سەۋرچانلىق گۈزەل ئەخلاق ، ئۇ ئىنسانلاردا بولۇشقا تېگىشلىك گۈزەل ئەخلاقلارنىڭ بىرى ، ئەمما دەل مۇشۇ ئەخلاق مېنىڭدە كەمچىل ، بولۇپمۇ تاللا بازاردا نەرسە-كېرەك سېتىۋالغىنىمدا تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ .
بىر مەزگىل نەرسە-كېرەك سېتىۋالغىلى چىقمىسام بولمايدىغان ئەھۋالدا ئاندىن ئۆيدىن چىقاتتىم . مەن ئەڭ ياقتۇرمايدىغان ، ئەمما ئالمىسام بولمايدىغان نەرسە كۆكتات ئىدى . بۇ يەردە ئادەم كۆپ بولغاننى ئاز دەپ ، ئۇلار كۆكتاتلارنى توختىماي ئۆرۈپ-چۆرۈپ تاللايتتى . مەن بولسام قىستىلىپ ئالدىغا ئۆتەلمەي، قولۇمدا يالتىراق خالتىنى تۇتقان ھالدا بىر چەتتە قاراپ تۇراتتىم ، شۇنداق بىر ئورۇن بىكار بولسىلا ، ئوقتەك ئېتىلىپ بېرىپ كۆكتاتنى خالتىغا بولۇشىغا سېلىپ تولدۇرۇپ ، تارازىدا ئۆلچەتكىلى ماڭاتتىم . بۇ كىشىلەرنى كۆكتاتنىڭ زادى نېمىسىنى تاللايدىغاندۇ ؟ دەپ قايناپلا كېتەتتىم .
بىر كۈنى تاللا بازارغا بېرىپ يېسسى پۇرچاق سېتىۋالماقچى بولدۇم . يېسسى پۇرچاق تىزىپ قويۇلغان مال جاھازىسى ئالدىغان كەلگەندە ‹‹پەرۋەردىگارىم ، ماڭا سەۋرچانلىق ئاتا قىلغىن ›› دېدىم ئۆز–ئۆزۈمگە. يېنىمدا ياشانغان بىر كىشى تۇراتتى، ئۇ قارىماققا 70 ~ 80 ياشلاردا بولۇپ ، تولىمۇ ئورۇق، ماغدۇرسىز كۆرۈنەتتى . بوۋاي يېسسى پۇرچاقنى تولىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن تاللاۋاتاتتى ، قوللىرى بولسا توختىماي تىتىرەيتتى . ئۇ تۇيۇقسىز ماڭا قاراپ :
— بىلەمسىز، ياخشى يېسسى پۇرچاقنى تېپىشقا ۋاقىت كېتىدۇ ، بۇ دېگەن بىر سەنئەت، — دېدى.
— بۇنى بىلمەيدىكەنمەن، — دېدىم مەن، — ئەمما بۇ سۆزلىرىڭىز كىشىلەرنىڭ نېمىشقا شۇنچە ۋاقىت سەرپ قىلىپ كۆكتات تاللايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى .
— مەن يېسسى پۇرچاقنى ئادەم ئورنىدا كۆرىمەن، — دېدى بوۋاي.
— ئادەم ئورنىدا كۆرىمەن دېدىڭىزما؟ — ھەيرانلىق بىلەن سورىدىم ئۇنىڭدىن .
— شۇنداق، — دېدى بوۋاي قىلچە ئىككىلەنمەي ، ئۇ بىر تال يېسسى پۇرچاقنى ماڭا كۆرسىتىپ، — مانا بۇنى كۆردىڭىزمۇ؟ نۇرغۇن كىشىلەر ئۇزۇن ھەم ئىنچىكە كەلگەنلىرىنى ياخشى دېيىشىدۇ . بۇ ھەم قىسقا ھەم توم يېسسى پۇرچاقنى ئالمايدۇ ، شاللىنىپ قالغان بۇ پۇرچاقلارنى مال ساتقۇچى بىر ياققا دۆۋىلەپ قويىدۇ، ئەمما مانا مەن ئالىمەن . بۇ پۇرچاقلارنى ئالمىغان كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ نېمىنى كەتكۈزۈپ قويغانلىقىنى بىلىشمەيدۇ . مانا مۇنداق ئەگرى كەلگەن يېسسى پۇرچاقنىمۇ كىشىلەر ئالمايدۇ . بەزىلەر كۆكتات سېتىۋالغاندا تاشقى كۆرۈنىشىگىلا قاراپ ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى بىلەن كارى بولمايدۇ . دەرھەقىقەت، ئۇزۇن–قىسقىلىقى ئوخشاش ، چىرايلىق كەلگەن يېسسى پۇرچاقنى قورۇپ ، چىرايلىق تەخسىلەرگە ئېلىپ يېگەندە ئىشتىھانى تېخىمۇ ئاچىدۇ . بىراق مېنىڭچە بىر تال يېسسى پۇرچاق بىر ھاياتقا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ دۇنيادىكى ھاياتلىق ئاجايىپ سىرتقى كۆرۈنۈشكە ۋە ئوخشىمىغان تەقدىرگە ئىگە ، ھايات بەزىدە كۆڭۈللۈك بولسىمۇ، تولىراق كۆڭۈلسىزلىككە تولغان بولىدۇ.
ئىككىمىزلا تۇرغان بۇ مال جازىسىنىڭ ئالدىدا مەن ئېغىر–بېسىقلىق بىلەن تونۇمايدىغان بىر بوۋاينىڭ كوتۇلداشلىرىغا قولاق سېلىپ تۇراتتىم . بۇ ماڭا بىر ئاز نورمالسىزلىق بىلىندى ، بىراق ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قىزىقىپ قېلىۋاتاتتىم .
— بۇ يېسسى پۇرچاقلار ماڭا ھەرخىل-ھەرياڭزا كىشىلەرنى ئەسلىتىدۇ، — دەپ سۆزىنى داۋام قىلدى بوۋاي، — قاراڭ ، بەزى يېسسى پۇرچاق تولغان ، چىرايلىق كېلىدۇ ، بەزىلىرى بولسا كەمتۈك كېلىدۇ ، ئەمما ھەممىسىنىڭ سورتى ئوخشاش .نۇرغۇن كىشىلەر مۇشۇنداق تولغانلىرىنى ياخشى كۆرىدۇ ، شۇڭا ئاۋۇنىڭدەك كۆرۈمسىزلىرى ئەخلەت ساندۇقلىرىغا تاشلىنىپ كېتىدۇ، — بوۋاي سۆزلىگىنىچە يەنە بىر نەچچە يېسسى پۇرچاقنى خالتىغا سالدى،—بولدى ، ئەمدى ماڭسام بولغۇدەك . بۇ يېسسى پۇرچاقلارنى سىزگە قالدۇراي ، ئۇلارنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىگىلا قاراپ باھا بەرمەڭ، — دېدى بوۋاي ۋە يالتىراق خالتىنىڭ ئاغزىنى مەھكەم چىگىپ قول ھارۋىسىغا سالماقچى بولۇۋېدى ، قولى بوشلۇقتا قالدى .
— ئەپەندىم، مەن ياردەملىشەي، — دېدىم مەن .
— دائىم ئارىلىقنى خاتا مۆلچەرلەپ قالىمەن . سىز بىلمەيسىز، مەن بىر ئۆمۈر ئەما ئۆتكەن . بەختكە يارىشا ئادەم يارالغانلىقىمىز ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ تاللىشى بولىدۇ ، پەقەت قانداق تاللاشنى بىلسەكلا ئۆزىمىزگە پۇرسەت يارىتالايمىز، ئەڭ ئاخىرقى تەقدىرىمىز ئەخلەت دۆۋىسىدە بولۇپ قالمايدۇ، — دېدى بوۋاي. ئۇ ئەما ئىكەن-دە، كۆز ئالدىمدىكى بۇ ئىشلارغا پەقەت ئىشەنگۈم كەلمىدى . دەل شۇ چاغدا قارشى تەرەپتىن ياش بىر خانقىز بىز تەرەپكە قاراپ:
— بوۋا، مەن بۇ تەرەپتە، سىزنىڭ ئۇدۇلىڭىزدا. مەن بىر نەچچە تال شوخلا تاللىدىم ، ياخشى كۆرەمسىز؟ — دەپ توۋلىدى .
— ئەلۋەتتە، قىزىم، — دېدى بوۋاي كۈلۈپ تۇرۇپ ۋە كەينىگە بۇرۇلۇپ ماڭا، — ئۇ مۇشۇنداق ئالدىراقسان ، ھەي ، ئالدىراقسانلىق بىلەن ئۇ ئەڭ ياخشى نەرسىلەرنى كەتكۈزۈپ قويىدۇ . كۈنلىرىڭىزگە خوشاللىق تىلەيمەن، — دېدى.
مۇشۇنداق كۈزىتىش ئىقتىدارى يۇقىرى بىر ئادەمنىڭ ئەما ئىكەنلىكىنى قارىمامدىغان . بوۋاي ماڭا ئەڭ ئاددىي مال سېتىۋېلىش جەريانى ئارقىلىق ماڭا كەتكۈزۈپ قويغان نەرسىلىرىمنى ھېس قىلدۇردى . ئۆزۈمنىڭ ئالدىراقسانلىق بىلەن يەنە نېمىلەرنى كەتكۈزۈپ قويغانلىقىمنى بىلەلمەيۋاتاتتىم.
مۇھەررىر : دىلارە خەمىت
مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش
نەپىس ئەتلەس بويۇملار
ئۇيغۇر مىللىيچە ئۆيلىرى
ئونسۇ ناھىيە جام بازىرى 1-نۆۋەتلىك «مولھۇسۇل لوڭقۇسى» دېھقان-چارۋىچىلار تەنھەركەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى
كۇيتۇن قىزىلتاغ چوڭ جىلغىسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
ئىراق تەخمىنەن 6 مىليون 800 مىڭ سۇرىيەلىك مۇساپىرغا باشپاناھ بولدى
كېرىيە يېزىلىرىدا ......
ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ باش كىيىملىرى
كەڭساي مەنزىرىلىرى
ئىللىق قەلىبلەرگە تولغان قاتناش ساقچىسى
سەبىي بالىلار
خوتەن دىيارى كەچلىك بازىردىن كۆرنۈش-غاز تۇخۇمى
ئوۋچى ۋە قارچۇغا