شى جىنپىڭ ۋۇخەندە قىسمەن ئۆلكە ، شەھەر مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئاچتى
■ مۇھىم ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى جەزمەن تېخىمۇ زور سىياسىي جاسارەت ۋە ئەقىل - پاراسەت بىلەن پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، تۈزۈلمە ، مېخانىزمدىكى نۇقسانلارنى تۈگىتىپ ، مەنپەئەت توساقلىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يەنىمۇ ئازاد قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ ، ئاممىنىڭ ئىجادكارلىقىنى يەنىمۇ قوزغاش ۋە ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك
■ ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى زور كۈچ بىلەن خۇلاسىلەپ ۋە قوللىنىپ ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئىسلاھات–ئېچىۋېتىشكە قويغان ئوبيېكتىپ تەلىپىنى زور كۈچ بىلەن ئىگىلەپ ، پارتىيە ئىچى - سىرتىدىكىلەرنىڭ ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش توغرىسىدىكى تەكلىپ - پىكىرلىرىنى ، يەرلىك ، ئاساسىي قاتلام ۋە ئاممىنىڭ ئىسلاھات جەھەتتىكى پايدىلىق ئىزدىنىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن ئىگىلەش كېرەك
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋۇخەن، 42 - ئىيۇل تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى ، دۆلەت رەئىسى ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 32 - ئىيۇل خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە قىسمەن ئۆلكە ، شەھەر مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا پىكىر - تەكلىپ ئالدى . ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى : مۇھىم ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى جەزمەن تېخىمۇ زور سىياسىي جاسارەت ۋە ئەقىل - پاراسەت بىلەن پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈزۈلمە ، مېخانىزمدىكى نۇقسانلارنى تۈگىتىپ ، مەنپەئەت توساقلىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يەنىمۇ ئازاد قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىجادكارلىقىنى يەنىمۇ قوزغىشىمىز ۋە ئۇيۇشتۇرۇشىمىز كېرەك.
سۆھبەت يىغىنىدا، خۇبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى خۇڭجۇڭ، سەنشى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى يۈن چۈنچىڭ، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ شيەنكۇي، شاڭخەي شەھىرىنىڭ باشلىقى ياڭ شيۇڭ، جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شيا باۋلۇڭ، خۇنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شۈ شۇشېڭ ۋە ۋۇخەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى رۇەن چېڭفا، »شەرق شامىلى« ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى شۈ پىڭ سۆز قىلىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا پىكىر - تەكلىپ بەردى.
شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، پات - پات خاتىرە قالدۇردى ھەم كۆپچىلىك بىلەن بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىرلەشتى.
شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش پارتىيەمىز يېڭى تارىخىي شارائىتتا خەلقنى يېتەكلەپ يولغا قويغان يېڭى ئۇلۇغ ئىنقىلاپ. بۇ ئۇلۇغ ئىنقىلاب ج ك پ 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن ھازىرغىچە 53 يىللىق ئۆزگىچە مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلىشىدىكى ھاياتىي كۈچ مەنبەسى، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىدا چوڭ قەدەم تاشلاپ دەۋرگە يېتىشىۋېلىشتىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر، ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى، خەلقنىڭ ئۈمىد - ئارزۇسى، ئىزىمىزدا تۇرۇۋالساق ۋە چېكىنسەك چىقىش يولىمىز بولمايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھاتى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئىزدىنىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى، ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر ئىنتايىن كۆپ ۋە مۈشكۈل. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پىلان تۈزۈشنىڭ ئاساسى ۋە ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ يولى. تەكشۈرمىسەك، سۆز قىلىش ۋە تەدبىر بەلگىلەش ھوقۇقىمىز بولمايدۇ. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەسەۋۋۇرى ۋە مۇھىم تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلىش، مۇلاھىزە قىلىش، بېكىتىشتە، ئۇسۇل توغرا بولمىسا بولمايدۇ، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ قارىسىغا ئىش قىلساق بولمايدۇ، ئەمەلگە ئاشمايدىغان خىياللارنى قىلساق تېخىمۇ بولمايدۇ، جەزمەن ئومۇميۈزلۈك، ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىمىز كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى زور كۈچ بىلەن خۇلاسىلەپ ۋە قوللىنىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشكە قويغان ئوبيېكتىپ تەلىپىنى زور كۈچ بىلەن ئىگىلەپ، پارتىيە ئىچى - سىرتىدىكىلەرنىڭ ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش توغرىسىدىكى تەكلىپ - پىكىرلىرىنى، يەرلىك، ئاساسىي قاتلام ۋە ئاممىنىڭ ئىسلاھات جەھەتتىكى پايدىلىق ئىزدىنىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن ئىگىلىشىمىز كېرەك.
شى جىنپىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئالتە مۇھىم مەسىلىنى يەنىمۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن بازار سىستېمىسىنى يەنىمۇ شەكىللەندۈرۈپ، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىش. ئىككىنچى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە قىلىش. ئۈچىنچى، ماكرولۇق تەڭشەش – تىزگىنلەش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۈنۈم ۋە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش. ھۆكۈمەت فۇنىكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىشنى تۇتقا قىلىپ، ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىرتەرەپ قىلىش. تۆتىنچى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش. بەشىنچى، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى يەنىمۇ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاممىنىڭ ھەرقايسى جەھەتتىكى ھوقۇق – مەنپەئىتىگە تۈزۈم، ئورۇنلاشتۇرما ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش. ئالتىنچى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك سەۋىيەسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئومۇمىيەتنى ئىگىلەش، تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش. ئىسلاھات – ئېچىۋېتىش ۋەزىپىسى قانچە مۈشكۈل بولسا، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى شۇنچە كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، پارتىيەنىڭ باشتىن – ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا شۇنچە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ مۇھىم مەسىلىلەرگە يەنىمۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان ئاساستا جاۋاب بېرىشىمىز، ئەمەلىيەتكە، كەلگۈسى تەرەققىياتقا بىرلەشتۈرۈپ چۈشەنچە بېرىشىمىز ھەم داۋاملىق توغرا، ئىلمىي جاۋاب تېپىشىمىز كېرەك.
ئىللىق قەلىبلەرگە تولغان قاتناش ساقچىسى
سەبىي بالىلار
خوتەن دىيارى كەچلىك بازىردىن كۆرنۈش-غاز تۇخۇمى
ئوۋچى ۋە قارچۇغا
مېھرىبان ئاچا -سىڭىل
چېچەك پەسلى
دۇنياۋى مەشھۇر جايلارنىڭ گۈزەل كېچىلىك مەنزىرىسى
تۇنجى
شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى