ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنڭىز : ئۇيغۇرچە

ئەدەبىيات-سەنئەتتە «ئۈچكە يېقىنلىشىپ»، ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىمىز

يوللانغان ۋاقت : 2013 - يىلى 09 - ئاينىڭ 26- كۈنى 10:26 مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

    شىنجاڭ ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي رەئىسى، شىنجاڭ مۇقام يۇرتى سەنئەت ئىجادىيىتى تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، 1-دەرىجىلىك رېژىسسور: كۈرەش رەجەپ

    پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، بىز ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي سەزگۈرلۈكىمىز ۋە سىياسىي پەرقلەندۈرۈش كۈچىمىزنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، مۇھىم پىرىنسىپال مەسىلىلەردە كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، بايرىقىمىزنى روشەن قىلىشىمىز، مەيدانىمىزنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشىمىز كېرەك.

    ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر يېڭىلىق يارىتىش، ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇشنىڭ دەۋرنىڭ تەلىپى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ، كىشىلەر قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، جانلىق، تەسىرلىك سەنئەت ئوبرازلىرىنى يارىتىپ، ئەدەبىيات – سەنئەتتە «ئۈچكە يېقىنلىشىپ» ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان قاتلامدىن ھەر مىللەت ئاممىنىڭ شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان روھىي قىياپىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئامما ياقتۇرىدىغان، كۆرۈپ زېرىكمەيدىغان ئېسىل ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىنى يارىتىشىمىز كېرەك.

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە