ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنڭىز : ئۇيغۇرچە

‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› كە ئۈچ سوئال: بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانغا نېمە ھەققىڭلار بار؟

يوللانغان ۋاقت : 2013 - يىلى 07 - ئاينىڭ 11- كۈنى 02:54 مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

    يېقىندا مارالبېشى ، پىچان قاتارلىق جايلاردا كەينى–كەينىدىن كۆپ قېتىم زوراۋانلىق ، تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلىش دېلوسى ۋە توپلىشىپ جېدەل چىقىرىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ، شۇنچە كۆپ بىگۇناھ ئاممىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى ، مەن بۇنىڭدىن ناھايىتى غەزەپلەندىم . ئۇيغۇر كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن نېمە ئۈچۈن بەزىلەرنىڭ شۇنچە ياخشى سىياسەت ، ياخشى تۇرمۇشىمىزدىن زارلايدىغانلىقى ، نېمە ئۈچۈن بەزىلەرنىڭ تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقى كاللامدىن ئۆتمەيدۇ . ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››تىن سوراپ باقسام ، سىلەرنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانغا نېمە ھەققىڭلار بار ؟

    بىرىنچى ، شىنجاڭنىڭ مىللىي سىياسىتى ياخشىمۇ – ياخشى ئەمەسمۇ ؟

    غەربتىكى دۈشمەن كۈچلەر مىللەتنى دەستەك قىلىپ ، شىنجاڭ توغرىسىدا جۇڭگو ھۆكۈمىتى ‹‹ ئۇيغۇرلار ۋە مۇسۇلمانلارنى كەمسىتىدۇ ۋە چەكلەيدۇ ›› دېگەندەك گەپلەرنى تارقىتىۋاتىدۇ . ئۇلار قاراپ تۇرۇپ يالغان گەپ قىلىۋاتىدۇ ، ئۇلار بىز ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرىنىڭ كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بېقىشى كېرەكمۇ – قانداق؟

    مىللەتلەر سىياسىتىنى ئېلىپ ئېيتقاندا ، بىز ئۆزىمىزنىڭ تىل – يېزىقى ۋە مىللىي ئۆرپ – ئادىتىمىزنى ساقلاپ قالالايمىز، ئاممىنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكى بار . ھۆكۈمەت ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنى قۇربان ھېيت ۋە روزى ھېيتلاردا مەخسۇس دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىدۇ . مائارىپ سىياسىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، ئاز سانلىق مىللەتلەر بالىلىرى ئانا تىلىدا ئوقۇتىدىغان مەكتەپتە ئوقۇسىمۇ ، ‹‹قوش تىللىق ›› مەكتەپلەردە ئوقۇسىمۇ بولىدۇ . تولۇق ئوتتۇرىغا چىققاندا ، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇسا بولىدۇ ، ئوقۇش پۈتۈنلەي ھەقسىز . ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەندە مىللىيچە ئوقۇغانلار ئايرىم قوبۇل قىلىنىدۇ ، خەنزۇچە ئوقۇغان مىللىيلارغا نومۇر قوشۇپ بېرىلىدۇ . ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ خىزمەتكە ئورۇنلاشقاندا ، دۆلەت مەمۇرلىرىغا مەخسۇس ئىش ئورنى تەسىس قىلىنغان . بۇلتۇر ئىلى ئوبلاستىدىن جياڭسۇ ئۆلكىسىگە تەربىيەلەشكە ئەۋەتىلگەن ئىستۇدېنتلارنى ئېلىپ ئېيتساق ، 2000–يىلىدىن كېيىن مەملىكەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەر خىزمەتكە تەقسىم قىلىنمايدىغان بولدى . شىنجاڭ بويىچە 2002–يىلىدىن بۇيان ئىشقا ئورۇنلاشمىغان 20 مىڭدىن ئارتۇق ئىستۇدېنت مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە ، شەھەردە تەربىيەلەندى ، تاماق ، ياتاق ، بېرىپ–كېلىش خىراجەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى دۆلەت كۆتۈردى ، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن كەسپىي ئورۇنلارغا تەقسىملەندى ، ئىلى ئوبلاستىدىن 3300 ئىستۇدېنت ئىچكىرى ئۆلكىگە ئەۋەتىلدى ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئىستۇدېنتلىرى %82 نى ئىگىلەيدۇ ، ھەر بىر كىشىگە 60 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق چىقىم كەتتى ، ئىلى ئوبلاستىدىكى 3300 كىشىگىلا دۆلەتنىڭ 200 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇلى سەرپ قىلىندى . مېنىڭ كادىرلار ئىشلىرى سىستېمىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقىنىمغا 20 يىل بولاي دېدى ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتتىكى ئەھۋالىنى ئېنىق بىلىمەن . ھازىر ئىلى ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا يېرىمغا يېقىن كادىر ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ، كەسپىي ئورۇنلاردا يېرىمدىن كۆپرەكى ئاز سانلىق مىللەت ، ئالىي ئۇنۋان ئالغانلار %46 نى ئىگىلەيدۇ .

    شىنجاڭدا ياشاۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت يولداشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بۇ ئىشلارغا نىسبەتەن تەسىراتى چوڭقۇر ، بىز ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى ئۆزىمىز ئويلىنىپ باقايلى ، بىر جايدا ياشاۋاتقان ئوخشاش كىشىلەر ، خەنزۇ يولداشلاردا بار بولغان سىياسەتلەر بىزدىمۇ بار ، خەنزۇ يولداشلاردا يوق سىياسەتلەرمۇ بىزدە بار ، شۇنچە كۆپ ئالاھىدە سىياسەتلەرنى بىزگە بەردى، ئويلاپ باقايلى ، قايسى دۆلەتنىڭ سىياسىتى شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىدىن ياخشى ؟

    ئىككىنچى ، تۇرمۇشىمىز كۈنسېرى ياخشىلىنىۋاتامدۇ – يوق؟

    بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ، تۇرمۇشىمىزدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى . 20 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بىزنىڭ قاتناش قوراللىرىمىزدىن نېمىلەر بار ئىدى ؟ شارائىتى ياخشىراق كىشىلەرنىڭ ئەگەر بىرەر ۋېلسىپىتى بار بولسا ، ناھايىتى ئەتىۋارلىق ھېسابلىناتتى ، يوللار توپا ۋە شېغىل يول ئىدى ، ئۇ ۋاقىتلاردا غۇلجىدىن ئۈرۈمچىگە بېرىش ئۈچۈن ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ ئۈچ كۈن يول يۈرۈپ ، يولدا ئىككى ئاخشام قونۇشقا توغرا كېلەتتى . ئۇ ۋاقىتلاردا بىر ئائىلە كىشىلىرى بىر نەچچە ئېغىز كېسەك ئۆيلەردە قىستىلىشىپ ياشايتتى ، ھېيتلاردا بالىلار يېڭى كىيىم كىيىپ ، كەمپۈت يېيىشكە تەشنا ئىدى ، گۆش يېيىش ئارتۇقچە تەلەپ ئىدى .

    ھازىر قارايدىغان بولساق ، غۇلجىدا پويىز ، ئايروپىلانلار قاتنىدى ، ئۈرۈمچىگە بېرىشكە ئەڭ تېز بولغاندا بىر – ئىككى سائەتلا كېتىدۇ ، بىر كۈن ئىچىدە مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرى ھەتتا چەت ئەلگە چىقىشمۇ ئانچە چوڭ ئىش ھېسابلانمايدىغان بولدى . پىكاپ بىلەن بازارغا بېرىش ، پويىز ، ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ساياھەت قىلىش ئادەتتىكى ئىش بولۇپ قالدى . بىرەر ئىش بولسا ، بىر تېلېفون ئارقىلىقلا ھەل قىلغىلى بولىدۇ . كۆپچىلىك ئويلاپ باقايلى ، يېزىلاردا ئەگەر سىز ئۆي سالماقچى بولسىڭىز، ھۆكۈمەت تولۇقلىما بېرىدۇ ، ھەممە يەردە دۆلەت تولۇقلىما بېرىپ سالغان ئۈستى قىزىل رەڭدىكى ئەمىن ئۆينى ئۇچراتقىلى بولىدۇ، شەھەرلەردە دۆلەت نۇرغۇن ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي سالدى . تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقىڭىز بولسا دۆلەتنىڭ تۆۋەن كاپالەت سىياسىتى بار، ھەر ئايدا سىزگە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش پۇلى بېرىدۇ . كېسەل كۆرسىتىشتە ، دېھقانلار يىلدا 60 يۈەن يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش ھەققىنى ، شەھەر – بازار ئاھالىلىرى بىر يىلدا 120 يۈەن داۋالىنىش سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرسىلا، كېسەلخانىدا ياتقاندا %90 ئاتچوت قىلغۇزالايدۇ . ھازىر ئىلى ئوبلاستى بويىچە 330 مىڭ شەھەر – بازار ئاھالىسى ۋە 1 مىليون 400 مىڭدىن ئارتۇق دېھقان–چارۋىچى ئاھالىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن بەھرىلەنمەكتە ، دۆلەتنىڭ بۇنىڭغا بىر يىلدا ئاجراتقان مەبلىغى 500 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ . قېرىسىڭىز دۆلەتنىڭ شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بار، دېھقان–چارۋىچىلىرىمىزنىڭمۇ پېنسىيە مائاشى بار بولدى ، بۇ ئىلگىرى ئويلىساق چۈشىمىزگىمۇ كىرمەيدىغان ئىش ئىدى . نېمە ئۈچۈن بۇنداق ياخشى تۇرمۇشتىن بەھرىلەنمەيمىز ؟ بۇ تۇرمۇشنى قەدىرلىمەيمىز؟ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ ››نىڭ ئاق قارىنى ئاستىن ئۈستۈن قىلىپ ، تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانغا نېمە ھەققى بار؟

    ئۈچىنچى ، بىز قالايمىقانچىلىقنىڭ زىيىنىنى ئاز تارتتۇقمۇ ؟

    بىز ئىلى دىيارىدا ياشايمىز ، گۈزەل ئىلى بىزگە ھاياتلىق ئاتا قىلغان ، بىزنى بېقىپ ئۆستۈرگەن زېمىن ، بىز بۇ زېمىندا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ياشاپ كېلىۋاتىمىز ، تۇرمۇشنى ، ئىلىنى قىزغىن سۆيىدىغان كىشىلەر ئىلىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل، تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ بەختلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. پۇقرالار، مەيلى ئۇ قايسى مىللەتتىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تىنچ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ، يۇرتىمىزنىڭ مەبلەغ سېلىشتىكى ئوبدان زېمىن، ياخشى ساياھەت مەنزىلگاھى، پۇقرالار خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان گۈزەل يۇرتقا ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسى ۋە يېقىندا شىنجاڭدا ئارقا – ئارقىدىن زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلىش دېلولىرىنى سادىر قىلغان زوراۋان – تېررورچىلار ئۆزلىرىگە قارشى چىققانلا بولسا، بىگۇناھ ئاممىنى مىللەت ئايرىماي ئۆلتۈردى، ھەممىلا جايدا زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، شىنجاڭنى قالايمىقانچىلىق، تەرتىپسىزلىك ئەۋج ئالغان زېمىنغا ئايلاندۇرۇش غەرىزىدە بولدى. مۇشۇنداق بولۇۋەرسە، كىم شىنجاڭغا كېلىدۇ؟ كىم ئىلىغا كېلىدۇ؟ ئىلى تەرەققىي قىلمىسا، ئىلى خەلقىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىدىن سۆز ئاچقىلى بولامدۇ؟ غۇلجا شەھىرىدە ۋەزىپە بىلەن چېنىقىۋاتقان خىزمەتدىشىم بىرقانچە كۈن بۇرۇن مۇنداق دېدى: ئىلىغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەر ئازىيىپ كەتتى، سودا ئىشلىرى دېگەندەك يۈرۈشمەيۋاتىدۇ، بىز مۇشۇنداق تۇرمۇشنى ئارزۇ قىلامدۇق؟ 2009 – يىلى ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، شىنجاڭدا زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى ۋە توپلىشىپ جېدەل چىقىرىش ۋەقەسى يۈز بەرسىلا، سىرتتىكىلەر بۇ ۋەقەلەرگە ‹‹مىللىي مەسىلە›› دەپ قالپاق كىيدۈردى، مارالبېشى ۋە پىچاندا يۈزبەرگەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلىش دېلولىرىدا زوراۋانلار بىگۇناھ ئاممىنى مىللەت ئايرىماي ئۆلتۈردى، ئازسانلىق مىللەتلەرگە تەسىر يەتكۈزدى ۋە زىيانكەشلىك قىلدى. مۇشۇنداق زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى مىللىي مەسىلە دېگىلى بولامدۇ؟ تەپەككۇر قابىلىيىتىگە ئىگە كىشى بولسىلا، زادى كىملەرنىڭ بىز ئازسانلىق مىللەتلەرنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشىش ھوقۇق – مەنپەئىتىمىزدىن مەھرۇم قىلىۋاتقانلىقىنى ئېنىق ئايرىيالايدۇ!

    ھازىر ھەممىمىز مۇقىملىق بەخت ، مالىمانچىلىق ئاپەت ، دەپ تەكىتلەۋاتىمىز . ھەممىمىز بۇ نۇقتىنى ئېنىق تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك . مۇقىملىق بولمىسا ، ھەممىدىن مەھرۇم بولىمىز . دۇنيادىكى پاراكەندىچىلىك ، مالىمانچىلىق ئۈزۈلمەيۋاتقان دۆلەتلەردە زادى كىملەر رىيازەت چېكىۋاتىدۇ ؟ ئازاب – ئوقۇبەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ؟ تېلېۋىزوردىن مىسىر، سۇرىيە، ئىراق قاتارلىق مالىمانچىلىق، نامايىش، پارتلىتىش، ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى كۈندە يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردە پۇقرالارنىڭ دەككە – دۈككىدە تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى ، بالا – چاقىسىدىن ئايرىلىپ خانىۋەيران بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى ، يۇرتىنى تاشلاپ مۇساپىر بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز . ئولتۇرىدىغان ئۆيى ۋەيران قىلىۋېتىلگەن ، بالا – چاقىسىدىن ئايرىلغان تۇرمۇشنى بەختلىك تۇرمۇش دېگىلى بولامدۇ ؟ مەيلى كىم ، مەيلى قايسى مىللەت بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ھېچكىم مالىمانچىلىق بولۇشىنى خالىمايدۇ . بىز مىللەتلەر ئارىسىدا ئۆچمەنلىك پەيدا بولۇشىنى تېخىمۇ خالىمايمىز . بىز ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشنىلا ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشنىلا ئۈمىد قىلىمىز . بۇ بىز ئازسانلىق مىللەتلەرنى ئۆزئىچىگە ئالغان بارلىق پۇقرالارنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسى .

    مۇقىملىق بولغاندىلا ، دۆلىتىمىز تەرەققىي قىلىپ گۈللىنەلەيدۇ . دۆلىتىمىز تەرەققىي قىلغاندىلا ، شىنجاڭ تەرەققىي قىلالايدۇ، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ . بىز ئۇيغۇرلاردا ‹‹ئىت قاۋاۋېرىدۇ، كارۋان يولىغا كېتىۋېرىدۇ››، دېگەن تەمسىل بار. يېقىندا يۈز بەرگەن قالايمىقانچىلىقلار ئومۇمىيەتكە تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ. قايسى مىللەت بولۇشىمىزدىن قەتئىينەزەر، ئىتتىپاقلىقىمىزنى كۈچەيتىپ، ھوشيارلىقىمىزنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان بارلىق زوراۋان – تېررورچىلار، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىپ، بىز ھەر مىللەتنىڭ ئورتاق يۇرت – ماكانىنى تېخىمۇ گۈزەل، باياشات قىلىپ قۇرۇپ چىقايلى!

    (ئاپتور ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى) 

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە