دۆلىتىمىزدە نۆۋەتتە ئاشلىقنى ئىسراپ قىلىشقا قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىش ھەرىكىتى قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. ئۇنداقتا، چەتئەللەردىكى ئاشلىق ئىسراپچىلىقى قانداق؟ چەتئەللىكلەر يېمەكلىك ئىسراپچىلىقىغا قانداق قارايدۇ؟
ئامېرىكىدا كۆرۈمسىز بولكىلار بىۋاستە تاشلىۋېتىلىدىكەن
ئامېرىكا ئىسراپچىلىق ئېغىر دۆلەت. ۋول كوچىسى گېزىتىنىڭ ئىلگىرىكى سىتاتىستىكىسىغا قارىغاندا: مىننەتدارلىق بايرىمىدىن روژدېستىۋا بايرىمىغىچە ئامېرىكىلىقلار تەخمىنەن بەش مىليون توننا ئاشلىق ئىسراپ قىلىدىغان بولۇپ، ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئاشلىق ئىسراپچىلىقى ئەڭ ئېغىر بولغان مەزگىلكەن. ئامېرىكا دۆلەتلىك تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىلىقلار يىلىغا 33 مىليون توننا ئاشلىق ئىسراپ قىلىدىكەن. بۇ ھەقتە 2010-يىلى جانسېن«ئامېرىكىلىقلار ئاشلىقىنىڭ يېرىمىنى قانداق تاشلىۋېتىدۇ» دېگەن كىتابنى يازغان. رېستۇرانلاردا ئاشلىق ئىسراپ قىلىش ئامېرىكىلىقلارغا نىسبەتەن نورمال ئىشتۇر. ئامېرىكا رېستۇرانلىرىدا بېرىلىدىغان تاماق كۆپ بولغاچقىمۇ، خېرىدارلارنىڭ تاماقنى ئاشۇرۇپ قويۇشى مۇقەررەر، شۇڭا ئۇلارنىڭ نەزىرىدە تاماق ئاشۇرۇپ قويۇش نورمال ئىش ھېسابلىنىدىكەن. ھېچكىممۇ تاماقنى ئاشۇرۇپ قويغىنىغا ئەپسۇسلانمايدىكەن. نيۇيوركتىكى ئاز بىر قىسىم خېرىدارلار ئېشىپ قالغان تامىقىنى ئوراپ ئەكېتىدىكەن. ئىستىراھەت مېھمانخانىلىرىدا تاماق يېگەن ساياھەتچىلەرنىڭ بەتخەجلىك قىلىشى ئەڭ ئېغىر ئىكەن. ئائىلە تەربىيىسىنىڭ تەسىرى بولغاچقا، ئاسىيا پۇشتىدىن بولغان سولمېن ئاشلىق ئىسراپچىلىقىغا ناھايىتى قارشى تۇرىدىكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئامېرىكىلىق دوستلىرىنىڭ ئاشلىق تېجەش ئېڭى ناھايىتى سۇس ئىكەن. خېرىدارلار ئەمەس، بەلكى رېستۇران خوجايىنلىرىمۇ ناھايىتى ئىسراپخور ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە بىر مىسال كۆرسىتىپ: سولمېن بىر قېتىم تاماقخانىغا بېرىپ پىياز سېلىنمىغان ساندىۋىچ بۇيرۇتقان، لېكىن دۇكاندار ئۇنتۇپ قېلىپ پىياز سېلىپ قويغان، ئاندىن بۇ پىياز سېلىنغان ساندىۋىچنى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋېتىپ، قايتىدىن پىياز سېلىنمىغان ساندىۋېچ ياسىغان. بۇنىڭدەك چەكلىگىلى بولمايدىغان ئىسراپچىلىقلار ئامېرىكا تاماقخانىلىرىدىكى ناھايىتى نورمال ئەھۋال.
سولمىننىڭ دېيىشىچە: ئامېرىكا ئاشلىق ئەرزان ھەم ناھايىتى مول دۆلەت. شۇڭلاشقا ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئائىلە خىراجىتىدە ئاشلىق ئۈچۈن ئاجرىتىلغان خىراجەت ناھايىتى ئاز قىسىمنى ئىگىلەيدىكەن. بۇ خىل ئەھۋال ئاشلىق ئىسراپ قىلىشنىڭ بىردىنىبىر سەۋەبى بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئامېرىكا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئاشلىق ئىسراپچىلىقىنى چەكلەش ھەققىدە ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق ئالاھىدە تەدبىر قوللانمىغان. لېكىن پۇقرالار ئىچىدىن تەشكىللەنگەن كىچىك تىپتىكى تەشكىلاتلار تاماقخانا، رېستۇرانلار بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق ئايدا ئاز بولغاندا 7000~10000 قاداق ئاشلىقنى تېجەپ قېلىپ، بىر قىسم ئاشلىقلارنىڭ بىۋاستىلا ئەخلەت ساندۇقلىرىغا تاشلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان. يەنە ئاز ساندىكى بەزى تاماقخانىلار «تاماق ئاشۇرۇپ قويغانلارغا جەرىمانە قويۇش» ئۇسۇلىنى قوللانغان.
ئىسراپچىلىقنىڭ دەرىجىسى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى تەرىپىدىن بەلگىلىنەمدۇ؟جەنۇبىي ئافرىقىلىق 26 ياشلىق قىزچاق خەلېن شاڭخەيدىكى مەلۇم بىر ئىنگىلىزتىلى تەربىيلەش ئورگىنىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى. ئۇنىڭ دېيىشىچە ئاشلىق ئىسراپچىلىقى ئۇنىڭ يۇرتىدىمۇ دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدىكەن. جەنۇبىي ئافرىقىدا تاماقخانىلاردا بېرىلىدىغان تاماقنىڭ مىقدارى جىق ئىكەن. بايلار ھېچنىمىنى ئويلاشماستىنلا كۆپ تاماق بۇيرۇتۇپ، يەپ بولالماي ئاشۇرۇپ قويۇپ نۇرغۇن ئاشلىق ئىسراپچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. لېكىن كۆپ قىسىم جەنۇبىي ئافرىقىلىقلار ئاشلىقنى تەبىئىي قەدىرلەيدىكەن. نۇرغۇن كەمبەغەللەر بىر كۈندە ئاران بىر ۋاخلا تاماق يېيەلەيدىكەن، بەزىلىرى ھەتتا ئاشلىقتىن تىلەمچىلىك قىلىدىكەن. خەلېننىڭ قارىشىچە، ئەگەر بايلار ئېشىپ قالغان تامىقىنى ئوراپ كەمبەغەللەرگە بەرسە، ئىسراپچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن بىللە يەنە كەمبەغەللەرنىڭ ئاچلىق مەسىلىسىمۇ ھەل قىلىنىدىكەن.
خەلېن شاڭخەيدە ياشاۋاتقاندا دائىم تاللا بازىرىغا بېرىپ ساقلىنىش مۇددىتىگە ئاز كۈن قالغان سۈپىتىگە تەسىر قىلمايدىغان باھاسى چۈشۈرۈلگەن يېمەكلىكلەرنى سېتىۋېلىپ يەيدىكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، جەنۇبىي ئافرىقىدا مەلۇم بىر مەخسۇس ساقلىنىش مۇددىتىگە ئاز كۈن قالغان يېمەكلىك سۈپىتىگە تەسىر قىلمايدىغان باھاسى چۈشۈرۈلگەن يېمەكلىكلەرنى ساتىدىغان تاللا بازار بار بولۇپ، ئۇ يەردىكى مال ساتقۇچىلار خېرىدارلارغا ناھايىتى تەپسىلىي ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن بۇ يېمەكلىكلەر توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىدىكەن. جەنۇبىي ئافرىقىدا ھەر يىلى نەچچە مىليون توننا ئاشلىق ئىسراپ بولىدىكەن. جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئاساسىي ئەسلىھە قۇرۇلۇشق يېتەرلىك بولمىغاچقا، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش، توشۇش، ئوراپ قاچىلاش، يۆتكەش قاتارلىق ھالقىلاردا ھەريىلدا نەچچە مىليون توننا ئاشلىق ئىسراپ قىلىنىدىكەن. خېرىدارلارنىڭ سېتىۋېلىش ۋە ئىستېمال قىلىش ھالقىلىرىدا ئاشلىقنىڭ ئىسراپ قىلىنىش نىسبىتى يەنە ئېغىر ئەمەس ئىكەن. خەيلۇن ئاشلىقنىڭ ئىسراپ قىلىنىش دەرىجىسىنى تەرەققىي قىلغان دۆلەت ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئارىسىدىكى پەرقتىن دەپ قارايدىكەن.
بايرام كۈنلىرى يېتىپ كېلىشى بىلەنلا ياۋروپادىكى ھەممە ئائىلىلەر بازاردىن نۇرغۇن يېڭى گۆش، كۆكتات، يېمەكلىكلەرنى سېتىۋېلىپ توڭلاتقۇنى لىق تولدۇرۇۋېتىدۇ. توڭلاتقۇچدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسىلا تاشلىۋېتىدۇ. سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ياۋروپادىكى 27 دۆلەتتە يىلىغا89 مىليون توننا يەنى كىشى بېشىغا 179 كىلوگرام ئاشلىق ئىسراپ قىلىنىدىكەن. ئەگەر بۇ ئەھۋال ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋېرىدىغان بولسا، 2020-يىلىغا كەلگەندە ئىسراپ قىلىنىدىغان ئاشلىق %40 گە يېتىدىكەن. ئاشلىق ئىسراپ قىلىش تىزىملىكىدە ئادەتتىكى ئائىلىلەرنىڭ ئىسراپ قىلىش ئەھۋالى %42 بىلەن بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. ئىسراپ قىلىشتىكى ئاساسلىق سەۋەبلەر يېمەكلىكنى ئارتۇق سېتىۋىلىش، ياخشى ساقلىماسلىق بولۇپ، بۇخىل ناچار ئۇسۇللاردىن ساقلانغىلى بولىدۇ ئەلۋەتتە.
ياۋروپالىقلارنىڭ يېمەكلىككە قويۇلغان ئۆلچىمى كۆپ بولۇپ، يېمەكلىكنىڭ تاشقى قىياپىتى بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلىرىنىڭ بىرى. تەرخەمەك، سەۋزە قاتارلىق كۆكتاتلارنىڭ شەكلى كۆرۈمسىز بولۇپ قالسا، بازاردا چەتكە قېقىلىپ قالىدىكەن. 2009-يىلى 26 خىل كۆرۈمسىز كۆكتات ۋە مېۋە-چېۋە توغرىسىدىكى قاراش بىكار قىلىنغان. لېكىن ئالما، پەمىدۇر، بۆلجۈرگەن قاتارلىق 10 خىل دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئۆلچەم يەنىلا ئۆزگەرمىگەن. چۈنكى بۇ مەھسۇلاتلار ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى سودا مىقدارىنىڭ %70 نى ئىگىلەيدىكەن. دېمەك سۈپەتلىك، ساغلام بولغان دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى كۆرۈمسىز بولۇپ قالسا يەنە بازارغا سېلىنمايدۇ. ياۋروپا بۇ ھەقتە نۇرغۇن مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنى بۇ خىل ئۆلچەمنى تۈپتىن يوقىتىش توغرىسىدا چاقىرىق قىلىۋاتىدۇ.
شەخسىي دۇكاندارلار پايدىنى كۆزدە تۇتقاچقا، نۇرغۇن ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاشلىق ئىسراپچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ساقلاش مۇددىتىگە ئاز قالغان يېمەكلىكلەرنى بەزى تاللا بازارلىرىدا مەخسۇس پوكەي ئاجرىتىپ ئېلان قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق سېتىشنى تېزلىتىدىكەن. يېمەك-ئىچمەك ساھەسىدە تۆكۈلگەن يېمەكلىكلەر ئىسراپ قىلىنغان ئاشلىقنىڭ %14 نى ئىگىلەيدىكەن. بريۇسسېل شەھەر مەركىزىدىكى مەلۇم بىر تاماق تاللا رېستۇرانى خوجايىنىنىڭ دېيىشىچە، يەرلىك تاماق يېگۈلى كېلىدىغان مېھمانلارنىڭ ئىچىدە تاماق ئاشۇرۇپ قويىدىغىنى ناھايىتى ئاز بولۇپ، ئۆزلىرىگە مۇۋاپىق كەلگۈدەكلا تاماق ئېلىپ يەيدىكەن. لېكىن كۈندىلىك مېھمانلارنىڭ سانىنى كونترول قىلىپ بولالمىغانلىقتىن، زاپاس ساقلانغان تاماقنىڭ مىقدارى جەھەتتە ئىسراپچىلىقتىن خالىي بولغىلى بولمايدىكەن.
ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئېغىر دەرىجىدىكى ئاشلىق ئىسراپچىلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەچكە، 2025-يىلىغىچە ئاشلىق ئىسراپچىلىقىنى يېرىم ھەسسە ئازايتىشنى پىلانلىغان. ئۆتكەن يىلى 8-ئايدىن باشلاپ، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھەمكارلىق ئورنىتىپ «يېمەكلىكنى سەرخىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىش» ماددىسىنى يولغا قويغان. ياۋروپا ئەللىرى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئۈچۈن، پارلامېنت ئەزالىرى 2014-يىلنى«ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئاشلىق ئىسراپچىلىقىغا قارشى تۇرۇش يىلى» قىلىپ بېكىتكەن.