گاۋ ۋا خەۋىرى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى 16 – ئاپرېل ھاۋا تەركىبىدىكى بۇلغىمىنىڭ ئالدىنقى تۆت ئايلىق ئوتتۇرىچە قويۇلۇق نىسبىتىنى ئېلان قىلدى. سانلىق مەلۇماتلاردىن ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنىڭ ئاساسلىق بۇلغىما مەنبەسى ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.
ئىگىلىنىشىچە، ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئوت ئېلىكتىر ئىستانسىلىرىنىڭ گېنېراتورلار گۇرۇپپىلىرى(كارخانىلار ئۆزىنى تەمىنلەيدىغان ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ ئومۇمىي سىغىمى 5 مىليون 847 مىڭ كلوۋات بولۇپ، يىللىق كۆمۈر سەرپىياتى 13 مىليون 740 مىڭ توننىغا يېتىدىكەن، گۈڭگۈرت (IV) ئوكسىد، ئازۇد ئوكسىد، ئىس – تۈتەك(چاڭ – توزان) قويۇپ بېرىش مىقدارى ئايرىم – ئايرىم 54 مىڭ 400 توننا، 84 مىڭ 200 توننا ۋە 23 مىڭ 600 توننىغا يېتىپ، شەھەر بويىچە قويۇپ بېرىلگەن ئومۇمىي مىقدارنىڭ ئايرىم – ئايرىم %43، %49 ۋە %37ىنى ئىگىلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بەش چوڭ ئاساسلىق ئېلېكتىر ئىستانسىسى(چوڭ كۆل ئېلېكتىر ئىستانسىسى، چوڭ كۆل 2 – ئېلېكتىر ئىستانسىسى، ۋېيخۇلياڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسى، ئۈرۈمچى پار – ئېلېكتىر ئىستانسىسى، شېندوڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسى)نىڭ يىللىق كۆمۈر سەرپىياتى تەخمىنەن 9 مىليون 470 مىڭ توننىغا يەتكەن، گۈڭگۈرت (IV) ئوكسىد، ئازۇد ئوكسىد، ئىس – تۈتەك(چاڭ – توزان) قويۇپ بېرىش مىقدارى ئايرىم – ئايرىم 17 مىڭ 700 توننا، 57 مىڭ 800 توننا ۋە 13 مىڭ 800 توننا بولۇپ، شەھەر بويىچە ئومۇمىي قويۇپ بېرىلگەن مىقدارنىڭ %14، %34 ۋە %22ىنى ئىگىلىگەن. 12 كارخانىنىڭ ئۆزىنى تەمىنلەيدىغان توك زاپىسىنىڭ يىللىق كۆمۈر سەرپىياتى 4 مىليون 270 مىڭ توننا بولۇپ، قويۇپ بېرىدىغان گۈڭگۈرت (IV) ئوكسىد، ئازۇد ئوكسىد، ئىس – تۈتەك(چاڭ – توزان)نىڭ مىقدارى ئايرىم – ئايرىم 36 مىڭ 700 توننا، 26 مىڭ 400 توننا ۋە 9800 توننىغا يەتكەن.
بۇلغىمىلارنىڭ قويۇپ بېرىلىش مىقدارىنى ئازايتىپ ھاۋا سۈپىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرى بەش چوڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى بىر – بىرلەپ تاقايدۇ. ھازىر، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن ‹‹خۇاديەن›› ۋېيخۇلياڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى تاقاش، قالغان تۆت چوڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ قىش پەسىلدىكى توك تارقىتىش مىقدارىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئازايتىشقا دائىر بىر يۈرۈش سىياسەت ۋە يولغا قويۇش لايىھەسىنى مۇزاكىرىلەشمەكتە.
سەبىي بالىلار
خوتەن دىيارى كەچلىك بازىردىن كۆرنۈش-غاز تۇخۇمى
ئوۋچى ۋە قارچۇغا
مېھرىبان ئاچا -سىڭىل
چېچەك پەسلى
دۇنياۋى مەشھۇر جايلارنىڭ گۈزەل كېچىلىك مەنزىرىسى
تۇنجى
شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
سەبىي كۈلكىلەر