يېقىندىن بۇيان، ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى›› نىڭ دەۋر مېلودىيەسى جۇڭگو زېمىنىدا جاراڭلاپ، ‹‹كىشىلىك ھاياتتىكى ئىقتىدارنى نامايان قىلىش پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش›› سانسىزلىغان جۇڭگو خەلقىنى ھاياجانلاندۇردى. ئادىللىق كاپالىتىنى زورايتىپ، ئادىل ئىجتىمائىي مۇھىتنى تىرىشىپ يارىتىپ، ھەممە ئادەمنى ئارزۇنى روياپقا چىقىرىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى زۆرۈر مەجبۇرىيەت.
‹‹جۇڭگو ئارزۇسى›› مىللەتنىڭ ئارزۇسى، شۇنداقلا ھەر بىر جۇڭگولۇقنىڭ ئارزۇسى. ئەگەر جۇڭگو يولى ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى›› نى روياپقا چىقىرىشتا تاللانغان يول، جۇڭگوچە روھ ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى روياپقا چىقىرىشنىڭ مەنىۋى تايانچى دېيىلسە، ئۇنداقتا ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى شەخسىي ئىزدىنىشكە ماسلاشتۇرۇپ، شەخس ۋە ئائىلىنىڭ ئارزۇسى بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى روياپقا چىقىرىشنىڭ كۈچ مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ.
ھەممە ئادەمنى ئارزۇنى روياپقا چىقىرىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئادىل، ھەققانىي ئىجتىمائىي مۇھىتتىن ئايرىلالمايدۇ. ئادىللىق، ھەققانىيلىق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئىچكى تەلىپى، تېخىمۇ مۇھىمى ھەممە ئادەمنىڭ ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشىدىكى مۇھىم ئالدىنقى شەرت. ئاقىلانە، ھاياتىي كۈچ ۋە ئىجادىيەت كۈچىگە تولغان جەمئىيەت پۇرسەتكە تولغان جەمئىيەت بولۇشى، تېخىمۇ مۇھىمى، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغان، نەتىجە قازىنالايدىغان جەمئىيەت بولۇشى كېرەك. ئادىل ئىجتىمائىي مۇھىت بەرپا قىلىپ، خەلقنىڭ باراۋەر قاتنىشىش، باراۋەر تەرەققىي قىلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلغاندىلا، ھەممە ئادەمنىڭ ئارزۇسى چېچەكلەپ، مول مېۋە بېرىپ، ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى›› تېخىمۇ جۇلالىنىدۇ.
ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، مۇۋاپىق قائىدە ۋە تۈزۈم كاپالىتى بولۇشى كېرەك. بۇ توغرىسىدا، 18 – قۇرۇلتايدا تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، ھوقۇقتا، پۇرسەتتە، قائىدىدە ئادىل بولۇش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان ئىجتىمائىي ئادىللىق كاپالەت سىستېمىسىنى تەدرىجىي ئورنىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ جايىدا دېيىلگەن نېگىزلىك گەپ. ھازىر، قائىدە – تۈزۈمنى تىرىشىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يوچۇق، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاش، بولۇپمۇ سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىش روھىغا خىلاپلىق قىلغان، پۇقرالارنىڭ باراۋەرلىك ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك كونا قائىدە، تۈزۈملەرنى بىكار قىلىپ، مەكتەپكە قوبۇل قىلىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، داۋالىنىش، مائاش – تەمىناتنى تەقسىم قىلىش قاتارلىق ئاممىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىدە ئەلنىڭ رايىنى توپلاپ، ئەلنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى قوبۇل قىلىپ، تېخىمۇ ئادىل قائىدە، تۈزۈمنى ئورنىتىش كېرەك.
يەنە بىر تەرەپتىن، قائىدە – تۈزۈمنى نازارەت قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. تۈزۈم لايىھەسى، ئىدىيەدە يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرى، خىزمەتلەرنى ياخشىلاش ئۇسۇلىنى ئۈزلۈكسىز ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت، كارخانا – كەسپىي ئورۇنلارنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ ئاشكارىلىقى، ئادىللىقى، روشەنلىكىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، ئاممىنىڭ نازارىتى ۋە دەۋرنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قىلىش، يوشۇرۇن قائىدىلەر ئادىللىققا زىيان يەتكۈزىدىغان ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىپ، تۈزۈمنىڭ ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى قوغداش جەھەتتىكى رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش كېرەك.
‹‹ئارزۇ، پۇرسەت بولغاندىلا، كۈرەش قىلغاندىلا، بارلىق گۈزەل نەرسىلەرنى ياراتقىلى بولىدۇ››. ئادىللىق كاپالىتى تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ ئىجادچانلىق ھاياتىي كۈچى تولۇق قوزغىتىلغاندا، سانسىزلىغان خەلقنىڭ بەختىيار تۇرمۇشى ۋە گۈزەل ئارزۇسى ئۈزلۈكسىز روياپقا چىقىدۇ.