
شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى 21 – ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خەن يۇڭ تەبرىكلەش يىغىنىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

خەن يۇڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى 30 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىدە، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەتقىقات نەتىجىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك سىياسەت، تەدبىرلەرنى تۈزۈشىدە تۈرتكىلىك، يېتەكچىلىك رول ئويناپ، پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن ئىلمىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى. شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى چۆرىدىگەن ئاساستا، ياخشى ئىدىيە ئامبىرى، ئاقىللار كوللېكتىپى بولۇشتەك رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇشى؛ شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ كەڭ دائىرىلىك تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ئۈچۈن داۋاملىق تۆھپە قوشۇشى؛ پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئۇنى خەلق ئاممىسى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدۇرۇشى؛ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن ئىلمىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.
جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ يەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى پۇرسەتنى تۇتۇپ، تەتقىقات مۇھىم نۇقتىلىرىنى بېكىتىپ، پەن ئەۋزەللىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۆز تەرەققىياتىنى دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىش، مىللەتنىڭ گۈللىنىش جەريانىغا سىڭدۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭنىڭ پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى داۋاملىق زور كۈچ بىلەن قوللاپ، ئۇنى شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيسى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ئابدۇرازاق تۆمۈر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ باشلىقى ۋۇفۇخۇەن يىغىندا سۆز قىلدى
ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن خۇ ۋېي، دۇ چىنرۇي، تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت قاتارلىقلار تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى.