيەنىڭ ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۇلى كەچۈرۈم قىلىنىپلا قالماي يەنە بىر قىسىم ياردەم پۇلى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئۇلارنىڭ تۆت يىللىق ئومۇمىي راسخوتى ئەنگلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بىر يىللىق راسخوتىغا تەڭ كېلىدۇ؛ ئىتالىيەنىڭ ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى ئالىي مەكتەپلىرىمۇ ھەقسىز بولۇپ، بىر يىللىق تۇرمۇش راسخوتىغا تەخمىنەن 40 مىڭ يۈەن كېتىدۇ؛ گوللاندىيە ھۆكۈمىتى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش راسخوتىنى بەلگىلىك دەرىجىدە كەچۈرۈم قىلغان، گوللاندىيەنىڭ تۇرمۇش راسخوتى بىر قەدەر تۆۋەن، ئوتتۇرىچە يىلىغا 70 مىڭ يۈەن كېتىدۇ.

    مۇھەممەت قادىر تەرجىمىسى

    

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە