ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنڭىز : ئۇيغۇرچە

مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرايلى

يوللانغان ۋاقت : 2013 - يىلى 09 - ئاينىڭ 26- كۈنى 10:22 مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

    جۇڭگو مۇزىكانتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىنىڭ پەخرىي باشلىقى، 1-دەرىجىلىك كومپوزىتور: نۇسرەت ۋاجىدىن

    جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئۇزاق تارىخقا، مول ۋە چوڭقۇر، مەزمۇنغا باي شانلىق مەدەنىيەتكە ئىگە، شۇ شانلىق مەدەنىيەت جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ خاسلىقىنى ياراتقان.

    قەدىمدىن ھازىرغىچە ئېلىمىزدە ھەر قانداق بىر يىراقنى كۆرەر سىياسىيون ۋە دانا رەھبەر مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ كەلگەن. بىز ئېسىل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھىرىنى قوبۇل قىلىش ئاساسىدا، دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ۋە مىللىي روھقا ئىگە يېڭى مەدەنىيەتنى بەرپا قىلالىساق، دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدا تۇرۇپ، دۇنياغا جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى نامايان قىلالايمىز، دۇنيانىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئىشلىرىغا پائال قاتنىشىپ، خەلقئارا مەدەنىيەت بازىرىنى ئېچىپ، جۇڭخۇا ھەر مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىيىتىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرەلەيمىز.

    بىزگە ئوخشاش ھەر بىر ئەدەبىيات – سەنئەتچى زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشنىڭ مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكى ئۈچۈن ئىناق، ئىتتىپاق، كەڭ قورساق، جەسۇرانە ئىلگىرىلەيدىغان مەدەنىيەت كەيپىياتى يارىتىشىمىز كېرەك.

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە