ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - ئاكادېمىيە

شىنجاڭ پەلسەپە ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتى خىزمەتچىلىرىنىڭ بۇرچى شەرەپلىك، ۋەزىپىسى مۈشكۈل

يوللانغان ۋاقىت : 2013 - يىلى 07 - ئاينىڭ 18- كۈنى 02:38   |    ئاپتور : ئابدۇرازاق تۆمۈر  |   مەنبە : شىنجاڭ پەلسەپە ئىجتىمائىيپەنلەر تورى

    (شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى، مۇئاۋىن ئاكادېمىيە باشلىقى، تەتقىقاتچى)

    ئىنسانلار جەمئىيىتى تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا، پەلسەپە ئىجتىمائىي پەنلەر باشقا ھېچقانداق پەنلەر ئورنىنى باسالمايدىغان مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. مەملىكىتىمىز پەلسەپە ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ”دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى“ ، ”ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش“ مۇھىم ئىدىيىسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىشتا باشتىن-ئاخىرى چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيىسىگە، تۈزۈمىگە، يولىغا ئىشەنچ باغلاش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، نەزەرىيىنى ئەمەلىيەتكە باغلاش ۋە ئىلىمغا جىددىي پوزىتسىيە تۇتۇش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، مىقدارلىق ئانالىز بىلەن خاراكتېرلىك تەتقىقاتنى، نەزەرىيە ئانالىزى بىلەن ئىسپاتلاپ ئانالىز قىلىشنى، گىراپپىلىق تەكشۈرۈش بىلەن تۈرلەرگە بۆلۈپ ئومۇملاشتۇرۇپ ئانالىز قىلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتەك ئىلمىي ئۇسۇلنى قوللىنىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش داۋامىدىكى چوڭ-چوڭ نەزەرىيە مەسىلىلىرى ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىپ، مۇلاھىزە قىلىپ، پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەت تەدبىرلەرنى قارار قىلىپ بېكىتىشىنى ئىلمىي ئاساس بىلەن تەمىنلىدى ۋە ياخشى مەسلىھەتلەرنى بەردى، ئىقتىساد جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئەقلىي كۈچ ۋە توغرا ئىدىيە بىلەن كاپالەتلەندۈردى، ئىدىيىۋى قۇرۇلۇش ۋە نەزەرىيە تەتقىقاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يېڭى ئوي، يېڭى قاراش، يېڭى ئۇسۇل بىلەن يېتەكلىدى. كۆز ئالدىمىزدا شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاققىچە ئامانلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيىلىك تارىخىي ۋەزىپىسىگە قارىتا شىنجاڭنىڭ پەلسەپە ئىجتىمائىي پەن تەتقىقات خىزمەتچىلىرى تېخىمۇ مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ۋە بۇرچىنى ئادا قىلىشى، مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەپ ئومۇمىيلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، تەرەققىياتنى تېزلىتىش، مۇقىملىقنى ساقلاشتىن ئىبارەت. چوڭ ئومۇمىيلىقىغا ئالاقىدار چوڭ-چوڭ نەزەرىيە مەسىلىلىرى ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ۋە مۇلاھىزە مۇھاكىمىلەرنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ سىياسەت بەلگىلەش، قارارلارنى بېكىتىشنى ئىلمىي ئاساس بىلەن تەمىنلەپ، شىنجاڭنىڭ 2020-يىلىغا بارغاندا مەملىكەت بىلەن بىللە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە كىرىش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى بىلەن ئۇزاققىچە ئامانلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى، شىنجاڭنىڭ ”جۇڭگو غايىسى“ نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز دەرىجىدە نەزەرىيە يېتەكچىلىكى بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ، ئىدىيىۋى كاپالەت ۋە ئەقلىي كۈچ بىلەن قوللاپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ھەقىقىي تۈردە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئەقلىيانلار ئىسكىلاتى بولۇشى كېرەك.

    شىنجاڭ مەملىكىتىمىزنىڭ غەربىدىكى ئىستراتېگىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم، يەر قوشنىسى ئەۋزەللىكى روشەن، 22مىليوندىن كۆپرەك نوپۇسى بار، مەملىكىتىمىز ئومۇمىي يەر زېمىنىنىڭ ئالتىدىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىغان، يەر، كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىق بايلىقلىرى بىر قەدەر مول، قۇرۇقلۇق چېگرىسى 5600 كىلومېتىردىن ئۇزۇن، مەملىكەت قۇرۇقلۇق چېگرىسىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىغان، سەككىز دۆلەت ۋە رايون بىلەن چېگرىلىنىدىغان، سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى قۇرۇقلۇق شارائىتى ۋە يەر قوشنىسى ئەۋزەللىكى بىر قەدەر روشەن، كۆپ مىللەت، كۆپ خىل دىن، كۆپ خىل مەدەنىيەت بىللە مەۋجۇت بولغان ئالاھىدىلىكى گەۋدىلىك ئاپتونوم رايون. تارىخ، تەبىئىي مۇھىت، ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئىلگىرى مەلۇم مەزگىل بىر قەدەر ئاستا بولۇپ قالغان ئىدى. 2010-يىلى مەركىزىي كومىتېت شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە مەركىزىي كومىتېت يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا رايونلار بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يولغا قويۇشنى قارار قىلىپ باشلىغاندىن بۇيان، مەركەز شىنجاڭغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە مەدەت بېرىش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتتى، 19 ئۆلكە شەھەر شىنجاڭنى قوللاش، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سالمىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى، خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك نەچچە مىڭلىغان قۇرۇلۇش تۈرى ئەمەلىيلەشتى. تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كېلىشكە باشلىدى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد ئىجتىمائىي تەرەققىياتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلگە كىردى. ئۈچ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتى ۋە ئۈنۈمى روشەن يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، نۇرغۇن ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئورۇنلىنىشى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتتى، شەھەر يېزا ئاھالىلىرىنىڭ دارامىتىنىڭ كۆپىيىش ھەجمى ئۇدا ئۈچ يىل شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ كۆپىيىش ھەجمىدىن ئېشىپ كەتتى، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى ۋە دېھقان چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۇدا ئۈچ يىل مەملىكەتنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرۇپ كەلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ شىنجاڭنىڭ جۇڭگو ئۈمىدىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ئىشەنچىسى كامىل بولدى.

    لېكىن، يېقىندا شىنجاڭدا يۈز بەرگەن ”7-مارت“، ”23-ئاپرېل“، ”8-ماي“، ”26-ئىيۇن“، ”28-ئىيۇن“ غا ئوخشاش بىر قاتار ئېغىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەت ۋەقەلىرى ۋە يىغىلىپ جىنايەت سادىر قىلىش ۋەقەلىرى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكنى سرتقا ئېچىۋېتىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇقىملىقنى ساقلاشتىن ئىبارەت چوڭ ۋەزىيىتىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى، ئاۋارىچىلىق سالدى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ خۇشال-خورام، تىنچ، ئامان-ئېسەن تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىغا، ۋە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە زور زىيانلارنى ۋە پاراكەندىچىلىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. شۇڭا، بۇ ئېغىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى ۋەقەلەر ماھىيەت جەھەتتىن ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيەتكە قارشى ھەرىكەتلەر بولۇپ، چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكى ”ئۈچ خىل كۈچ“ لەر يىراقتىن ئېغىز بۇرۇن يالىشىپ، ئۆزئارا شېرىكلىشىپ، مەقسەتلىك، تەشكىللىك، دىننى نىقاپ قىلىپ، ھەرمىللەت ئاممىسىنى ئالداپ تۇغدۇرغان جىنايى ۋەقەلەر. بۇ ۋەقەلەر مىللەت مەسىلىسىمۇ ئەمەس، شۇنداقلا دىن مەسىلىسىمۇ ئەمەس، ئۇ ياپ-يالىڭاچ زورلۇق، تېررورلۇق ۋەقەلىرى، بۆلگۈنچىلىك قىلىش بىلەن بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش بىلەن ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن ئىبارەت چوڭ سىياسىي كۈرەش. ”ئۈچ خىل كۈچ“ نىڭ سۇيىقەستى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى بۇزۇش، دۆلەتنى پارچىلاش، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت چوڭ ئومۇمىيلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئەپ، ئىناق، دوستانە، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش مەقسىتىگە يېتىشتىن ئىبارەت. ”ئۈچ خىل كۈچ“ شىنجاڭ ئىقتىسادى ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈشىنى، شىنجاڭنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئىقتىساد ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى تۇرمۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنى خالىمايدۇ، ئۇنىڭغا كۆڭلى بىئارام بولىدۇ. شۇڭا، ”ئۈچ خىل كۈچ“ غالجىر ئىتتەك قاۋاپ، ئۇدا بىر قاتار زورلۇق، تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى قوزغىدى، بۇ ئەمەلىيەت شۇنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدىكى ”ئۈچ خىل كۈچ“ شىنجاڭنىڭ بىخەتەرلىكىگە كېلىدىغان ئەڭ چوڭ ۋەھىمە ھېسابلىنىدۇ، ئۇ، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق دۈشمىنىدۇر. بۇنىڭغا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى قەتئىي يول قويمايدۇ، ئۇلارغا نەپرەت ياغدۇرىدۇ، ئۇلارنى شىددەت بىلەن ئەيىپلەيدۇ. پەلسەپە ئىجتىمائىي پەن خىزمەتچىلىرى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىدىيە-تەشۋىقات ۋە جامائەت پىكرىنى يېتەكلەش ساھەسىدىكى جەڭگىۋارلىقى ۋە ئۇيۇشۇشچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بىر قوشۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ خىزمەتكە پائال تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاتلىنىشى ۋە ئۇنى قوللىشى، ”ئۈچ خىل كۈچ“ لەرنىڭ چېكىدىن ئاشقان جىنايى قىلمىشلىرىنى چوڭقۇر پاش قىلىشى ۋە ئەيىپلىشى، ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسىنى توغرا ئىدىيە ۋە توغرا نەزەرىيە بىلەن تەربىيىلىشى ۋە قوراللاندۇرۇشى، شۇ ئارقىلىق ”ئۈچ خىل كۈچ“ لەرگە قارىتا كوچىدىن ئۆتكەن چاچقان ئۇرئۇرغا قالىدىغان خەلق ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ چېكىدىن ئاشقان خورىكىنى ئۇرۇپ چۈشۈرۈش، ئەكسىيەتچىل مەقسىتىنى مۇددەتتىن ئىلگىرى بىتچىت قىلىۋېتىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىز زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇشتا قانۇن تۈزۈمگە، جەمئىيەت تەرتىپىگە ئەھمىيەت بېرىش، مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتىنى دائىمىيلاشتۇرۇش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، دېكتاتۇرا ئورگانلىرىنىڭ ئۈستۈنلۈكى ۋە فۇنكسىيىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تېز ئىنكاس قايتۇرۇپ، تېز قول سېلىپ، تېز، دەل قاتتىق زەربە بېرىپ، تېز سوتلاپ، تېز ھۆكۈم قىلىپ، بۇ بىر ئوچۇم زوراۋانلارنىڭ خورىكىنى ۋە ھەيۋىسىنى تېز بىتچىت قىلىپ جەمئىيەت ۋە خەلىقنى تېز تىنچلاندۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

    ھەر مىللەت كادىرلار ئاممىسى ئەزەلدىنلا شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداپ كېلىۋاتقان ئەڭ ئاساس، ئەڭ پۇختا كۈچ. شىنجاڭ پەلسەپە ئىجتىمائىي پەن تەتقىقات خىزمەتچىلىرى يەنە كېلىپ ئاشۇ كۈچنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ جەڭگىۋار، ئەڭ تەشەببۇسكار، ئەڭ ئاكتىپ تەشۋىقات ئەترىتى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار پەۋقۇلئاددە تارىخىي بۇرچ، مۈشكۈل ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. شىنجاڭنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە خىزمەت ۋەزىپىسىگە قارىتا پەلسەپە ئىجتىمائىي پەن تەتقىقات خىزمەتچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ شەرەپلىك بۇرچى ۋە مۇھىم مەسئۇلىيىتىنى داۋاملىق كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئىدىيە ۋە تونۇشىنى مەركىزىي كومىتېت ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىدېئولوگىيە ۋە ئىدىيە تەشۋىقات سېپىدىكى بۆلگۈنچىلىككە، سىڭىپ كىرىشكە، ئاغدۇرمىچىلىققا قارشى كۈرەشكە پائال ئاتلىنىپ ھامان توغرا قاراشتا چىڭ تۇرۇش، توغرا مەيداندا چىڭ تۇرۇش، ئاكتىپ ئاۋاز بېرىش، دەرھال پوزىتسىيىسىنى ئاشكارىلىشى، ”ئۈچ خىل كۈچ“ لەر تارقاتقان تۈرلۈك خاتا نۇقتىئىينەزەر ۋە ئىغۋالارنى كۈچلۈك تەنقىد قىلىشى ۋە ئەيىپلىشى، جامائەت پىكرىدىكى بايان ھوقۇقى ۋە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئالدىن ئىگىلىشى، شىنجاڭنىڭ ئىدېئولوگىيە ۋە ئىدىيە تەشۋىقات خىزمىتى ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىستراتېگىيەلىك قارارلىرى ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى زۆرۈر. بۇ ھەقتە پۈتۈن جەمئىيەتتە ئۈلگىلىك باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلىشى، ئومۇمىيلىق ئېڭى، سىياسىي ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭى، مۇقىملىقنى قوغداش ئىشەنچىسىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇشى، 22 مىليوندىن كۆپرەك ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى ئالدىدا ”ئۈچ خىل كۈچ“ لەرنىڭ شەرمەندىلىكى ۋە جىنايى سۇيىقەستلىرىنى چوڭقۇر پاش قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرى ھالاك بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئاقىۋىتىنى جاھانغا ئاشكارىلاش كېرەك. ئىغۋالارنى توسۇپ، جىددىي كەيپىياتلارنى سوۋۇتۇپ، ھەرمىللەت ئاممىسىنىڭ ئارىسىغا ”ئۈچ خىل كۈچ“ لەرنىڭ سۇقۇنۇپ كىرىۋېلىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، ئۇلارنىڭ مۇقىملىقنى بۇزۇش، بۆلگۈنچىلىك قىلىش سۇيىقەستىنى ئالدىن تارمار قىلىش لازىم. رايونىمىز ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە سىڭىپ كىرىشكە، ئاغدۇرمىچىلىق قىلىشقا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئاچچىق ساۋاقلىرىنى ۋە تەجرىبىلىرىنى قوبۇل قىلىپ ۋە يەكۈنلەپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ۋەزىيەتنىڭ يېڭى يۈزلىنىشى ۋە يېڭى ئۆزگىرىشىنى ئومۇميۈزلۈك پۇختا ئىگىلەپ ۋە ئۇنىڭغا توغرا ھۆكۈم قىلىپ، ئۇنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنىڭغا قارىتا كۈچلۈك، توغرا تەدبىر قوللىنىش كېرەك. ھەر قانداق توسقۇنلۇق، ھەر قانداق مۈشكۈل خىيىم – خەتەرگە پسەنت قىلماي، ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، يۈز بەرگەن مەسىلىلەرنىڭ سەۋەبى ۋە مەنبەسىنى پۇختا ئىگىلەپ، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن پائال، توغرا تەكلىپ پىكىرلەرنى بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىدېئولوگىيىسى ۋە ئىدىيەۋى تەشۋىقات سېپىنىڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ”جۇڭگو غايىسى “نى ۋە شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، گۈزەل شىنجاڭ، گۈزەل ماكان قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت ”شىنجاڭ غايىسى“ نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە