ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنڭىز : ئۇيغۇرچە

رەھبىرىي كادىلار ئۆگىنىشنى كۈچەيتىشى زۆرۈر

يوللانغان ۋاقت : 2013 - يىلى 07 - ئاينىڭ 25- كۈنى 03:05 مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

    ھاكىمىيەت بېشىدىكى سىياسىي پارتىيەگە نىسبەتەن، ئۆگىنىش ئىستىلى مەسىلىسى ئىدىيەۋى لۇشيەن مەسىلىسى بولۇپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدىكى ئاڭلىقلىق دەرىجىسىنى، ئىدىيە ۋە خىزمەت ئۇسۇلىنى، پارتىيەنىڭ روھىي قىياپىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىش پارتىيەمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى.

    نۆۋەتتە، پارتىيە ئىچىدە ئۆگىنىش ئىستىلى ۋە ئۆگىنىش ئەھۋالى ئومۇمەن ياخشى، كۆپ ساندىكى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئۆگىنىش ئاكتىپلىقىمۇ بىر قەدەر يۇقىرى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىمۇ پارتىيەلىك كادىرلارنى ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ ئاز بولمىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. لېكىن، بىر قىسىم پارتىيەلىك كادىرلار ۋە رەھبىرىي كادىرلار ئارىسىدا ئۆگىنىش ئىستىلى توغرا بولماسلىق، ئۆگىنىشكە قىزىقماسلىقتەك ئەھۋاللار مەۋجۇت. ئۇلاردا ئۆگىنىشكە بولغان تونۇش ۋە قىزغىنلىق يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن، كىتاب ئوقۇمايدۇ، گېزىت كۆرمەيدۇ، تۈگىمەس ‹‹مېھماندارچىلىق›› بىلەن ئالدىراش يۈرۈيدۇ. يەنە بىر قىسىم رەھبىرىي كادىرلاردا ئۆگىنىش ئىستىلى توغرا بولماسلىق ئومۇميۈزلۈك ھادىسىگە ئايلانماقتا. يەنى ئۆگەنگىنىنى ئىشلىتەلمەسلىك، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىر – بىرىدىن ئايرىۋېتىشتەك ئەھۋاللار مەۋجۇت. ئۆگىنىشنىڭ مەقسىتى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىشتىن ئىبارەت. ئەمما، خىزمەت ئەمەلىيىتى داۋامىدا بەزى كادىرلارنىڭ دېگىنى بىلەن ئەمەلىيىتى ماسلاشمايدۇ. مانا مۇشۇنداق ناچار ئۆگىنىش ئىستىللىرى كادىرلارنىڭ ئۆز بىلىمىنى ئۆستۈرۈشكە توسقۇنلۇق قىلىپلا قالماستىن، بەلكى پارتىيەمىزنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىزگە تەسىر يەتكۈزۈۋاتىدۇ. نۆۋەتتە، ئۆگىنىش ئىستىلىنى ياخشىلاش پارتىيەمىزنىڭ جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم خىزمەتلىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى. شۇڭا، باش شۇجى شى جىنپىڭ : ‹‹ ياخشى ئۆگەنگەندىلا ئاندىن ئالغا ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش ئارقىلىق بۈگۈنكىدەك ياخشى كۈنگە ئېرىشتى، كەلگۈسى ئارزۇ – ئارمانلارغا يېتىش ئۈچۈنمۇ چوقۇم ئۆگىنىشكە تايىنىشى كېرەك. بىزنىڭ بارلىق كادىرلىرىمىزنى ئالغا ئىلگىرىلىتىمىز، پارتىيەمىز، دۆلىتىمىز ۋە مىللىتىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزىمىز دەيدىكەنمىز، ئۇنداقتا چوقۇم ئۆگىنىش ئىستىلىنى ياخشىلاپ، ئۆگىنىش، ئۆگىنىش يەنە ئۆگىنىشتە، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتە قەتئىي چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. شۇڭا، پۈتۈن پارتىيەلىك يولداشلار بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي يولداشلار ئۆگىنىشنى كۈچەيتىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى، توختىماي ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ مېڭىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تونۇپ يېتىشى لازىم ›› دەپ كۆرسەتتى. يىغىپ ئېيتقاندا، بۇ سۆزدە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۆمۈرۋايەت ئۆگىنىشى؛ رەھبىرىي كادىرلاردا ماركسىزملىق ئۆگىنىش ئىستىلى بولۇشى؛ پارتىيەنىڭ سىياسەت، قانۇن – نىزاملىرىنى ياخشى ئۆگىنىشى؛ ئەدەبىيات – سەنئەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىشى؛ ئۆگىنىش يۆنىلىشىنى توغرا ئىگىلىشى؛ ماركسىزم نەزەرىيەسىنى ياخشى ئۆگىنىشىدىن ئىبارەت بىر نەچچە جەھەتتىن ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

    ئازادلىقتىن ئىلگىرى پارتىيەلىك كادىرلىرىمىزنىڭ بىلىم ئېلىش شارائىتى بولمىغاچقا، ئەمەلىي خىزمەت جەريانىدا دۇچ كەلگەن بەزى مەسىلىلەرنى توغرا ھەل قىلالماي ئەندىشىگە چۈشۈپ قالغانىدى. مېنىڭچە، بۈگۈنكى دەۋر كادىرلىرىمىزمۇ مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئىقتىدار يەتمەسلىكتەك كىرزىسقا دۇچ كەلمەكتە. ئىقتىدار ئۆزلۈكىدىن كەلمەيدۇ. ئۇ توختىماي ئۆگىنىش، ئەتراپلىق تەتقىق قىلىشتىن كېلىدۇ. بۈگۈنكى دەۋردە بىلىم ۋە تېخنىكىنىڭ يېڭىلىش سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولماقتا. ئەگەر، ھازىر ھەر قانداق بىر كىشى ئۆمۈر بويى ئۆگىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، توختىماي ئۆگەنمەيدىكەن، ئۆزىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى، مەسىلىلەرگە بولغان كۆز قاراشلىرىنى يېڭىلىمايدىكەن، ئۇ ھەرگىزمۇ بۈگۈنكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ قەدىمىگە ماسلىشالمايدۇ. شۇڭا، رەھبىرىي كادىرلار ئۆمۈر بويى ئۆگىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. ياخشى ئۆگەنگەندىلا ئاندىن ئاممىغا ئەلا مۇلازىمەت قىلغىلى، دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىپ تۆھپە قوشقىلى شۇنداقلا جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. شۇڭا، توختىماي ئۆگىنىپ، ئىقتىدار ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ماسلىشىپ مېڭىش لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن رەھبىرىي كادىرلار تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىدىن ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم:

    بىرىنچى، ماركسىزم نەزەرىيەسىنى ياخشى ئۆگىنىشى كېرەك. ماركسىزم نەزەرىيەسى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ دۇنيانى تونۇش، پارتىيەنىڭ فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى توغرا ئىجرا قىلىش، ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىشىغا ياردەم بېرىدۇ. شۇڭا، يولداش ماۋ زېدوڭ: ‹‹رەھبىرىي كادىرلار ماركسىزمنى ياخشى ئىگىلىسە، پارتىيەمىزنىڭ ئىشلىرىنى يېڭى بىر بالداققا كۆتۈرەلەيدۇ، ماركسىزمنى ياخشى ئىگىلىگەندىلا توغرا تەرەققىيات يولىنى تاپالايدۇ››دەپ كۆرسەتكەنىدى. بىزنىڭ بۈگۈنكىدەك بەختىيار تۇرمۇشىمىز ماركسىزمنى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە ئوبدان بىرلەشتۈرۈشتىن كەلگەن. ئەگەر بىز ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدە – قانۇنىيەتلىرىنى بىلمىسەك، پارتىيەمىزنىڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى ئۇسۇلىنى بىلەلمەيمىز؛ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى بىلمىسەك، خەلق ئۈچۈن ياخشى خىزمەت قىلالمايمىز – دە، خەلقنىڭ ئىشەنچىسىدىنمۇ ئايرىلىپ قالىمىز. ماركسىزم ئەمەلىيەتتىن كەلگەن بولۇپ، ماركسىزمنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە قىممىتى شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتى ۋە تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ئىلمىي ھالدا شەرھلەپ بېرىشتە ئىپادىلىنىپلا قالماي، بەلكى كىشىلەرنىڭ ئەمەلىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا ئىپادىلىنىدۇ. ماركسىزم ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەت بىلەن زىچ بىرلەشكەندىلا، ئاندىن تۈرلۈك ئىجتىمائىي رېئال مەسىلىلەرنى ئىلمىي ئۇسۇلدا شەرھلەپ، خەلق كۆڭۈل بۆلىدىغان ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بېرەلەيدۇ.

    ئىككىنچى، رەھبىرىي كادىرلار پارتىيەنىڭ سىياسەت، قانۇن – نىزاملىرىنى ياخشى ئۆگىنىشى كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسەت، قانۇن – نىزاملىرىنى ياخشى بىلمەي تۇرۇپ خىزمەتلەرنى قانداقمۇ ياخشى ئىشلىگىلى بولسۇن؟ پارتىيەنىڭ سىياسەت، قانۇن – نىزاملىرى دەل بىزنىڭ خىزمىتىمىز ۋە ئىش – ھەرىكىتىمىزنى قېلىپقا سالىدىغان مىزان. ئەگەر بۇ مىزاندىن چەتنەپ كەتسەك، خىزمەتتە كەتكۈزۈپلا قويماستىن، پارتىيەمىزنىڭ ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا زور دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزۈپ قويىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، دۆلىتىمىز ۋە پارتىيەمىزنىڭ بۇرۇنقى تەجرىبە – ساۋاقلىرىنى ياخشى ئۆگىنىشىمىز لازىم. ھازىر دۇنيا ئىقتىسادى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان بولۇپ، ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، ھەربىي ئىشلار قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردە ئۆگىنىشكە تېگىشلىك يەنە نۇرغۇن مەسىلىلەر مەۋجۇت.

    ئۈچىنچى، رەھبىرىي كادىرلار ئەدەبىيات – سەنئەت ۋە تارىخ بىلىملىرىنى ئۆگىنىشى كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار نۇقۇل ھالدا ئۆز مىللىتىنىڭ ئەدەبىياتىنىلا ئۆگىنىپ قالماي، جۇڭگو ئەدەبىياتى ۋە چەت ئەل ئەدەبىياتىنىمۇ ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىشى، بۇ ئارقىلىق شاكىلىنى چىقىرىپ جەۋھىرىنى قوبۇل قىلىپ، خەلق ئۈچۈن ياخشى مۇلازىمەت قىلىشتەك ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.

    تۆتىنچى، رەھبىرىي كادىرلار ئۆگىنىش يۆنىلىشىنى توغرا ئىگىلىشى لازىم. رەھبىرىي كادىرلاردا ماركسىزم كۆرسەتكەن توغرا ئۆگىنىش يۆنىلىشى بولمايدىكەن، ئۆگىنىشتە ئاسانلا تۇيۇق يولغا مېڭىپ قالىدۇ. ئۆگىنىشتىكى مەقسەت ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتىن ئىبارەت. ئۆگىنىشنىڭ مەقسىتى ئىشلىتىشتىن ئىبارەت ئەمەلىيەت تەلىپىدە چىڭ تۇرۇش، ئىشلەش جەريانىدا ئۆگىنىش، ئۆگىنىش جەريانىدا ئىشلەش، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىش، ئىشلەش ئارقىلىق ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۆگىنىش بىلەن ئىشلىتىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش لازىم. رەھبىرىي كادىرلار ئۆگىنىش يۆنىلىشىنى توغرا ئىگىلەشتە، ئالدى بىلەن ئۆگىنىش ئىستىلىنى توغرىلاپ، قېتىرقىنىپ ئۆگىنەلەيدىغان بولۇشى ۋە ئۆگەنگىنىنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرەلەيدىغان بولۇشى لازىم.

    بەشىنچى، رەھبىرىي كادىرلاردا ماركسىزملىق ئۆگىنىش ئىستىلى بولۇشى كېرەك. ئۆگەنگەننى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىش، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش لازىم. ئۆگىنىشنى بىر خىل ھەۋەسكە، قىزىقىشقا ئايلاندۇرۇپ، ئۆگىنىش جەريانىدا داۋاملىق ئويلىنىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىپ چىقىش لازىم. بىز دۆلىتىمىز ۋە مىللىتىمىزنى داۋاملىق قۇدرەت تاپقۇزىمىز دەيدىكەنمىز، ئالدى بىلەن رەھبىرىي كادىرلار ئۆزىدىن باشلاپ توختىماي ئۆگىنىپ قول ئاستىدىكى كادىرلارغا يولباشچى، نەمۇنىچى بولۇشى لازىم.

    دېمەك، ئۆگىنىش بىر خىل ئېھتىياج، شۇنداقلا بىر خىل پوزېتسىيە. ھەر بىر ئادەم ئۆز ئېھتىياجى ۋە شارائىتىغا ئاساسەن ئوخشىمىغان ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى تاللايدۇ. لېكىن، ئېلىمىزدەك چوڭ دۆلەتنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى سىياسىي پارتىيەگە، شۇنداقلا سىياسىي بۇرچ ۋە ئاممىۋى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان رەھبىرىي كادىرلارغا نىسبەتەن، ئۆگىنىش ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ۋە ئېنىق تەلەپكە ئىگە بولۇپ، چوقۇم ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلە.

    تارىخ ئەڭ ياخشى ئەينەكتۇر. پارتىيەمىز نۇرغۇن جاپا – مۇشەققەت ۋە بەدەل تۆلەشلەر بىلەن ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈردى، ئىنتايىن ئارقىدا قالغان بىر دۆلەتتە سوتسىيالىزمنى قۇرۇپ، ئۆگىنىش جەريانىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى بەرپا قىلىپ، دۇنيانى ھەيران قالدۇرغىدەك شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. پارتىيەمىزنىڭ مانا مۇشۇنداق غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىدە ئۆگىنىش ئەڭ كۈچلۈك قورال ھېسابلىنىدۇ. پارتىيەمىز نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇرۇش يىللىرىدا قانداق جەڭ قىلىشنى ئۆگەنسە، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش جەريانىدا قانداق قۇرۇشنى ئۆگەندى، ئىسلاھات داۋامىدا قانداق ئىسلاھ قىلىشنى ئۆگىنىپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق غەلىبە دەرۋازىسىنى ئاچتى.

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە