شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورى
بۈگۈن شىنجاڭ گېزىتى لوپنۇر كۆلى ياۋا تۆگە دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ يۈنىڭ تەسىرلىك ئىش – پائالىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلدى. جاڭ يۈ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، چوڭ شەھەردە ئىشلەش پۇرسىتىدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋاز كېچىپ، مۇھىت ئاسراش ئارزۇسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، سوغۇق، ئوكسىگېن يېتىشمەيدىغان ئالتۇنتاغقا كېلىپ، ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى.
يولداش جاڭ يۈ قىسقىغىنا ھاياتىدا بىزگە غايەت زور مەنىۋى بايلىق قالدۇرۇپ كەتتى، ئۇنىڭ بىزدىن تۇيۇقسىز ئايرىلىشى شىنجاڭنىڭ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى باشقۇرۇش ئىشلىرى ئۈچۈن زور يوقىتىش.
يولداش جاڭ يۈ يېڭى دەۋردىكى مۇھىت ئاسراش خىزمىتى جەريانىدا مەيدانغا كەلگەن ئىلغار نەمۇنىچى، ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر تىرىشقانلارنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىلى، ئاساسىي قاتلام مۇھىت ئاسراش سېپىدە قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىشتىكى مۇنەۋۋەر تىپ. ئۇ باشتىن – ئاخىر پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى؛ ھاياتى بىلەن مۇھىت ئاسرىغۇچىلارنىڭ پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا بولغان چەكسىز ساداقىتىنى نامايان قىلدى؛ جۇشقۇن ھاياتى بىلەن ئادەم بىلەن تەبىئەت، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ئىناق بىرگە ئۆتۈشىدەك ھايات كۈيىنى ياڭراتتى.
ئاددىي بۆلۈم باشلىقلىقىدىن ياۋا تۆگە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغانغا قەدەر يولداش جاڭ يۈ مەيلى قايسى ئىش ئورنىدا بولسۇن پارتىيەگە، خىزمىتىگە سادىق بولۇپ، خىزمىتىنى ھاياتىدىن مۇھىم بىلىپ، ئىش ئورنىدا ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇش ئۈچۈن تىرىشتى. ئۇ يۈكسەك خىزمەت قىزغىنلىقى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن ئىزچىل ئەڭ جاپالىق 1 – سەپتە ئىشلەپ، نەچچە ئون قېتىم ‹‹ھالاكەت دېڭىزى››غا ئىچكىرىلەپ كىرىپ،
بىر يىلى كۈزنىڭ مەلۇم بىر كۈنى تەكشۈرۈش ئەترىتى لوپنۇر كۆلى رايونىغا كىرگەندە سۈيى تۈگەپ كەتتى، جاڭ يۈ بىلەن جاڭ پېڭ سۇ ئىزدەۋېتىپ، سېرىق سۇ بار بىر ئازگالنى بايقىدى. جاڭ يۈ: ‹‹ئاۋۋال مەن ئىچىپ باقاي، سۇدا چاتاق بولمىسا، ئاندىن سەن ئىچكىن››، دەپ سېرىق سۇنى بىرنەچچە يۇتۇم ئىچتى. جاڭ پېڭ ئۇنىڭ ھاياتى بىلەن قىلچە ھېسابلاشمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كۆزىگە ياش ئالدى...
ھايات – ماماتلىق پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىش
20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرى چىڭخەي بىلەن گەنسۇدىن نۇرغۇن ئالتۇن قازغۇچى ئالتۇنتاغ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىغا ئالتۇن قېزىش، ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز ئوۋلاش ئۈچۈن كەلدى.
ئالتۇنتاغ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى قوغداش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى قوراللىق ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتى تەشكىللەپ، تاغنى چارلاپ قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئوغرىلىقچە ئالتۇن قېزىش، ئوغرىلىقچە ئوۋ ئوۋلاشقا قارشى كۈرەشنى قانات يايدۇردى. 1989 – يىلى 8 – ئىيۇل جاڭ يۈ بىلەن جاڭ شياڭ قاتارلىق يەتتە كىشى مۇھاپىزەت رايونىغا ئىچكىرىلەپ كىردى، ئۇلار غازبۇلاق يولى ئېغىزىغا كەلگەندە، ئالتۇن قازغۇچىلارنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلاۋاتقانلىقىنى بايقىدى. جاڭ يۈ كەسكىن قارار چىقىرىپ، خىزمەتدىشى سۇلايمان سىدىقنى ساقچىغا مەلۇم قىلىشقا ئەۋەتتى، ئۆزى فوتو ئاپپاراتىنى ئېلىپ، ھەممىنىڭ ئالدىدا ماڭدى. 100 نەچچە ئالتۇن قازغۇچى ئۆزلىرىنىڭ ئۇلاردىن كۆپ ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، تەكشۈرۈشنى رەت قىلدى ھەم قانۇن ئىجراچىلىرىنى قورشىۋېلىپ ئۇردى. بىر ئالتۇن قازغۇچى قورالىنى جاڭ يۈنىڭ خىزمەتدىشىگە تەڭلىگەندە، ئۇ ئېتىلىپ بېرىپ، بەدىنى بىلەن خىزمەتدىشىنى توسىدى ھەم جېنىنى تىكىپ ئالتۇن قازغۇچىنىڭ قورالىنى تارتىۋالماقچى بولغاندا، ئالتۇن قازغۇچىنىڭ قورالىدىن ئوق چىقىپ كەتتى. شۇ چاغدا بۇ بىر ئوچۇم قانۇنسىز ئۇنسۇرلار غالجىر ئىتتەك ئېتىلىپ كېلىپ، جاڭ يۈنى ئۇرۇپ ھوشىدىن كەتكۈزۈۋەتتى. ھەققانىيەتنى قوغدايدىغان بۇ كۈرەشتە جاڭ يۈ باتۇر، قەيسەرلىكىنى نامايان قىلغانلىقى ئۈچۈن يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىل ئۇنىڭغا ‹‹ئالتۇنتاغ مۇھاپىزەتچىسى››، دېگەن شەرەپلىك نام بەردى.
مەلۇم بىر يىلىنىڭ ياز كۈنلىرى ئىدى، جاڭ يۈ خىزمەتداشلىرى، ئامېرىكىلىق ھايۋانات مۇتەخەسسىسى رۇيئېن بىلەن تاغدا ئىلمىي تەكشۈرۈشكە ماڭدى. ئۇلار بىر كۈنى شىزاڭ بۆكىنى نەسىل قالدۇرىدىغان جاينى ئىزدەش ئۈچۈن، تاغ چوققىسىغا چىقىپ، دۇربۇندا ئەتراپنى كۆزىتىۋاتقاندا، چۆپلۈكتىن تۇيۇقسىز بىر چوڭ قوڭۇر ئېيىق چىقىپ قالدى.
جاڭ يۈ ھەمراھلىرىغا: ‹‹قوڭۇر ئېيىققا يولۇققاندا، قېچىشقا بولمايدۇ، ئالدى تەرەپ خەتەرلىك، سىلەر كەينىڭلارغا يېنىڭلار›› دەپ ئۆزى ئاستا ئالدىغا ماڭدى، قوڭۇر ئېيىق تۇيۇقسىز توختاپ، نېمىگىدۇر قىزىقىپ، قىياغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. شۇ چاغدا ھەممەيلەن يېنىك تىن ئېلىپ: ‹‹نېمىدېگەن خەتەرلىك، تاس قالدۇق، ئېيىققا يەم بولغىلى›› دېيىشىپ كەتتى.
1991 – يىلى 6 – ئايدا جاڭ يۈ شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىردى. ئۇ قىپقىزىل پارتىيە بايرىقىغا قاراپ: پارتىيەگە، دۆلەتكە، خەلققە سادىق بولۇپ، پارتىيە ئىشلىرى ئۈچۈن ھاياتىمنىڭ ئاخىرقى دەقىقىلىرىگىچە كۈرەش قىلىمەن، دەپ قەسەم بەردى.
زور مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش
1993 – يىلى تەشكىل جاڭ يۈنىڭ كەينى – كەينىدىن قوزغىلىۋاتقان ئۆپكە يەل ئىششىقى، جىگەر ياللۇغىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنىڭ خىزمىتىنى مۇھىت ئاسراش نازارىتىنىڭ تەبىئەت باشقارمىسىغا يۆتكىدى. كېيىن جاڭ يۈ يەنە ياۋا تۆگە تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىغا قايتىپ كەلدى، 2010 – يىلى ئۇ ياۋا تۆگە تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولدى.
ئۇ ئىدارە باشلىقى بولغاندىن كېيىن، مۇھاپىزەت رايونىنى كۆپ قېتىم تەكشۈرۈپ، مۇھاپىزەت رايونىنىڭ قۇرۇلۇش پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى. ئالىي ئىنژېنېر يۇەن لېي مۇنداق ئىستاتىستىكا قىلىپ قويغان: جاڭ يۈ 2002 – يىلىدىن 2012 – يىلىغىچە لوپنۇر كۆلىگە 35 قېتىم بېرىپ كەلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە كۆلىمى چوڭراق دالا تەكشۈرۈشكە 11 قېتىم قاتناشقان، ئۇ بۇ جەرياندا ياۋايى ھايۋانلار ۋە ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىنى ئاساسى جەھەتتىن ئىگىلەپ بولغان.
مۇھاپىزەت رايونىغا بارغاندا، دائىم تاسادىپىي ۋەقەلەر يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. جاڭ يۈ 2005 – يىلى كۈزدە 20 تۆگىلىك ئەترەتنى باشلاپ ئالتۇنتاغقا ئىچكىرىلەپ كىرىپ، قۇمبۇلاقتا چۈشكۈن قىلدى. بىر كۈنى كەچتە بىر نەچچە بۆرە ئۇلارنىڭ تۇرالغۇسىغا ھۇجۇم قىلدى. ھالقىلىق پەيتتە جاڭ يۈ ئەترەتتىكىلەرنى باشلاپ، چېدىردىن چىقىپ، قۇرۇق توغراق شېخىغا ئوت يېقىپ، كۆپچىلىك بىلەن سۇ، ماي تۇڭلىرىنى داراڭشىتىپ بۆرە توپىنى قورقۇتۇپ قاچۇردى.
2002 – يىلى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى باشلانغاندا، تۇرۇبا يولىنى ياۋا تۆگە تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىن كېسىپ ئۆتكۈزۈش زۆرۈر بولۇپ قالغانىدى، ئاپتونوم رايون ئېكولوگىيەلىك تولۇقلىما پۇل مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 12 – ئاينىڭ 20 – كۈنى جاڭ يۈ ئېكولوگىيە باشقارمىسىنىڭ باشلىقى لى شىنخۇا بىلەن بىللە جۇڭگو نېفىتچىلىك گۇرۇھىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىشكە باردى. جاڭ يۈ بېيجىڭغا بارغاندىن كېيىن، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئىشلەپ، چەت ئەللەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك تولۇقلىما پۇلىغا ئالاقىدار ماتېرىياللىرىنى توپلىدى، شۇنداق قىلىپ ئۇ ئاخىرى 16 مىليون 500 مىڭ يۈەنلىك ئېكولوگىيەلىك تولۇقلىما پۇلىنى قولغا كەلتۈردى.
جاڭ يۈنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مۇھاپىزەت رايونىنىڭ ئون يىللىق پىلانى تاماملاندى، <<11 – بەش يىل>>لىق ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنىڭ مۈمكىنچىلىك تەتقىقات دوكلاتى تەييارلاندى، ھەر يىلى دۆلەتنىڭ 13 مىليون يۈەنلىك ياردەم مەبلىغى قولغا كەلتۈرۈلدى؛ ‹‹لوپنۇر كۆلىدىكى ياۋا تۆگە دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى باشقۇرۇش چارىسى››نى تۈزۈشكە تۇتۇش قىلىندى، يەرلىك قائىدە – نىزاملار تۈزۈلۈپ، ياۋا تۆگە ئۈچۈن تىنچ مۇھىت بەرپا قىلىندى.
ئېكولوگىيەنى قوغداش
پارتىيەگە، خەلققە سادىق بولۇشنى جاڭ يۈ ئېغىزىدىلا ئەمەس، ئەمەلىي ھەرىكىتىدە كۆرسەتتى. جاڭ پېڭ ئەينى چاغدىكى ئۇنتۇلماس دەقىقىلەرنى ھازىرمۇ دائىم ئەسلەيدۇ. تاغدا دائىم 100 نەچچە مىڭ يۈەن ياكى نەچچە كىلوگىرام كېپەك ئالتۇن دېگەندەك ئولجىلار ئېلىنىپ تۇراتتى. بۇنداق چاغدا جاڭ يۈ ئۇلارنى ئېنىق تىزىملاپ بولغاندىن كېيىن، دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇپ بېرەتتى. جاڭ يۈ دائىم: ‹‹شەخسىيەتچى بولغاندا، بېيىش ئاسان. بىراق مەن پارتىيە ئەزاسى، شۇڭا پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، سەمىمىيلىك بىلەن ياشىسام كۆڭلۈم ئاندىن ئارام تاپىدۇ، خاتىرجەم ياشايمەن›› دەيدۇ.
جاڭ يۈ تەبىئەتنى مۇھاپىزەت قىلىش ئىشلىرىغا بولغان مەسئۇلىيىتىنى دەپ نۇرغۇن پۇرسەتلەرنى قولدىن بېرىۋەتتى. مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى مۇھىت تەسىرىنى باھالاش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۈي شۇخۇڭ جاڭ يۈنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقدىشى ئىدى، بۇلتۇر 4 – ئايدا ئۇ شىنجاڭغا كەلگەندە، جاڭ يۈنىڭ كېسەلخانىدا يېتىپ قالغانلىقىنى ئۇقۇپ ئۇنىڭغا: ‹‹50 ياشقا يېقىنلىشپ قالدىڭ، ئاسانراق خىزمەتكە يۆتكىلىۋال، مەن ياردەم قىلاي›› دېگەندە ئۇ بۇنى ‹‹قەدىناس ساۋاقدىشىمنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە رەھمەت، كۆڭلۈمدىكىنى ئېيتسام، نەچچە ئون يىل ئىشلىگەن خىزمىتىمدىن ۋاز كېچەلمەيمەن›› دەپ چىرايلىقچە رەت قىلدى.
جاڭ يۈ ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ سەككىز قېتىم ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش سىستېمىسى بويىچە مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى ۋە ئىلغار خىزمەتچى بولۇپ باھالاندى، ئۇنىڭ ھەر بىر سۆز – ھەرىكىتى بىر كومپارتىيە ئەزاسىنىڭ پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا سادىق بولۇشتەك يۈكسەك پەزىلىتىنى نامايان قىلىپ بەردى.
پۈتۈن ھاياتىنى خىزمەتكە بېغىشلاش
3 – ئاينىڭ 26 – كۈنى دوختۇرنىڭ دىياگنوزلىرىنى قولىغا ئېلىپ قاتتىق ئازابلانغان جاڭ يۈنىڭ خوتۇنى خې شياۋچى: جاڭ يۈ شۇنچىلىك قاتتىق ئاغرىپ قالغانلىقىنى مەندىن يوشۇرۇپ كەپتىكەن. ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىشخانىسىدىن بەزى دىياگنوزلارنى تاپتىم، دېدى.
مەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدىن چىقىرىلغان دىياگنوزلارنى كۆردۈم، ئۇنىڭدا: ‹‹3 –دەرىجىلىك يۇقىرى قان بېسىم، ئەھۋالى خەتەرلىك، سوزۇلما خاراكتېرلىك B تىپلىق ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغى، كېچىسى قاندىكى ئوكسىگېن تەركىبى ئېغىر دەرىجىدە يېتىشمەسلىك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان، ئارام ئېلىشقا دىققەت قىلسۇن، چارچاشقا بولمايدۇ، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلسۇن››، يەنە ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، دېڭىز يۈزىدىن يۇقىرى جايلارغا ۋە قاتتىق ئىسسىق بولىدىغان جايلارغا بارماسلىق كېرەك. كېسەلخانىدىن چىققان ۋاقتى: 2012 – يىل 2 – ئاينىڭ 28 – كۈنى، دەپ يېزىلغانىدى.
دۇختۇرخانىدىن چىقىپ ئىككى ئايدىن ئازراق ئاشقان چاغدا جاڭ يۈ ئالتۇنتاغ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىغا يەنە قايتىپ كەلدى، بۇ ئۇنىڭ لوپنۇر كۆلىگە ئاخىرقى قېتىم بېرىشى بولۇپ قالدى.
بەزىلەر ئۇنىڭغا مۇنداق باھا بەردى: جاڭ يۈ قانائەتچان ئادەم ئىدى، ئۇ خىزمەتتىنلا خۇشاللىق تاپاتتى. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى ئۈچ يىلىدا، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇتەخەسسىسلەر بىلەن بىرلىكتە، ياۋا تۆگىلەرنىڭ تارقىلىشى ۋە ياشاش رايونى توغرىسىدىكى مەخسۇس تەتقىقاتنى قانات يايدۇردى. ياۋا تۆگىلەر ياشايدىغان رايوندا تۆگىلەرنى ئىز قوغلاپ تەتقىق قىلدى ۋە تۆگە پادىسىنى ھاۋادىن تەكشۈرۈپ، خەلقئارا ھەمكارلىق FEC تۈرى ۋە نەسلى قۇرۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ھەمراھلار تۈرىنى تاماملىدى.
جاڭ يۈ ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇ شىنجاڭنىڭ تەبىئىي مۇھىت ۋە ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش ئىشلىرى ئۈچۈن قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق قالدۇرۇپ كەتتى. ئۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ئېكسپېدىتسىيە دوكلاتىدىن تۆتنى، تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن 20 نەچچىنى يېزىشقا يېتەكچىلىك قىلدى؛ قوش لوكىلىق ياۋا تۆگە توغرىسىدىكى بىر كىتابى نەشردىن چىقتى؛ ئىلمىي تەتقىقات تېمىسىدىن ئۈچ تۈرنى تاماملىدى، ئۇنىڭ بىر تۈردىكى نەتىجىسى ئۆلكە دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
ئۇ ‹‹ئىش قىلىشنى ئويلايدىغان، جەڭ قىلالايدىغان، قاتتىق جەڭ قىلالايدىغان›› باشقۇرغۇچىلار ئەترىتىنى قالدۇرۇپ كەتتى. نۇقتىلىق تەربىيەلەش ئارقىلىق يۈەن لېي قاتارلىق بىر تۈركۈم ياش ئېلىمىزنىڭ ياۋا تۆگە قوغداش كەسپىدىكى ئىختىساس ئىگىلىرىدىن بولۇپ يېتىشىپ چىقتى.
بۇلتۇر ياۋا تۆگە تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ‹‹مەملىكەتلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى باشقۇرۇشتىكى ئىلغار ئورۇن›› بولۇپ باھالاندى. تەقدىرنامە ئېلىپ كېلىنگەن كۈنى كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى كۆزىگە ئىسسىق ياش ئالغان ھالدا: ‹‹ئىدارە باشلىقى، خاتىرجەم بولۇڭ، سىز قىلىپ بولالمىغان ئىشلارنى چوقۇم ئورۇنداش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىمىز››، دېيىشتى.