زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ ،پارتكوم ،ھۆكۈمەتنىڭ ئەقىل-پاراسەت ئامبىرى بولۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى 16 - سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتىنىڭ مۇھىم بازىسى ۋە ئىلىم ئالماشتۇرۇش مەركىزى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ‹‹ئىدىيە ئامبىرى››، ‹‹ئاقىللار ئۆمىكى››. ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىيە باشقۇرۇش توغرا يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، پائال ئەقىل كۆرسىتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشىنى مۇھىم ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يەنىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
نۇر بەكرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇ ۋېي، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ كۇتۇپخانا، دىن تەتقىقاتى ئورنى، ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى ئورنى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ژۇرنىلى تەھرىراتى قاتارلىق ئورۇنلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر بىلەن بىرلىكتە پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسىنىڭ تەرەققىيات پىلانى توغرىسىدا مۇزاكىرىلەشتى.
نۇر بەكرى دىن تەتقىقاتى ئورنىدىكى تەتقىقاتچىلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان، ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش،دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ماسلىشىشقا يېتەكلەش قاتارلىق تېمىلاردا چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، قىممىتى بار، پايدىلىنىشقا بولىدىغان تەكلىپ - پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. نۇر بەكرى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى ئورنىدا مۇنداق دېدى: بۇ غەربىي رايون، ھەتتا مەملىكەت بويىچە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە تەتقىقات ئورنى، سىلەرنىڭ پەن ئەۋزەللىكىڭلارنى ئۈزلۈكسىز جارى قىلدۇرۇپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، يەنىمۇ روناق تېپىپ، تېخىمۇ كۆپ ئېسىل ئىلىم- پەن ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ژۇرنىلى تەھرىراتىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، نۇر بەكرى مۇنداق دېدى: ژۇرنال نەشر قىلىشتا توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىلىم - پەن ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، مائارىپ، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلىرىنى كۆپرەك چۆرىدەپ، تېما تەتقىقاتىنى قاراتمىلىقى بار ھالدا قانات يايدۇرۇپ، ژۇرنال نەشر قىلىش سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.
نۇر بەكرى ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: يېڭى ۋەزىيەتتە، ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي تەتقىقاتتا باشتىن - ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى ساقلىشى؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹بەشتە تەۋرەنمەسلىك››نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلىشى؛ مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەتكە خىزمەت قىلىپ، ئەقىل - پاراسەت ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى؛ نەزەرىيىدە يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇتۇشتا ئەستايىدىل ھەم ئېھتىياتچان بولۇشتىن ئىبارەت ئېسىل ئوقۇتۇش ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىيەت جەريانىدا تەتقىقات تېمىسىنى بايقاپ، توغرا ۋە ئېنىق چۈشەنچىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇھىم تېمىلاردا ئۆتكەلگە ھوجۇم قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشى؛ ياخشى مۇھىت بەرپا قىلىپ، ئىختىساسلىقلار قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئىختىساسلىقلار بىرىنچى بايلىق مەنبەسى. ئىختىسالىقلارنى بايقاپ، ھازىر بار بولغان ئىختىساسلىقلارنى يۈرەكلىك ئىشلىتىپ، ‹‹ھەر كىم ئۆز ئىقتىدارى، قابىلىيىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش››نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شۇ ئاساستا سىرتتىن ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدۇرۇشى كېرەك.