نەشرىياتچىلىق ئۇچۇرلاشتۇرۇلغاندا، كىتابنىڭ يېزىلىشى، تەھرىرلىنىشى، كوررېكتورلۇقى، بەت ۋە مۇقاۋىلىرىنىڭ لايىھەلىنىشى قەغەزسىزلەشتۈرۈلۈش بىلەن بىللە، ئوقۇرمەنلەر كىتابنىڭ مەزمۇنىدىن بالدۇر خەۋەر تېپىپ، ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئاپتورنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ يېقىنلىشىدۇ. ئۇچۇرلاشتۇرۇش ھەر قانداق ئەسەردە چوقۇم يېڭى ئۇچۇر بولۇش دېگەنلىك بولماستىن، بەلكى، نەشرىياتچىلىق خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش، تېزلەشتۈرۈش، ئاسانلاشتۇرۇش ئۇچۇرلاشتۇرۇش دائىرىسىگە كىرىدۇ. ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقى ئۇچۇر دەۋرىدە ئۇچۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ زامانىۋىلىققا ئەھمىيەت بەرمىسە، ھازىرقى دەۋر ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايلا قالماي، يەنە مۇھىم تەرەققىيات پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ.
ھازىر ئېلىمىزنىڭ خەنزۇ يېزىقىدىكى نەشرىياتچىلىقنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىدە غايەت زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. كۆپلىگەن نەشرىيات ئورۇنلىرى ئىلغار تېخنىكىلارنى قوبۇل قىلىپ، نەشرىيات خىزمىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. مەسىلەن، ئېلېكتىرون سانائىتى نەشرىياتى ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسىنى يولغا قويۇپ، ئېلىمىز نەشرىياتچىلىقىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە يېڭى سەھىپە ئاچتى. ئېلېكتىرون، تور ۋە كۆپ ۋاسىتىلىك تېخنىكىلارنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، دۆلىتىمىزدىكى ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ قوللىشى بىلەن، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى قاتارلىق بىر قىسىم نەشرىيات ئورۇنلىرى رەقەملەشكەن مەتبۇئات جەھەتتە بىر قەدەر ئالدىدا ماڭدى. بۇلار دۆلىتىمىزنىڭ خەنزۇ يېزىقىدىكى نەشرىيات سىستېمىسىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسى ھېسابلىنىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىدىكى مەلۇم ھالقىلارنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەۋاتقان بولسىمۇ، بازار ۋە ئوقۇرمەنلەر تەلىپىدىن قارىغاندا مۇئەييەن پەرق بولغاچقا، باشقا مىللەتلەرنىڭ نەشرىياتچىلىق جەھەتتىكى ئىلغارلىق تەرەپلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە تەتبىقلاپ، داۋاملىق ھالدا كۆپ قاتلاملىق ئۇچۇرلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن، مېنىڭچە، ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك:
بىرىنچى، ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقى ئۇچۇر كەسپىنىڭ بىرلىككە كەلگەن سانلىق مەلۇمات ئامبىرى مۇكەممەل ئەمەس. ھازىر ئۇيغۇر تىل – يېزىقىدىكى كىتاب – ژۇرناللارنى نەشر قىلىدىغان نەشرىيات ئورۇنلىرى ئاساسىي جەھەتتىن خەنزۇ يېزىقىدىكى ئۇچۇرلاشتۇرۇش سىستېمىسىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ، بۇنداق بولغاندا، ئوخشىمىغان ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسىدىكى ئۇچۇرلار، سۆز تاللاش، ئاتالغۇلارنى بېكىتىش قاتارلىق تەرەپلەردە پەرق بولۇپ، ئۇچۇر مەنبەسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، كىتابنى نەشر قىلىش، تارقىتىش ئىشلىرىغا مەلۇم دەرىجىدە تەسىر يېتىۋاتىدۇ. شۇڭا، ئۇيغۇرچە نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىدىغان ئورۇنلار ئۇچۇر كەسپىنىڭ بىرلىككە كەلگەن سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.
ئىككىنچى، ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىدا تور قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىگە يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
ئۈچىنچى، نەشرىيات خادىملىرىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ تەلىپىگە ماسلاشتۇرۇش كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىق ئورۇنلىرى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ئاخبارات – نەشرىيات باش مەھكىمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاكتىپ ماسلىشىپ، نەشرىيات خىزمەتچىلىرىنى كومپيوتېر، ئۇچۇر بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلەپ، ھەر خىل ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىلىرىنى قوللىنىپ، نەشرىيات خىزمەتچىلىرىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
(ئاپتور: مىللەتلەر نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدىن)
ئىللىق قەلىبلەرگە تولغان قاتناش ساقچىسى
سەبىي بالىلار
خوتەن دىيارى كەچلىك بازىردىن كۆرنۈش-غاز تۇخۇمى
ئوۋچى ۋە قارچۇغا
مېھرىبان ئاچا -سىڭىل
چېچەك پەسلى
دۇنياۋى مەشھۇر جايلارنىڭ گۈزەل كېچىلىك مەنزىرىسى
تۇنجى
شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى