ھازىر ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تاپشۇرۇق يۈكى تولىمۇ ئېغىر، روھىي جەھەتتىكى يۈكى ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر. مەلۇم بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئېيتىشىچە، تولۇق ئوتتۇرىغا چىققاندىن باشلاپ، ئۇ ھەر قېتىم ئاپىسى ئېتىپ بەرگەن تاماقنى ئوخشاپتۇ دەپ ماختىسا، ئاپسى ئادىتى بويىچە مۇنداق دەيدىكەن: ‹‹ئۇنداق بولسا، سەن چوقۇم ياخشى ئوقۇ جۇمۇ!››. ئۇ ساۋاقداشلىرىغا ئۆزىنىڭ دەردىنى تۆككەندە، ساۋاقداشلىرى كۈلۈپ كېتىپتۇ. ئەسلىدە، كۆپچىلىكنىڭ باشتىن كەچۈرگەنلىرى ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدىكەن. بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ دېيىشىچە، مەۋسۇملۇق ئىمتىھاندا ياخشى نەتىجە ئالالمىغان ۋاقىتتا، ‹‹ بىر يىلدىن بۇيان يېگەن ياخشى تاماقلارنىڭ ھەممىسىنى قۇسۇپ چىقىرىۋەتكۈسى كېلىپ كېتىدىكەن››.
بالىغا پەقەت بىر ۋاخ ياخشى تاماق بېرىپلا ‹‹ سەن چوقۇم ياخشى ئوقۇشۇڭ كېرەك›› دېيىش توغرا ئەمەس. سىز مەكتەپكە بېرىپ قاراپ بېقىڭ، بىز دەۋاتقان ‹‹ ئوقۇش جېڭى›› دىكى كەسكىنلىك قايسى دەرىجىگە بېرىپ يەتكەندۇ، ئۇنى ‹‹بىر ۋاخ ياخشى تاماق›› بىلەنلا تېگەشكىلى بولامدۇ؟ ئاتا–ئانىلار بالىلارغا يېمىگەننى يېگۈزۈپ، كىيمىگەننى كىيدۈردۇق، شۇڭا، ئۇلار بىزگە جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەك، دەپ كىچىككىنە ئىش قىلىپ بېرىپلا ‹‹سېنىڭ ئەڭ ياخشى ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن›› دېمەسلىكىمىز لازىم.
مائارىپىمىزدا مۇنداق بىر نۇقسان بار، ئۇ بولسىمۇ، ھەر قاچان بالىدا باشقىلارغا قەرزدارلىق ھېسسىياتىنى پەيدا قىلدۇرۇش، يەنى، دۆلەتكە قەرزدار، جەمئىيەتكە قەرزدار، ئوقۇتقۇچىغا قەرزدار، ئائىلە باشلىقىغا قەرزدار دېگەندەك...
ئوقۇغۇچى ئاتا–ئانىلارنىڭ جاپالىق ئەمگىكىنى، ئوقۇتقۇچى خىزمىتىنىڭ جاپالىقلىقىنى كۆرسىلا، شۇ كۇپايە، ئۇلار پەقەت ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچى بارلىقىنى چۈشىنىپ يەتسىلا، جەزمەن ئۆز تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
نېمە ئۈچۈن قىسمەن ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەندىن كېيىن، ئۆگىنىشتىكى ئاكتىپلىقىنى يوقىتىپ، ئوقۇشىنى تاشلاپ قويىدۇ؟ بۇ ناھايىتى ئاددىي، يەنى ئۇ ‹‹قەرز››نى قايتۇرۇپ بولدى.