خەلق تۇرمۇشى خەلقنىڭ تۈپ ياشاش مەنپەئىتى، تەرەققىيات مەنپەئىتى ۋە ئاساسىي ھوقۇق – مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئاساسىي ئىدىيەسى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ ئىلغارلىقىنىڭ مەركەزلىك نامايەندىسىدۇر. پارتىيە ۋە ھۆكۈمىتىمىز خەلقنىڭ غېمىنى يەپ، قىيىنچىلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، تۈرلۈك ئىشلارنى خەلقنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ ئويلىشىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى كۆڭلىگە پۈكتى؛ خەلقتىن چارە – تەدبىر سوراپ، ھەر مىللەت خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ تەخىرسىز مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىشنى ئەڭ مۇھىم خىزمەت بىلىپ، ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش، خەلقنى تەبىئىي گازدىن مەنپەئەتلەندۈرۈش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرى ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى. بۇ قۇرۇلۇشلار بالىلارنىڭ ئوقۇيدىغان مەكتىپى بولۇش، پۇقرالارنىڭ تۇرىدىغان ئۆيى بولۇش، كېسەل بولسا داۋالىنالايدىغان بولۇش، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش نىشانىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئۆز ئىچىگە ئالدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ‹‹ئاممىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىن ئويلىشىش، ئاساسىي قاتلامنى مۇھىم بىلىش›› تەك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسى شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ئەمەلىيىتىدە نامايان قىلىندى، شۇنداقلا ئەمەلىيەت جەريانىدا ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشتى.
پارتىيەمىزنىڭ تۈپ مەقسىتى ۋە مەۋقەسى يەنىلا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، يەنى ئاممىنىڭ قەلب ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ بەھرىمەن قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەتلەرگە ئېرىشتۈرۈش؛ ئاممىدىن ئېلىپ، يەنە ئاممىغا يەتكۈزۈپ، خىزمەتلىرىمىزنى ئاممىۋىي ئۆلچەم بويىچە ئۆلچەپ ۋە ئىشلەپ، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنى ئىستىل ياخشىلاش، ئاممىغا يۈزلىنىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش جەريانىدا يېڭى مەزمۇنغا ئىگە قىلىش. خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك، جۈملىدىن خەلق تۇرمۇشىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ۋە ۋاسىتىلىك مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنىڭ ھەممىسى، جۈملىدىن خەلقنىڭ ئاساسىي ھاياتلىقى، تۇرمۇش ئەھۋالى ۋە خەلقنىڭ ئاساسىي تەرەققىيات پۇرسىتى، ئاساسىي تەرەققىيات ئىقتىدارى ۋە ئاساسىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنىڭ قوغدىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش بىزدىن جان – دىل بىلەن ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەپ، ‹‹ئەلرايى قۇرۇلۇشى›› نى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشتە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاققىچە ئەمىنلىكى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا تايىنىپ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىلگىرىلىتىش شىنجاڭدا ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ۋە مەركەزنىڭ ‹‹شىنجاڭنى مۇقىم قىلىپ، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، خەلقنى باياشات قىلىپ، چېگرانى مۇستەھكەملەش›› ئىستراتېگىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك.
خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاش ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەقسىتى شۇكى، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاساسىدىلا خەلق تۇرمۇشىغا ئۈزلۈكسىز كاپالەتلىك قىلغىلى ۋە ئۇنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. خەلقنىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاڭلىقلىقى، ئاكتىپلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز قوزغاپ، شۇ ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.
شىنجاڭ پەلسەپە ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتى خىزمەتچىلىرىنىڭ
بۇرچى شەرەپلىك، ۋەزىپىسى مۈشكۈل
ئىللىق قەلىبلەرگە تولغان قاتناش ساقچىسى
سەبىي بالىلار
خوتەن دىيارى كەچلىك بازىردىن كۆرنۈش-غاز تۇخۇمى
ئوۋچى ۋە قارچۇغا
مېھرىبان ئاچا -سىڭىل
چېچەك پەسلى
دۇنياۋى مەشھۇر جايلارنىڭ گۈزەل كېچىلىك مەنزىرىسى
تۇنجى
شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى