باش بەت   خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> مەخسۇس سەھىپە

تارىختىكى قەبرىسى ئېچىلغان داڭلىق كىشىلەر

ئاپتور: ئولىف كىلونۋېر يوللانغان ۋاقىت: 2013-01-07 12:54

    ئولىف كىلونۋېر ئەنگىلىيەلىك ھەربىي ئەمەلدار ۋە سىياسىي شەخس بولۇپ، 1658-يىلى قازا قىلغان ۋە دۆلەت دەپنە ئۇسۇلى بويىچە داڭلىق شىفمىر ئىبادەتخانىسىغا دەپنە قىلىنغان، جەسىتى چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغان. خانلىق دەۋرى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ جەسىتى كولاپ ئېلىنىپ كاللىسى كېسىۋېتىلىپ، جەسىتى لوندۇن شەھەر مەركىزى ئەتراپىدىكى بىر ئازگالغا تاشلىۋېتىلگەن، بۇ يەر ئەينى ۋاقىتتا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىدىغان جاي ئىدى.

    چارلىز چاپلىن

    دۇنياغا داڭلىك كومىدىيە ئاتىسى چارلىز چاپلىن 1977-يىلى روژدېستۋا بايرىمىدا شىۋېتسارىيەدە 88 يېشىدا ۋاپات بولغان ۋە ۋولىد ئىشتاتىغا دەپنە قىلىنغان. ئۈچ ئايدىن كېيىن پولشا ۋە بۇلغارىيەدىن كەلگەن ئىككى قانۇنسىز كۆچمەن تەرىپىدىن جەسىتى ئوغۇرلاپ كېتىلگەن، 11 ھەپتىدىن كېيىن ئۇنىڭ جەسىتى قايتۇرۇپ كېلىنگەن.

    ئېۋا بىلون خانىم

    ئارگېنتىنانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى بىلوننىڭ خانىمى ئېۋا بىلون قازا قىلغاندىن كېيىن ھەيۋەتلىك دەپنە قىلىنغان. 1950-يىلى، ئارگېنتىنادا ھەربىي ئىشلار ئۆزگىرىشى يۈز بېرىپ، يېڭىدىن ھاكىمىيەت بېشىغا چىققۇچىلار ئۇنىڭ جەسىتىنى مەخپى يۆتكەپ كەتكەن، 1957-يىلى ۋاتىكان دۆلىتىنىڭ ياردىمىدە ئۇنىڭ جەسىتى ئىتالىيەنىڭ مىلان شەھىرىگە يۆتكەپ ئاپىرىلىپ دەپنە قىلىنغان. 1971-يىلى ئۇنىڭ جەسىتى بىلونغا قايتا دەپنە قىلىنغان.

    كىيۇرى خانىم

    كىيۇرى خانىم ۋە ئۇنىڭ يولدىشىنىڭ جەسەت كۈلى 1995-يىلى فىرانسىيە پارىژدىكى مۇقەددەس ئىبادەتخانىدا قايتا دەپنە قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك تۆھپىسى تارتۇقلانغان. كىيۇرى خانىم پولشادا تۇغۇلغان بولۇپ، تارىختا بىرىنچى بولۇپ ئىككى تۈرلۈك نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن شەخس ھېسابلىنىدۇ. ئۇ 1934-يىلى ئاق قان كېسەللىكى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن.

    جېسسى جامىس

    ئامېرىكىدا سېسىق نامى پۇر كەتكەن قارا گۇرۇھ كاتتىبېشى بولۇپ، 1882-يىلى ئۆلگەندىن كېيىن كىشىلەر ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن گۇمانلانغان، ئۇنىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن 1955-يىلى ئۇنىڭ جەسىتى كولاپ چىقىپ تەكشۈرۈپ جەسەتنىڭ ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئىكەنلىكى جەزىملەشتۈرۈلگەن.

    كىرىستوف كولومبۇ

    1506-يىلى، كولومبۇ ئىسپانىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى بىر ئاددىي مېھمانسارايدا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ ۋەسىيىتىدە ئۆزىنى ئۆزى بايقىغان ئامېرىكا قىتئەسى يېڭى چوڭ قۇرۇقلۇقىغا دەپنە قىلىش تەلەپ قىلىنغان، ئەمما ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا قىتئەسىدە مۇۋاپىق چېركاۋ بولمىغانلىقتىن ئىسپانىيەنىڭ ۋالادولىد دېگەن يەرگە دەپنە قىلىنغان. كېيىن قايتىدىن ئىسپانىيە سېۋېلىيەدىكى بىر قەبرىستانلىققا دەپنە قىلىنغان.

    ئېلزابىت سىدار

    ئەنگىلىيەلىك سەنئەتكار ۋە شائىر تادىن روسايدىنىڭ خانىمى ئېلزابىت سىدار 1862-يىلى ئەپيۇننى زىيادە كۆپ چەككەنلىكتىن زەھەرلىنىپ ئۆلگەن، ئۇ دەپنە قىلىنغاندا روسايدىنىڭ بىر مۇنچە ئەسەرلىرى ئۇنىڭ بىلەن قوشۇپ دەپنە قىلىنغان، كېيىن روسايدى ئاشۇ قوشۇپ دەپنە قىلىنغان ئەسەرلىرىنى نەشىر قىلدۇرماقچى بولغاندا قەبرىنى ئېچىپ ئۇ نەرسىلەرنى ئالغان.

ئولىف كىلونۋېر
  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

2013–يىلى يىل ئاخىرىدا ئائىلىلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى تەكشۈرۈلىدۇ

جۇڭگو باشقىلارنىڭ كەلسە-كەلمەس ئەيىبلىشىگە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ

ئادۋوكات كېلەر يىلىدىكى بىر قىسىم بايراملىق دەم ئېلىش ئورۇنلاشتۇرۇشى ئەمگەك قانۇنىغا خىلاپ دەپ قارىغاچقا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىغا خەت يېزىپ ئۆزگەرتىش تەكلىپى بەردى

مىللىي رايونلاردىكى لېكسىيە ئۆمىكى جايلار ۋە تارماقلارغا بېرىپ 18- قۇرۇلتاي روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى

شى جىنپىڭ گۇاڭجوۋ ئۇرۇش رايونىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش بىلەن ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنى تەكىتلىدى

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك

18- قۇرۇلتايدىن كېيىن 8 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ تەكشۈرۈلىدىغانلىقى جاكارلاندى

بىزدىن ۋىزا تەلەپ قىلمايدىغان دۆلەتلەر نېمىشقا شۇنچە ئاز؟

«ئۆزىنى كۆيدۈرۈش»كە قۇتراتقۇلۇق قىلىش دالاي گۇرۇھىنىڭ مەغلۇبىيەتلىك تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ

2013-يىلدىكى يەتتە بايرامدا 29 كۈن دەم ئېلىشقا قۇيۇپ بېرىلىدۇ

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى

شى جىنپىڭ ئاساسىي قانۇن يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى

دۆلەتنىڭ، مىللەتنىڭ ئەھۋالى ياخشىلانسا، ھەممىزگە ياخشى

ئۆتكەن يىلى جۇڭگونىڭ مىللىي رايونلىرىدىكى نامرات يېزا نوپۇسى 40 مىليونغا يېقىنلاشقان

مەملىكەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ تېلېۋىزىيە، تېلىفون يىغىنى ئېچىلدى

يۈ جېڭشىڭ پارتىيە سىرتىدىكى زاتلارنىڭ 18-قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى

ئۈچ مىنىستىرلىق 12 تۈرلۈك مەنئىي قىلىش پەرمانى ئېلان قىلدى

سەي مىڭجاۋ : جۇڭگونىڭ سىياسىي تۇزۇلمە ئسلاھاتى ھەرقانداق خەۋپ –خەتەردىن قورقۇپ كەتمەيدۇ، پاراكەندىچىلىكتىن ئادىشىپ قالمايدۇ

مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئاخبارات يىغىنى

بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەلەر جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيىنى قىزغىن تەبرىكلىدى


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

19–سېنتەبىردىن باشلاپ ئىنتېرنېت تورى ۋە تېلېفوندا ‹‹ئىككى بايراملىق›› پويىز بېلىتىنى ئالدىن زاكاز قىلغىلى بولىدۇ.

نۆۋەت ئالماشتۇرۇش تۈزۈمىنى كۈچەيتىپ، ئىستىلنىڭ دۇرۇس، كەيپىياتنىڭ توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلايلى
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号