ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - ئاكادېمىيە

شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى «مۇتەخەسىس-ئالىملار ئەسەرلىرى خەزىنىسى» (مەدەنىيەتشۇناسلىق ئەسەرلىرى)نى تارقىتىش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

يوللانغان ۋاقىت : 2012 - يىلى 04 - ئاينىڭ 11- كۈنى 11:44   |    ئاپتور :   |   مەنبە :

    شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تەشكىللىگەن، مىللەتلەر مەدەنىيىتى تەتقىقات ئىنىستىتوتى ئۆز ئۈستىگە ئالغان «مۇتەخەسىس-ئالىملار ئەسەرلىرى خەزىنىسى» (مەدەنىيەتشۇناسلىق ئەسەرلىرى) نى تارقىتىش سۆھبەت يىغىنى 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى (جۈمە) چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8:30 دە شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى 3-قەۋەت يىغىن زالىدا ئېچىلدى.

    يېغىنغا شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر مەدەنىيىتى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى ھەبىبۇللا ئابدۇسالام رىياسەتچىلىك قىلدى.

    شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېميىسى پارتىكومىنىڭ  سېكىرتارى، تەتقىقاتچى ئابدۇرازاق تۆمۈر ئەپەندىم يىغىن باشلاش سۆزى قىلدى.

    ئابدۇرازاق تۆمۈر ئەپەندىم سۆزىدە ئاكادىمىيە قۇرۇلغاندىن بۇيانقى مۇتەخەسىس-ئالىملارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ۋە بۇ قېتىم نەشىردىن چىققان «مۇتەخەسىس-ئالىملار ئەسەرلىرى خەزىنىسى» نىڭ ئىلمي قىممىتىنى جەزىملەشتۈردى.

    ئارقىدىن شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېميىسى پارتىكومىنىڭ سابىق سېكىرتارى، تەتقىقاتچى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا ئائىت ماقالىلار توپلىمى» نىڭ ئاپتورى ئاۋۇت توختى؛ شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېميىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى، تەتقىقاتچى، «قازاق تارىخ-مەدەنىيىتى تەتقىقاتىغا ئائىت ماقالىلار توپلىمى» نىڭ ئاپتورى جاقىپ مىرزاقان؛ شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېميىسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات ئېنىستىتۇتىنىڭ سابىق باشلىقى، تەتقىقاتچى، «قازاق خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى تەتقىقاتىغا ئائىت ماقالىلار توپلىمى»نىڭ ئاپتورى بېك سۇلتان ؛ شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېميىسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ پىشقەدەم تەتقىقاتچىسى، «مىللەتلەر مەدەنىيىتى تەتقىقاتىغا ئائىت ماقالىلار توپلىمى» نىڭ ئاپتورى قادىر ئەكبەر قاتارلىق مۇتەخەسىسلەر ئۆز ئەسەرلىرىنىڭ نەشىر قىلىنىغانلىقىغا بولغان خۇشاللىقى ۋە ئاكادېمىيەگە بولغان رەھمىتىنى بىلدۈرۈشتى ھەم ھايات مۇساپىسىگە بىرلەشتۈرۈپ ئۆزىنىڭ ئىلمي تەتقىقات جەھەتتە يەكۈنلىگەن تەجرىبە- ساۋاقلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى. بۇ قېتىملىق يىغىندا يەنە شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېميىسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات ئېنىستىتۇتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى، تەتقىقاتچى مەرھۇم ئۇستاز ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ «خەزىنىلەر بوسۇغىسىدا» ناملىق ئەسىرى ۋە شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېميىسىنىڭ پىشقەدەم تەتقىقاتچىسى جۇڭ گاۋ ئەپەندىمنىڭ «غەربىي دىيار مەدەنىيىتىگە ئائىت ماقالىلار توپلىمى» توغرىسىدىمۇ مۇھاكىمە بولدى.

    شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستىتى، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرىستىتى، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى، شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى قاتارلىق قېرىنداش ئورۇنلاردىن كەلگەنلەر ۋە ئاكادىمىيىمىزنىڭ ھەرقايسى تەتقىقات ئورۇنلىرىدىن يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان ھەر مىللەت تەتقىقاتچى خادىملار بولۇپ 60دىن ئارتۇق يىغىن قاتناشقۇچىسى ئىناق ئىلمي كەيپىيات ئىچىدە ئۆز-ئارا قىزغىن مۇھاكىمە ئېلىپ باردى. يىغىندا تەشكىللىگۈچى تەرەپ بىر قىسىم قېرىنداش ئىدارە-ئورگانلارغا كىتاب تەقدىم قىلدى.

    ئاخىرىدا شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېميىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، كاندىدات تەتقىقاتچى كۇلەن نىغمەت خانىم يىغىن خۇلاسىسى قىلدى.

مۇھەررىر : ئەكبەر ئابلىكىم

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە