6 – ئاينىڭ 29 – كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاكادېمىيىنىڭ يىغىن زالىدا ،پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ئېچىلدى . ئاكادېمىيىدىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋە پېنسىيىگە چىققان بىر قىسىم پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى بولۇپ 180 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى . ئاكادېمىيە پارتتىكومىنىڭ سېكرىتارى ئابدۇرازاق تۆمۈر ،يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى ، ئاكادېمىيە باشلىقى ۋۇ فۇخۇەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى . مۇئاۋىن ئاكادېمىيە باشلىقى ئابدۇرازاق تۆمۈر ، ليۇ جوڭكاڭ قاتارلىقلار قاتناشتى .

ئاكادېمىيە پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ئابدۇرازاق تۆمۈر سۆز قىلماقتا

ۋۇ فۇخۇەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

دەبدەبىلىك << ئىنتىرناتسىئونال شېئىرى >> دىن كېيىن ، يېڭى پارتىيە ئەزالىرى قەسەميات قىلدى
ئاكادېمىيە سېكرىتارى ئابدۇرازاق تۆمۈر مۇھىم سۆز قىلىپ ، ئاكادېمىيىدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرىدىن ئۆزلىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق رولىنى جارىي قىلدۇرۇپ ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ ، ئىدىيىنى داۋاملىق ئازاد قىلىپ ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ ،تىرىشىپ ئىشلەپ ، يېڭىلىق يارىتىپ ، تەتقىقاتتا نادىر ئەسەرلەرنى كۆپلەپ چىقىرىپ ، ئاپتۇنۇم رايونىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆپلەپ تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىت قىلدى .