− ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە–ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا
(3)
‹‹خەلق گېزىتى›› ئوبزورچىسى
كىشىلەر ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە باھا بەرگەندە، قانچە قېتىم ئىپادە بىلدۈرۈلگەنلىكىنى، قانچە قېتىم يىغىن ئېچىلغانلىقىنى، قانچە پارچە خۇلاسە يېزىلغانلىقىنى ئەمەس، بەلكى پائالىيەتتە ئەمەلىي ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر قانچىلىك دەرىجىدە ھەل قىلىنغانلىقىنى ئاساس قىلىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، مەركەز ‹‹ئىستىل تۈزىتىش روھىغا ئاساسەن، تەنقىد ۋە ئۆز – ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك››، ‹‹گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تىرىشىپ ھەل قىلىش كېرەك››، ‹‹مەسىلىنى ھەل قىلغاندىلا ئاندىن مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ››، دەپ تەكىتلىدى.
ئەينى يىلىدىكى يەنئەن ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتىدە، پارتىيە ئىچىدە قانات يايدۇرۇلغان تەنقىد ۋە ئۆز – ئۆزىنى تەنقىد قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەردە قوللىنىلغان ياخشى ئۇسۇللار ھېلىھەم قىممەتلىك رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئىستىل تۈزىتىش روھىغا ئاساسەن ھەقىقىي چارە – تەدبىر قوللىنىپ، يامانغا چېقىلىشقا جۈرئەت قىلىش – قىلالماسلىق، ساقلانغان مەسىلىلەرنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇش – قويالماسلىق، مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىش – قىلالماسلىق تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ سۈپەتلىك قانات يايدۇرۇلۇشىنى بەلگىلەيدۇ. پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمىساق، مەسىلىلەردىن ئۆزىمىزنى قاچۇرساق، يۈز – خاتىر قىلساق، مۇناسىۋەتنى دەپ ئېغىز ئاچالمىساق، ئاغىنىدارچىلىق قىلساق، ھەق – ناھەق مەسىلىسىدە سۈكۈت قىلىۋالساق، زىددىيەتكە يولۇققاندا ئۆزىمىزنى قاچۇرساق، ئۆز – ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى تەسىرات سۆزلەشكە ئايلاندۇرۇۋالساق، راستچىل – ئەمەلىيەتچىل بولۇشتىن قانداقمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولسۇن؟ مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئۆز – ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنىڭ مەنىسىنى بۇرمىلىماستىن، بەلكى توغرا قانات يايدۇرغاندا، ئەپلەپ – سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋەتمەستىن، ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلغاندا، يارىسىغا تەگكىدەك تەنقىد قىلغاندا، ماھىيەتلىك ئەھمىيەتكە ئىگە مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا جۈرئەت قىلالىغاندا، ئاندىن ئىدىيەنى روشەنلەشتۈرۈپ، مەسىلىلەرنى بايقاپ، ئىتتىپاقلاشتۇرۇش – تەنقىدلەش – ئىتتىپاقلاشتۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
مەسىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرماسلىق مەسىلىنى بايقاشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، مەسىلىنى ھەل قىلغاندىلا، ئاندىن تەربىيە ۋە ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتىكى تۈپ مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ. مەسىلىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش ئۈچۈن، ‹‹مەسىلە››دىن ئىبارەت يادرونى چۆرىدىگەن ھالدا، ئۆزىنى دالدىغا ئېلىشقا، مەسىلىنى يوشۇرۇشقا قارشى تۇرۇپ، ئەمەلىي ئىش قىلىش كېرەك. تەنقىدنى ھەقىقىي قانات يايدۇرغاندىلا، مەسىلە يوشۇرۇنغان ئادەمگەرچىلىك قورغانىنى بۇزۇپ تاشلىغىلى بولىدۇ؛ تازا تەرلەتكەندىلا، ئاندىن جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىنى تېزدىن ھەل قىلغىلى بولىدۇ. پەقەت تەنقىد ۋە ئۆز – ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى ھەقىقىي قانات يايدۇرۇپ، ھەق – ناھاقنى ئايرىپ، پارتىيەۋىلىكنى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتكەندىلا، ئاندىن ھەم ئىدىيەدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى، ھەم ئىستىلدىكى يامان ئىللەتلەرنى تۈگەتكىلى بولىدۇ.
تارىخقا نەزەر سالساق، ئىستىل تۈزىتىش پارتىيەمىزنىڭ ئۆزىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى ئىجادىيىتى، تەنقىد ۋە ئۆز – ئۆزىنى تەنقىد قىلىش پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقىنى ساقلاشتىكى ئۆتكۈر قورال. ئىستىل تۈزىتىش، ئىنتىزامنى كۈچەيتىش روھىغا ئاساسەن، تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ئىشلەپ ئۈنۈم ياراتقاندىلا، پارتىيەنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۈزلۈكسىز ئاشىدۇ، پارتىيەنىڭ ئىشلىرى ئۈزلۈكسىز ئالغا باسىدۇ.
(‹‹خەلق گېزىتى››دىن)
شىنجاڭ پەلسەپە ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتى خىزمەتچىلىرىنىڭ
بۇرچى شەرەپلىك، ۋەزىپىسى مۈشكۈل
ئىللىق قەلىبلەرگە تولغان قاتناش ساقچىسى
سەبىي بالىلار
خوتەن دىيارى كەچلىك بازىردىن كۆرنۈش-غاز تۇخۇمى
ئوۋچى ۋە قارچۇغا
مېھرىبان ئاچا -سىڭىل
چېچەك پەسلى
دۇنياۋى مەشھۇر جايلارنىڭ گۈزەل كېچىلىك مەنزىرىسى
تۇنجى
شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى