ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنڭىز : ئۇيغۇرچە

چىلان سۇغۇرتىسى قومۇل دېھقانلىرىنى خاتىرجەم قىلدى

يوللانغان ۋاقت : 2013 - يىلى 04 - ئاينىڭ 22- كۈنى 11:44

ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئابلىمىت ئابلىز، جەۋھەرئاي مۇھەممەت خەۋىرى: بۇ يىل چىلان سۇغۇرتىسىنىڭ قومۇل ۋىلايىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ سىياسەت خاراكتېرلىك سۇغۇرتا دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى، ۋىلايەت ۋە شەھەر (ناھىيە)مالىيەسى سۇغۇرتا ھەققى ئۈچۈن بەلگىلىك تولۇقلىما بېرىدىغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، قومۇل ۋىلايىتىدىكى دېھقانلار «چىلان سۇغۇرتىسى بىزنى خاتىرجەم قىلدى ، بۇنىڭدىن كېيىن چىلانچى دېھقانلار غەم قىلمايدىغان بولدۇق، چىلانغا ياخشى ئىشلىسەك بولغىدەك» دېيشىدىغان بولدى.
     قومۇل ۋىلايەتلىك باغ–ئورمانچىلىقنى ئومۇملاشتۇرۇش مەركىزى چىلانچىلىق بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋەن خۇڭجۈننى زىيارەت قىلغىنىمىزدا ئۇ مۇنداق دېدى: ئالدىنقى يىلى تىككىلى بىر يىل بولغان چىلان كۆچەتلىرىنىڭ %60 تىن كۆپرەكى، ئىككى يىل بولغان چىلان كۆچەتلىرىنىڭ %30 ى، ئۈچ يىلدىن ئاشقان چىلان كۆچەتلىرىنىڭ %5 تىن %10 گىچە ئۈششۈك تەگدى. ۋىلايىتىمىز 1997- يىلى «جەنۇبتا باغۋەنچىلىكنى، شىمالدا چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش»تىن ئىبارەت خاس يېزا ئىگىلىك ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، چىلانچىلىق كەسپى يېزا ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى تۈۋرۈك كەسىپ بولۇپ قالدى. چىلانچىلىق كۆلىمى تېز سۈرئەتتە كېڭىيىپ، 1997–يىلىدىكى 15 مىڭ مودىن 2012–يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە 328 مىڭ 800 موغا يەتتى، چىلانلىق كۆلىمى باغ–ئورمانچىلىق كۆلىمىنىڭ %73.5ىنى ئىگىلىدى. نۆۋەتتە، ۋىلايىتىمىزنىڭ چىلانلىق كۆلىمى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەنگەن بولۇپ، 328 مىڭ 800 مو ئەتراپىدا مۇقىملاشتى، كەسىپ تەرەققىياتى خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ھازىر بار بولغان چىلانلىقلارنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە قارىتىلدى. بىر يۈرۈش ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق، 2012-يىلى ۋىلايىتىمىزنىڭ چىلان مىقدارى 32 مىڭ 500 توننىغا، ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 3 مىليارد 225 مىليون يۈەنگە يەتتى.
     ۋىلايەتلىك باغ–ئورمانچىلىق ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىمىزچە، 2013–يىللىق چىلاننى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش ۋاقتى 31-مايغىچە داۋاملىشىدىكەن. چىلان سۇغۇرتىسى ئاساسلىقى قومۇلدىكى چىلان ئۆستۈرىدىغان تۈزلەڭلىكتىكى يېزا (بازار، ئېچىش رايونى)لارنى قاپلايدىغان بولۇپ، بۇ دائىرە ئىچىدە تىكىلگەن چىلان كۆچەتلىرى سۇغۇرتا مۇددىتى ئىچىدە چىلان كۆچەتلىرى، مېۋە بېرىۋاتقان چىلان دەرەخلىرى، بوران ئاپىتى، مۆلدۈر ئاپىتى، ئۈششۈك، كەلكۈن ئاپىتى قاتارلىق ئاپەتلەر تۈپەيلىدىن زىيانغا ئۇچرىسا، سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇلغان كۆچەتلەرنىڭ ئۈستى قىسمى شۇ يىلى ئۈششۈپ قالغان، ئىككىنچى يىلى ئەتىيازدا كۆكلىمىگەن، زىيان نىسبىتى %10كە(%10تىن ئاشقان) يەتكەن بولسا؛ مېۋىلەۋاتقان چىلان دەرەخلىرىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى كېمىيىپ كەتكەن، سۈپىتى ناچارلاشقان، زىيان نىسبىتى %10كە (%10 تىن ئاشقان) يەتكەن بولسا، سۇغۇرتىلىغۇچى تەرەپ سۇغۇرتا توختامى بويىچە تۆلەم بېرىدىكەن. ئەگەر چىلانچى دېھقانلارنىڭ سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرغان چىلانلىرى يۇقىرىدا ئېيتىلغان تۈرلۈك ئاپەتلەرگە ئۇچراپ، تۆلەم بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكەن بولسا، دېھقانلار بەلگىلىك تۆلەمگە ئېرىشىدىكەن، بۇ تەدبىر چىلانچى دېھقانلارنىڭ چىلانچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، قومۇل ۋىلايىتىنىڭ چىلانچىلىقىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، دېھقانلار كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، بېيىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن.
     بۇ يىلقى چىلان سۇغۇرتىسى ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىر خىلى چىلان كۆچەتلىرىنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش بولۇپ، كېسەل تەگمىگەن، تۇتقىلى بىر يىلدىن ئاشقان(بىر يىلنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئۈچ يىلدىن تۆۋەن(ئۈچ يىل بولغانلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، مېۋىلىمىگەن چىلان كۆچەتلىرى سۇغۇرتىلىنىدىكەن، سورتى باغ–ئورمانچىلىق تارماقلىرى تەكشۈرۈپ بەلگىلىگەن ئۆلچەملىك سورت بولۇشى، كۆلىمى بەش مودىن يۇقىرى(بەش مونىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولۇشى كېرەك ئىكەن. ھەر مو چىلانلىقنىڭ سۇغۇرتا سوممىسى 800 يۈەن، سۇغۇرتا پۇلى نىسبىتى %5 بولۇپ، ھەر مو يەرنىڭ سۇغۇرتا ھەققى 40 يۈەن ئىكەن. ئىككىنچى، مېۋىلەۋاتقان چىلان دەرەخلىرى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇلىدىكەن. بۇنىڭدا كېسەل تەگمىگەن، كۆپ مېۋە بېرىدىغان چىلان دەرەخلىرى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇلىدىغان بولۇپ، سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇلغان چىلان دەرەخلىرى تىكىش ئۆلچىمىگە ۋە تېخنىكا تەلىپىگە يەتكەن، كۆلەملەشتۈرۈپ تىكىش دائىرىسى بەش مودىن ئاشقان(بەش مونى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولۇشى كېرەك ئىكەن، يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئۆلچەملەرگە يەتكەن چىلان دەرەخلىرىنىڭ ھەر موسىنىڭ سۇغۇرتا ھەققى 1000 يۈەن، سۇغۇرتا پۇلى نىسبىتى %9، ھەر مو يەرنىڭ سۇغۇرتا ھەققى 90 يۈەن ئىكەن. چىلان سۇغۇرتا ھەققى ھۆكۈمەت تولۇقلىما بېرىش ۋە دېھقانلار ئۆزى تاپشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۇسۇلدا تۆلىنىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ۋىلايەت مالىيەسىدىن 25%، ناھىيە(شەھەر) مالىيەسىدىن %50 تولۇقلىما بېرىلىدىغان بولۇپ، دېھقانلار %25 نى تۆلەيدىكەن.
     چىلان سۇغۇرتىسىنى جۇڭگو خەلق مال-مۈلۈك سۇغۇرتا شىركىتى قومۇل تارماق شىركىتى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، بۇ شىركەتنىڭ باش دېرىكتور ياردەمچىسى ليۇ خوڭمېي مۇنداق دېدى: بىز يېزىلارنى بىرلىك قىلىپ سۇغۇرتىلىدۇق، چوڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى ۋە شىركەتلەر كوللېكتىپ سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇلىدۇ. چىلان كۆچەتلىرىنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرغان چىلانچى دېھقانلار ئالدى بىلەن يېزىلىق ھۆكۈمەتكە بېرىپ مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بېجىرسە بولىدۇ.

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە