ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنڭىز : ئۇيغۇرچە

‹‹چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ ئالاقە پونكىتى ›› قۇرۇلدى

يوللانغان ۋاقت : 2013 - يىلى 07 - ئاينىڭ 25- كۈنى 02:49 مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

                                          

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى چەت ئەلدە ئوقۇيدىغان خادىملار ۋە مۇتەخەسسىسلەر مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى رۇەن ۋېنخۇا (ئوڭدا) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىغا ۋاكالىتەن بەش دۆلەتتىن كەلگەن ‹‹چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتى ›› نىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى

    تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى : 23-ئىيۇل ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئامېرىكا ، فىرانسىيە ، ئاۋىسترالىيە ، ياپونىيە ، رۇسىيەلەردىكى بەش دۆلەتتىن كەلگەن ‹‹چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتى ›› بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى . بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدىكى تۇنجى ‹‹ چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار›› ئالاقە پونكىتى قۇرۇلدى .

    ئىگىلىنىشىچە ، چەت ئەلدە ئوقۇيدىغان خادىملار شىنجاڭ ئالاقە پونكىتى چەت ئەلدە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ ، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، ئۇزاق مۇددەتلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىپ ، شىنجاڭدا چەت ئەل ئىقتىساسلىق خادىملىرىنى جەلپ قىلىدىغان سەھنە ھازىرلاش ، يول ئېچىش ئۈچۈن ، شىنجاڭنىڭ چەت ئەللەردىكى تەشۋىقاتىنى زورايتىش ۋە چەت ئەللەردىكى ئىختىساسلىق خادىملارنى كىرگۈزۈش قەدىمىنى تېزلىتىشنى مەقسەت قىلغان .

    كېلىشىمنىڭ مەزمۇنى بويىچە ، ‹‹ چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ ئالاقە پونكىتى ›› بازارلاشتۇرۇش ئۇسۇلى بويىچە ئىش كۆرۈپ ، چەت ئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا شىنجاڭنىڭ چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئىختىساسلىق خادىملارنى تەكلىپ قىلىشقا دائىرى ئۇچۇرلىرى ۋە سىياسەتلىرىنى ئېلان قىلىدۇ ۋە تەشۋىق قىلىدۇ .شىنجاڭنىڭ چەت ئەللەردىكى ئىختىساسلىق خادىملار ، تۈر ۋە تېخنىكا كىرگۈزۈشىگە ياردەم بېرىدۇ . شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ چەت ئەللەرگە بېرىپ خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشىنى ماسلاشتۇرىدۇ ۋە ئورۇنلاشتۇرىدۇ . چەت ئەل ئىختىساسلىق خادىملىرىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىنى ئالاقىلىشىدۇ ۋە تەشكىللەيدۇ . شىنجاڭنىڭ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلىرى بىۋاسىتە ھاۋالە قىلغان ئىختىساسلىق خادىملارنى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىشنى ئۈستىگە ئالىدۇ . شىنجاڭ تەۋەلىكىدىكى چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان خادىملارنى ئاكتىپ جەلپ قىلىپ ، شىنجاڭ تەۋەلىكىدىكى چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئىختىساسلىقلارنى شۇ يەرلىك ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئىختىساسلىق خادىملارنى ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا تەۋسىيە قىلىدۇ ۋە تەشكىللەيدۇ .

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ جيەنمىڭ فىرانسىيە فىرانسىيە-جۇڭگو كارخانىچىلار ۋە باشقۇرغۇچىلار بىرلەشمىسىگە ۋىۋىسكا تاپشۇرۇپ بەردى

    فىرانسىيە فىرانسىيە-جۇڭگو كارخانىچىلار ۋە باشقۇرغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ جۇڭگو تەرەپ باشلىقى سۆز قىلدى

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە