شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى
مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى سۆھبەت يىغىنى يېقىندا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى يىغىن تەجرىبىلەر يەكۈنلەنگەن، ۋەزىيەت تەھلىل قىلىنغان، ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان، نىشان ئېنىق بېكىتىلگەن، ئىشەنچ چىڭىتىلغان، يېڭى تەدبىرلەر ئارقىلىق مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى پائال، مۇۋاپىق ئىلگىرى سۈرۈلگەن مۇھىم يىغىن بولدى.
مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى جۇڭگوچە سوتسىيالىزملىق ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى، مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى، دۆلىتىمىز ئىسلاھات تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. پارتىيە 16 – قۇرۇلتىيىدا جامائەت پاراۋانلىقى تىپىدىكى مەدەنىيەت بىلەن تىجارەت خاراكتېرىدىكى مەدەنىيەت كەسپى ئېنىق ئايرىلىپ، ‹‹ئىككى قولدا تەڭ تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇش›› تەكىتلىنىپ، مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرى قىلىندى؛ پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىدا سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى دولقۇنىنى قوزغاش، ئېلىمىزنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇش، مەدەنىيەتنىڭ كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلىش، كەڭ كۆلەمدە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇلدى؛ پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىنىڭ 6 – ئومۇمىي يىغىنىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزملىق مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىيات يولى چوڭقۇر شەرھلىنىپ، سوتسىيالىزملىق مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنىڭ ئۇلۇغۋار نىشانى بېكىتىلدى؛ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا يېڭى بۇرچ، يېڭى تەلەپلەرنى قويدى، مەدەنىيەت ئىسلاھات تەرەققىياتى يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى.
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكىدە، ئېلىمىزنىڭ مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى تارىخىي خاراكتېرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ئون يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىز نەشرىيات، كىنو، تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى ئىشلەش، تارقىتىش، رادىيو – تېلېۋىزىيە تارقىتىش ۋە دۆلەت ئىلكىدىكى ئادەتتىكى مەدەنىيەت – سەنئەت ئۆمەكلىرى، سىياسىي خاراكتېرنى ئالمىغان تۇنجى تۈركۈمدىكى گېزىت – ژۇرناللار نەشرىياتى ئورۇنلىرى قاتارلىق دۆلەت ئىلكىدىكى تىجارەت خاراكتېرىدىكى مەدەنىيەت ئورۇنلىرىنى كارخانا تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىشنى تاماملىدى، تىجارەت خاراكتېرىدىكى مەدەنىيەت ئىشلىرى ئورنىنىڭ قانۇنىي ئىگە كارخانىلىرىدىن 7000نى ئەمەلدىن قالدۇردى، 300 مىڭغا يېقىن كەسپىي ئىشتاتنى قىسقارتتى، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانا، ھۆكۈمەت بىلەن كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقۇرۇش بىلەن قۇرۇش ئايرىۋېتىلدى، مەدەنىيەت مەمۇرىي تارماقلىرى بىلەن مەدەنىيەت كارخانا كەسپىي ئورۇنلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى تەدرىجىي راۋانلىشىپ، زور بىر تۈركۈم يېڭىچە بازار ئاساسىي گەۋدىسى بەرپا قىلىنىپ، دۆلەت ئىلكىدىكى ياكى دۆلەت پېيىنى كونترول قىلىدىغان مەدەنىيەت كارخانىلىرىنىڭ ئەمەلىي كۈچى، ھاياتىي كۈچى ۋە رىقابەت ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. ئەمەلىيەت شۇنى كۆرسەتتىكى، ئېلىمىز مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنىڭ نىشانى توغرا، نەتىجىسى زور، يارقىن نۇقتا كۆپ بولۇپ، مەدەنىيەتنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتىغا پايدىلىق تۈزۈلمە، مېخانىزم دەسلەپكى قەدەمدە ئورنىتىلدى.
ئېلىمىزنىڭ مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنىڭ ئەگرى – توقاي تارىخىي مۇساپىسىگە نەزەر سالساق، مەدەنىيەت ئىسلاھاتى تەرەققىياتىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىمىز تېخىمۇ تولۇپ تاشتى. مەدەنىيەت ئىسلاھاتىدا توغرا تەپەككۇرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، شەھەر، يېزىلارنى قاپلىغان جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە ئورنىتىلىشى، مەدەنىيەت كەسپىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى ۋە ئەمەلىي كۈچىنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىشى، مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىجاد قىلىنىشى، ئىشلەپچىقىرىلىشىغا توغرا يېتەكچىلىك قىلىش، مەدەنىيەتنى سىرتقا يۈزلەندۈرۈش ۋەزىيىتىنىڭ تىرىشىپ بەرپا قىلىنىشى تۈپەيلىدىن، مەدەنىيەت ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى ئازاد قىلىش، تەرەققى قىلدۇرۇش، مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى، گۈللىنىشى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تىرىشىپ ئۆزگەرتىش، دۆلىتىمىز مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشى، تۈرلۈك مەدەنىيەت ئىختىساسلىقلىرىنىڭ كەينى – كەينىدىن بارلىققا كېلىشى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى. ھازىر ئېلىمىز مەدەنىيەت ساھەسىنىڭ ئومۇمىي قىياپىتى ۋە تەرەققىيات ۋەزىيىتى يېڭىلىنىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزملىق مەدەنىيەت تەرەققىيات يولى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى.
ئەمەلىيەتنىڭ، ئىسلاھاتنىڭ چېكى يوق، قانداق قىلغاندا مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغىلى بولىدۇ، بۇ بىزنىڭ ئالدىمىزغا قويۇلغان يېڭى تېما، شۇنداقلا پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرىدىغان، مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم ۋەزىپە. دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات تەرەققىياتىدا دۇچ كەلگەن ۋەزىيەتكە ئوخشاش، مەدەنىيەت ئىسلاھاتىنىڭ تەرەققىياتىمۇ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى، بىز مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىغا بولغان ئىشەنچ ۋە ئىرادىمىزنى چىڭىتىپ، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەپ، يېڭى قاراش، يېڭى نىشاننى تىكلەپ، يېڭى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇرۇپ، مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى قەتئىي ئېغىشماي چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. ئىلگىرىكى ئىسلاھاتنىڭ ئەمەلىيىتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پەقەت ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، قاراشنى ئۆزگەرتىپ، ئىسلاھاتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرغاندىلا، قىيىن مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىپ ھەل قىلالايمىز، گۈزەل كەلگۈسى يارىتالايمىز.
‹‹قوش يۈز يىل›› كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا، مەدەنىيەت مۇھىم مەزمۇن بولۇپلا قالماستىن، مۇھىم تىرەك؛ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدەك ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى روياپقا چىقىرىشتا، مەدەنىيەت كۈچلىرىنى مۇجەسسەملەشكە، روھىي بايراقنىڭ يېتەكلىشىگە ئېھتىياجلىق. خەلق ئاممىسىنىڭ مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، خەلقنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئاممىنىڭ ئىرادىسىنى مۇجەسسەملەش، مىللىي روھ بويىچە يېتەكلەش تارىخ بىزگە يۈكلىگەن ئېغىر ۋەزىپە. بۇلارنىڭ ھەممىسى مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىدا يېڭى قەدەم ئېلىشىمىز كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. مەدەنىيەت ئىسلاھاتى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى نىشانىنى ئېنىق بېكىتىپ، فونكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش ئاساسىدا ماكرولۇق باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، كارخانا تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش ئاساسىدا بازار ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ رىقابەت كۈچىنى كۈچەيتىش، تەرتىپنى قېلىپلاشتۇرۇش ئاساسىدا زامانىۋى مەدەنىيەت بازىرى سىستېمىسىنى ئورنىتىش، شەھەر، يېزىنى بىر تۇتاش پىلانلاش ئاساسىدا جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ھەر خىل بايلىقلارنى بىر تۇتاش پىلانلاش ئاساسىدا مەدەنىيەتنى سىرتقا يۈزلەندۈرۈش سەۋىيەسى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش يەنە ھەر قايسى تەرەپنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقىنى قوزغاپ، مەدەنىيەت ئىسلاھاتى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
ئىللىق قەلىبلەرگە تولغان قاتناش ساقچىسى
سەبىي بالىلار
خوتەن دىيارى كەچلىك بازىردىن كۆرنۈش-غاز تۇخۇمى
ئوۋچى ۋە قارچۇغا
مېھرىبان ئاچا -سىڭىل
چېچەك پەسلى
دۇنياۋى مەشھۇر جايلارنىڭ گۈزەل كېچىلىك مەنزىرىسى
تۇنجى
شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى