مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، شىنجاڭ يېڭىچە تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى. ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما شىنجاڭنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا ھەممىدىن مۇھىمى ئادەمنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، ھالقىما تەرەققىياتتا ئالدى بىلەن كۆز قاراش جەھەتتىكى ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەكلىكىنى بارغانسېرى تونۇپ يەتتى. ھالقىما تەرەققىياتتىن ئىبارەت مۇھىم تارىخىي ۋەزىپىنى ئورۇنداشتا ئادەمگە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇلىدۇ. يولداش جاڭ چۈنشيەن شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدىكى چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىنى تېپىپ چىقىپ، ‹‹زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش››تەك يېتەكچى ئىدىيەنى ئوتتۇرىغا قويدى. 19 ئۆلكە ۋە شەھەرنىڭ مەركەز بەلگىلىگەن شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشى بىلەن ئىقتىساد، مەدەنىيەت تېز راۋاجلاندى، شۇنداقلا يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش شەكىللەندى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ كۈرەش ئارقىلىق تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش ئېڭى كۈچەيدى، تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى ئوبدانلا ياخشىلاندى، پۇقرالار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىنىڭ نەتىجىسىدىن تولۇق بەھرىلەندى. بىراق، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، تەرەققىيات، بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشىش يولىدا ئىلگىرىلەۋاتقاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدا بىر مەھەل كىشىنى ئېچىندۇرىدىغان زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرى ئۇدا يۈز بېرىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا زور تەسىر يەتتى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى زور ئازابقا دۇچار قىلدى.
زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى قىلمىشلىرىغا لەنەت ئوقۇش بىلەن بىللە، يەنە چوڭقۇر ئويلىنىشىمىز كېرەك. ھازىر جەمئىيەتتىكى بەزى ياشلار بىلىمسىز، نادان، بېكىنمە ھالەتتە بولۇپ، ئۇلارنىڭ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئېنىق بولمىغاچقا، مىللىي مەدەنىيەت ئىشەنچىنى يوقىتىپ، ياۋروپا – ئامېرىكا مەدەنىيىتى، تۈركىيە مەدەنىيىتى، ئەرەب ئىسلام مەدەنىيىتىگە قارىغۇلارچە ئەگەشتى، بولۇپمۇ بىلىمسىزلىك، ئاسانلا ئىشىنىپ كېتىش تۈپەيلىدىن، نۇرغۇن يېزا ياشلىرى ئەقەللىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى يوقىتىپ، نىشاندىن ئېزىپ، ئۆزلۈكنى چۈشەنمەي، بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ قۇربانىغا ئايلاندى. ئۇلار باشتىن – ئاخىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتى قانداق مەدەنىيەت، قانداق قىلغاندا مەدەنىيەتلىك، ئۈمىدلىك جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىدىن بولغىلى بولىدۇ، قانداق قىلغاندا ئەجرى ۋە ئەقىل – پاراسىتىگە تايىنىپ ئەركىنلىككە، بەختكە ئىنتىلىدىغان دۇرۇس ئادەم بولۇپ، قانۇن – ئىنتىزامغا رىئايە قىلغان ئاساستا دىنغا ئىشىنىپ، زامانىۋى مەدەنىيەت تەربىيەسىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، كەسكىن جەمئىيەت رىقابىتىدە ئورنىنى پۇختىلاپ، لاياقەتلىك زامانىۋى پۇقرا بولغىلى بولىدۇ، دېگەنلەرنى چۈشەنمىدى.
پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بايانلىرىدىن، بولۇپمۇ ئۇيغۇر يازغۇچىسى ياسىنجان سىدىقنىڭ ‹‹جاللات خېنىم›› رومانىدىن يېقىنقى 100 يىل مابەينىدە ئىشان ۋە خوجا كۈچلىرىنىڭ ئەسەبىيلىشىپ، يوشۇرۇن سىياسىي غەرىزىگە يېتىش ئۈچۈن، ھوقۇقنى تارتىۋېلىپ، قېرىنداشلىرىنى قىرغىن قىلىپ، خەلقنى بالايىئاپەتكە دۇچار قىلغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئۇلار ئىسلام دىنىنى ھىمايە قىلىش، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش شوئارىنى توۋلاپ، يوشۇرۇن ھالدا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان تەقۋادار ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە خىلاپ قەبىھ ئىشلارنى قىلغان.
بۇنداق ئەھۋالدا ئۇيغۇر شائىرى، مۇتەپەككۇر، ئىسلاھاتچى، دىنىي ئالىم ئابدۇقادىر داموللا مەدرىسلەرنىڭ ئوقۇتۇش مەزمۇنى ۋە ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىچە ئوقۇتۇش توغرىسىدا ئىلمىي دېموكراتىيەنى تەشۋىق قىلىدىغان، نادانلىق، قالاقلىققا قارشى تۇرىدىغان كىتابلارنى يازغان. مەسىلەن: ‹‹ئۆسمۈرلەر – بالىلارغا نەسىھەت›› قاتارلىقلار، ئابدۇقادىر داموللا كىتاب يېزىش ئارقىلىق خەلقنى بىلىمگە ئىنتىلىش، ئىتتىپاقلىشىش، نادانلىقتىن قۇتۇلۇشقا چاقىرغان. ئۇيغۇر شائىرى لۇتپۇللا مۇتەللىپ 20 – ئەسىردە جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ تەربىيەسىدە يېتىلگەن ۋەتەنپەرۋەر شائىر بولۇپ، ئۇ شېئىر بىلەن ئۇلۇغ ۋەتەننى مەدھىيەلىگەن. ئابدۇقادىر داموللا، لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىق ۋەتەنپەرۋەر زىيالىيلارنىڭ روھىيىتىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇلار جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ، مىللىتىنىڭ كەلگۈسىنى ۋەتەننىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات مۇھىتىغا قويۇپ، يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق ئېڭى، بۇرچ ئېڭى، كۈچلۈك خەۋپ – خەتەر ئېڭىنى يېتىلدۈرگەن. ئۇلار شېئىرلىرى ۋە ئىش ھەرىكىتى ئارقىلىق شۇ دەۋر تەلەپ قىلغان مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان، بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ خەلققە تۇتقان پوزىتسىيەسى ۋە ۋەتەنگە بولغان قەتئىي ئىشەنچسىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
21 – ئەسىر باشلانغاندىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۇنيا تارىخىي مەدەنىيەت تەرەققىياتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى بەلگىلەشنى كۆزلىگەنلىكى چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. شىنجاڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۈتۈۋالدى. بىز بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، غەيرەت – شىجائەتكە تولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى بەختلىك ھاياتىمىزنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە كاپالىتى دەپ بىلىپ، ئومۇملۇقنى كۆزلەپ، ئومۇمىيەتنى تونۇپ، قارىغۇلارچە ئەگەشمەسلىكىمىز، ئاسانلا ئىشىنىپ كەتمەسلىكىمىز كېرەك.
بىر ئىلىم ئەھلى مۇنداق دېگەن: ھازىرقى ئۇيغۇرلار مەدەنىيەت ئۆزگىرىشىنىڭ تۆت كوچا ئاغزىدا تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇزاق تارىخىي مەدەنىيەتنىڭ ۋە زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ يۈزلىنىشىدە تۇرۇپ ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشى قىيىن، بىراق شۇنداق قىلىشى مۇقەررەر. مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ھەر قانداق مىللەت بىلىم، مەدەنىيەتكە ئىنتىلىدۇ؛ بىر مىللەتنىڭ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدىكى ئورنى ۋە ئىززەت – ھۆرمىتى بۇ مىللەتنىڭ دۆلىتىگە، ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھپىسىگە باغلىق. بۇ نىشانغا بىلىم، ئىتتىپاقلىق، دوستلۇق، ئىشەنچ، ئىززەت – ھۆرمىتىنى ساقلاشقا تايىنىپ يەتكىلى بولىدۇ، قانلىق ۋە زوراۋانلىق ۋەقەلىرى مىللەتنىڭ تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولىدۇ، بۇ ھامان چۆرۈپ تاشلىنىدۇ ۋە چەتكە قېقىلىدۇ. جۇڭگونىڭ غەربىي رايونىدا ئېچىلغان ئۇيغۇر مەدەنىيەت گۈلى دۇنيادىكى تۆت چوڭ مەدەنىيەتتىن ئوزۇق ئېلىپ، ئۆز مەدەنىيەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەن. بىز ئالدىنقىلارنىڭ ئىدىيەسى ۋە ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئىناق ئۆتۈپ ۋە ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، ئالدىنقىلاردىن ئېشىپ كېتىشتەك جاسارەتكە كېلىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ باش كۆتۈرۈشى ئۈچۈن ئەقىل – پاراسىتىمىزنى تەقدىم قىلىشىمىز كېرەك. زوراۋانلىق ئارقىلىق بەختكە ئېرىشكىلى بولمايدۇ، زوراۋانلىق ئۇيغۇرلارنى ئار نومۇسقا قالدۇرىدۇ ۋە ئازابقا دۇچار قىلىدۇ.
‹‹يەنىلا كۇچا سوپۇنى ياخشى›› دېگەندەك، بىز قانداق قىلساقمۇ ئامېرىكىلىققا، تۈركىيەلىككە ياكى ئەرەبلەرگە ئۆزگىرەلمەيمىز، بىز يەنىلا ئۇزاق تارىخىي مەدەنىيەتكە ئىگە جۇڭگولۇق ئۇيغۇر. بىز ئۆزگىرىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىمىز، زامانىۋى مەدەنىيەت بىز مۇقەررەر بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك يول، ئۆزگىرىش جەريانىدا ئۇنداق – مۇنداق ئىشلاردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، بىراق جەزمەن يۈزلىنىشىمىز كېرەك. شىنجاڭنى كەڭ كۆلەمدە قۇرۇش، كەڭ كۆلەمدە گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت تېپىلغۇسىز چوڭ ياخشى ۋەزىيەتتە، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ھەر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ زامانىمىزدىكى گۈللىنىشى ئۈچۈن تىرىشىشىمىز كېرەك. بىزگە زوراۋانلىق ۋە نادانلىق ئەمەس، بەلكى بىلىم ۋە مەدەنىيلىك كېرەك!
(ئاپتور قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتور)
كۇيتۇن قىزىلتاغ چوڭ جىلغىسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
ئىراق تەخمىنەن 6 مىليون 800 مىڭ سۇرىيەلىك مۇساپىرغا باشپاناھ بولدى
كېرىيە يېزىلىرىدا ......
ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ باش كىيىملىرى
كەڭساي مەنزىرىلىرى
ئىللىق قەلىبلەرگە تولغان قاتناش ساقچىسى
سەبىي بالىلار
خوتەن دىيارى كەچلىك بازىردىن كۆرنۈش-غاز تۇخۇمى
ئوۋچى ۋە قارچۇغا
مېھرىبان ئاچا -سىڭىل
چېچەك پەسلى
دۇنياۋى مەشھۇر جايلارنىڭ گۈزەل كېچىلىك مەنزىرىسى