شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى بىر مىليۇن بەش يۈز مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ نەشر قىلدۇرغان 34 پارچە «مۇتەخەسسىس– ئالىملار ئەسەرلىرى خەزىنىسى» يېقىندا كەينى- كەينىدىن نەشر قىلىندى. بۇ ئەسەرلەر شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى 34 مۇتەخەسسىسنىڭ بىرنەچچە ئون يىللىق ئىجتىمائىي پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ يىغىندىسى بولۇپ، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىنىڭ نامايەندىسى.
2012- يىلى 3- ئاينىڭ 19- كۈنى (دۈشەنبە) چۈشتىن كېيىن سائەت 2:00 تە (ئۈرۈمچى ۋاقتى) شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تىل تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى كۇتۇپخانا بىناسى 3- قەۋەت ئىلمىي مۇھاكىمە زالىدا شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى «مۇتەخەسسىس– ئالىملار ئەسەرلىرى خەزىنىسى» (تىلشۇناسلىق ئەسەرلىرى)نى تارقىتىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى، سۆھبەت يىغىنىدا ئاتاقلىق ئالىم، تىلشۇناس، ئالىي تەتقىقاتچى ئىبراھىم مۇتىئىينىڭ «ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىدىن تامچىلار» (خەنزۇچە) ئاتاقلىق قازاق ئالىمى، تىلشۇناس، تارىخشۇناس، ئالىي تەتقىقاتچى نىغمەت مىڭجانىنىڭ «قازاق مەدەنىيىتى مىراسلىرى تەتقىقاتى» (قازاقچە)، ئالىي تەتقىقاتچى تاھىرجان مۇھەممەدنىڭ «ئۇيغۇر تىلى – مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» (ئۇيغۇرچە)، قازاق تىلى، مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىسى، تەرجىمىشۇناس، ئالىي مۇھەررىر قاھارمان مۇقاننىڭ «قازاق ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ۋە خەنزۇچە خەتلەرنىڭ قەدىمكى تەلەپپۇزى ھەققىدە تەتقىقات» (قازاقچە) قاتارلىق تۆت ئەسەرنى چۆرىدىگەن ھالدا ئىلمىي سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى.
شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تىل تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، كاندىدات تەتقىقاتچى غەيرەت ئابدۇرەھمان يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەرنى ھەم بۇ يىغىننىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى تونۇشتۇردى.
شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ئابدۇرازاق تۆمۈر باشلىنىش سۆزى قىلىپ، مۇنداق دېدى: «30 نەچچە يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى نەچچە ئەۋلاد مۇتەخەسسىس – ئالىملار نەچچە يۈز، ھەتتا مىڭلىغان ئەسەرلەرنى نەشر قىلدۇردى، نەچچە ئون مىڭلىغان ئىلمىي ماقالە ۋە تەتقىقات دوكلاتلىرىنى ئېلان قىلدى، ئۇلار شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل، مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ قاتناشقۇچىلىرى، قۇرغۇچىلىرى، دەلىللىگۈچىلىرىدۇر. 2008- يىلى شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئالىي ئۈنۋانغا ئىگە (تەتقىقاتچى، پروفېسسور، ئالىي مۇھەررىر) مۇتەخەسسىسلەدىن ئاۋۋال پېشقەدەم ئالىملارنىڭ، ئاندىن خىزمەت ئورنىدا ئىشلەۋاتقانلارنىڭ بولۇپ، ھەر بىرىنىڭ بىردىن ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمىنى نەشر قىلدۇرۇشنى قارار قىلغانىدى، بۇ ماقالىلەر شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات، قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ئىسپاتى بولۇپ قالغۇسى.»
يىغىندا ئاپتورلاردىن تاھىرجان مۇھەممەد، ئاپتورلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ئىبراھىم مۇتىئىنىڭ قىزى خالىدە مۇتىئى، نىغمەت مىڭجانىنىڭ قىزى مەرپۇغە نىغمەت، قاھارمان مۇقاننىڭ ئايالى قالىقاش خانىم قاتارلىقلار مەزكۇر توپلاملارنىڭ تەييارلىنىشى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى. تىل تەققىقات ئىنستىتۇتىنىڭ سابىق باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى ئامىنە غاپپار خانىم «ئىبراھىم مۇتىئىي بىلەن نىغمەت مىڭجانىنىڭ تەتقىقات روھى»نى تېما قىلغان ھالدا سۆز قىلدى. ئاكادېمىيەنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى جاقىپ مىرزاقان «پىشقەدەم تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىزدىنىش روھى»نى تېما قىلغان ھالدا سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق تىل- يېزىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، تەتقىقاتچى شارىپقان ئابدالى، تىل تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ سابىق باشلىقى، كاندىدات تەتقىقاتچى سابىت روزى، تىل تەققىقات ئىنستىتۇتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى كاندىدات تەتقىقاتچى پەرھات جىلان، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سېكرىتارى، مۇئاۋىن باشلىقى، پروفېسسور ئابدۇبەسىر شۈكۈرى، «شىنجاڭ ئۆسمۈرلەر گېزىتى»نىڭ باش مۇھەررىرى، ئالىي مۇھەررىر مىجىت تۇرسۇن، ئاپتونوم رايونلۇق مەسلىھەتچىلەر ئىشخانىسى مەدەنىيەت– تارىخ باشقارمىسىنىڭ باشلىقى تەلئەت ئىبراھىم (تىلەك)، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» قازاق تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، ئالىي مۇھەررىر ياسىن قۇمار قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر بۇ ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمىنىڭ نەشر قىلىنىشىغا بولغان قاراشلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
يىغىندا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى مۇزېيى، ئاپتونوم رايونلۇق تىل- يېزىق خىزمىتى كومىتېتى تەتقىقات مەركىزى، «تىل ۋە تەرجىمە» ژورناللىرى نەشرىياتى قاتارلىق ئورۇنلارغا كىتاب تەقدىم قىلىندى.
ئاخىرىدا، ئاكادېمىيەنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى كۈلەن نىغمەت بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنى ھەققىدە خۇلاسە سۆزى قىلدى.
خەۋەر تەييارلىغۇچى: نىجات قاسىم
مۇھەررىر : ئەكبەر ئابلىكىم
مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش
نەپىس ئەتلەس بويۇملار
ئۇيغۇر مىللىيچە ئۆيلىرى
ئونسۇ ناھىيە جام بازىرى 1-نۆۋەتلىك «مولھۇسۇل لوڭقۇسى» دېھقان-چارۋىچىلار تەنھەركەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى
كۇيتۇن قىزىلتاغ چوڭ جىلغىسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
ئىراق تەخمىنەن 6 مىليون 800 مىڭ سۇرىيەلىك مۇساپىرغا باشپاناھ بولدى
كېرىيە يېزىلىرىدا ......
ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ باش كىيىملىرى
كەڭساي مەنزىرىلىرى
ئىللىق قەلىبلەرگە تولغان قاتناش ساقچىسى
سەبىي بالىلار
خوتەن دىيارى كەچلىك بازىردىن كۆرنۈش-غاز تۇخۇمى
ئوۋچى ۋە قارچۇغا