باش بەت   خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> قىززىق نوقتا

ئەمەلدار بولىمەن دېسىڭىز، باي بولۇشنىڭ غېمىدە يۈرمەڭ

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2013-04-08 10:41

   

    «خەلق گېزىتى» ئوبزورچىسى

    مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» يېپىلغاندىن كېيىن، زۇڭلى لى كېچياڭ جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش ھەققىدە كەسكىن سۆزلەپ: «ئەمەلدار بولۇش بىلەن بېيىش ئىككى ئىش. ھۆكۈمەتتە ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ئىكەنسىز، ئاۋامغا خىزمەت قىلىپ، باي بولۇش خىيالىڭىزدىن ۋاز كېچىڭ» دېدى. دېمەك، سىياسىي بىلەن شۇغۇللانسىڭىز، باي بولالمايسىز. باي بولماقچى بولسىڭىز، سىياسىي بىلەن شۇغۇللانماڭ ھەم بىرلا ۋاقىتتا ئىككى قېيىققا دەسسەشكە تېخىمۇ بولمايدۇ.

    پاك–دىيانەتلىك بولۇش جۇڭگونىڭ تارىخى، سىياسىيسى، مەدەنىيىتىنىڭ يادروسى بولۇپ، تارىختىن بۇيان كىشىلەر تەرىپىدىن قەدىرلىنىپ كەلگەن. قەدىمدىن ھازىرغىچە، كىشىلەر ئومۇم ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئەلا بىلىپ، سەخسىي مەنپەئەتىنى كۆزلىمىگەن ئەمەلدارلارنى پاك ئەمەلدار، ياخشى ئەمەلدار، دەپ تەرىپلەپ كەلگەن. ياڭ شەنجۇ خەلق ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ئىشلىگەن، ئاخىرىدا يەنە مىڭبىر جاپادا تىكلىگەن ئىگىلىكى دېھقانچىلىق مەيدانىنى ئىئانە قىلىپ، خەلققە بەخت ياراتقان.

    ھەر قانداق كىشىنىڭ كەسىپ تاللاش ئەركىنلىكى بولىدۇ، سىياسىي بىلەن شۇغۇللانسىڭىزمۇ، سودا قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ، بىراق سىياسىي بىلەن شۇغۇللىنىپ ھارام بايلىق توپلاشقا بولمايدۇ. ۋەھالەنكى، بەزى پارتىيەلىك كادىرلار پۇلغا قىزىقىپ، جىنايەت يولىغا ماڭماقتا. بۇ يىل مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»دا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا، خىزمەت ئۈستىدە جىنايەت ئۆتكۈزۈش دېلولىرى سانلىق مەلۇماتلاشتۇرۇلۇپ تىلغا ئېلىندى. يېقىنقى بەش يىلدا، ھەر ئىككى ئايدا بىر ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك كادىر، ھەر ئىككى كۈندە بىر نازىر، ئىدارە باشلىقى دەرىجىلىك كادىر، كۈندە يەتتە ھاكىم، باشقارما باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىر بىر تەرەپ قىلىنغان. ئۇلار پەيدا قىلغان ئىجتىمائىي تەسىرمۇ ئېغىر بولماقتا. بۇنى ئوبدان كۆزىتىدىغان بولساق شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، نۇرغۇن كىشى پۇلغا قىزىقىپ كېتىپ، ئەس – ھوشىنى يوقىتىپ قويغان.

    «ئەمەلدار بولىمەن دېسىڭىز، باي بولۇشنىڭ غېمىدە يۈرمەڭ»، بۇ ئەينى چاغدىكى ۋەتەنپەرۋەر قوماندان جى خۇڭچاڭ ئۆزى ۋە قول ئاستىدىكىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيتقان سۆزى. ھازىرقى پارتىيەلىك كادىرلار «ئەمەلدار بولۇش» بىلەن «بېيىش»نىڭ چەك – چېگراسىنى ئېنىق ئايرىپ، ھوقۇقنى خەلق ئۈچۈن ئىشلىتىپ، خەلققە مېھىر – مۇھەببەت باغلاپ، خەلق مەنپەئەتىنى كۆزلەپ، مال – دۇنياغا، راھەت – پاراغەتلىك تۇرمۇشقا قىزىقماسلىقى كېرەك. «ئەمەلدار بولىمەن دېسىڭىز، باي بولۇشنىڭ غېمىدە يۈرمەڭ»، بۇنى پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتى بەلگىلىگەن، شۇنداقلا كەسپىي تەلەپ بەلگىلىگەن، بۇنى ئەمەلدارلارنىڭ سىياسىي بىلەن شۇغۇللىنىش ئۆلچىمى قىلىشى كېرەك.

    ھازىر ئەمەلدارلارنىڭ مائاشى ۋە پاراۋانلىق تەمىناتى تۆۋەن ئەمەس. تۇرمۇشىڭىز ئادەتتىكىچە بولسىمۇ، پۇلنى ھالال تېپىپ خەجلەپ خاتىرجەم يۈرۈڭ، ئاز بولسۇن، ئۆكسۈپ قالمىسۇن، كەلگۈسىدىن ئۈمىدۋار بولۇڭ. بەزى كادىرلار ھارام مالنىڭ قىزىقتۇرۇشىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، تەۋرىنىپ قالدى. بەزىلەردە روھىي نورمالسىزلىق كۆرۈلدى، باشقىلارنىڭ داڭلىق ماركىلىق ئاپتوموبىل ھەيدەۋاتقانلىقىنى، ھەشەمەتلىك تۇرالغۇدا ئولتۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بۇلارنى ئۆزىنىڭ كۆپ مەنپەئەتكە ئېرىشەلمىگەنلىكى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، بۇنىڭغا قايىل بولمىدى؛ بەزىلەر خاتا ھالدا خەلق بەرگەن ھوقۇقنى خۇسۇسىي ھوقۇق ئورنىدا ئىشلىتىپ، بىر تېلېفون، بىر ئىمزا بىلەن باشقىلارنىڭ ئىشىنى ھەل قىلىپ بەردىم، تېگىشلىك «جاۋاب»قا ئېرىشىشىم كېرەك، دەپ قارىدى. يەنە بەزىلەر قانۇن كۆپكە تەگمەيدۇ، دەپ قاراپ، خاتا ھالدا «يوشۇرۇن قائىدە»نى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش پىرىنسىپى قىلىۋالدى. ئاخىرىدا قول تىقمايدىغان ئىشلارغا قول تىقىپ، بۇزمايدىغان «قائىدە»لەرنى بۇزۇپ، قولدىكى ھوقۇقىنى «نەق پۇل ئېلىش» ۋاسىتىسىگە ئايلاندۇرۇۋالدى. نەتىجىدە، بەختىنى ۋەيران قىلدى، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىشلىرىغا زىيان يەتكۈزدى.

    ھازىر تۇرمۇش بارغانسېرى رەڭدارلاشتى، پارتىيەلىك كادىرلارمۇ تۈرلۈك «ئېزىتقۇلار» لاردىن مۇستەسنا بولالمىدى، پاسسىپلىق، چىرىكلىشىش خەتىرى تېخىمۇ كۈچەيدى. پۇل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈش، قولىدىكى ھوقۇقتىن پايدىلىنىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن غايە – ئېتىقادنى مۇستەھكەملەپ، ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن خۇسۇسىي ئىشنىڭ چەك – چېگراسىنى ئايرىپ، خەلققە مۇلازىمەت قىلىشتەك خىسلەتنى يېتىلدۈرۈپ، ئىدىيەۋى مۇداپىئە لىنىيەسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەشكە توغرا كېلىدۇ. قىسمەن كىشىلەرنىڭ بېيىش ئۈمىدىنى چەكلەش ئۈچۈن، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشتىن باشقا، يەنە ھوقۇققا چەك قويۇش ۋە نازارەت قىلىش ھەم ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى مۇستەھكەملەپ، ھوقۇقنىڭ چىرىكلىكنىڭ مەنبەسى ۋە ۋاسىتىسى بولۇپ قېلىشتىن مەڭگۈ ساقلىنىش كېرەك.

  مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

2012-يىلى شىنجاڭدا مائارىپقا جەمئىي سېلىنغان مەخسۇس تۈر مەبلىغى 47 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولغان

بۇ يىل ئېلىمىز 3 مىليون ئائىلىنىڭ خەتەرلىك ئۆيىنى تۈزەش ۋەزىپىسىنى تاماملايدۇ

تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى سۇلياۋ تاماق قاچىسىنى چەكلەشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش سەۋەبىنى ئېلان قىلدى

مائارىپ مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن يېڭىدىن كۆپەيگەن تولۇق كۇرۇسلۇق 20 ئالىي مەكتەپنى ئېلان قىلدى

يېڭى باسقۇچلۇق ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرلارنى تەڭشەش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى

چوكانتال بايرىمىلىق ئارام 4-ئاپرېلدىن 6-ئاپرېلغىچە بولىدۇ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى پىلان دوكلات، خامچوت دوكلاتىنى تارقاتتى

گوۋۇيۈەننىڭ ئۈچتىن بىر قىسىم مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرى قىسقارتىلىدۇ

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇشتا ئېھتىياتچان بولۇشنى ئۈمىد قىلدى

بۇ يىل ئېلىمىز 3 مىليون ئائىلىنىڭ خەتەرلىك ئۆيىنى تۈزەش ۋەزىپىسىنى تاماملايدۇ

شى جىنپىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى

لى يۈەنچاۋ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلاندى

مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى: بىر قىسىم كېچىلىكلەرنىڭ چىقىمى زىيادە يۇقىرى، ھەشەمەت قوغلىشىش سەنئەت چېكىدىن ھالقىپ كەتكەن

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپنى ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش ھوقۇقىنى كېڭەيتمەكچى

لى جيەنگو قاتارلىقلار مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا سايلاندى

مائاشلىق دەم ئېلىش تۈزۈمى «تاشلاپ قويۇلدى»، مۇتەخەسىسلەر قەغەزدىكى ھوقۇققا ئايلنىپ قالمىسۇن، دېدى

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 9 مەخسۇس كومىتېت تەسىس قىلدى

مەركەزنىڭ 2013-يىللىق جامائەت مالىيە چىقىمى خامچوت ئورۇنلاشتۇرمىسى

8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى ئەدەبىيات سەنئەت كىچىكلىكى ئۆتكۈزۈلدى

تەيۋەنگە بېرىپ ساياھەت قىلىدىغان سىناق شەھەرلەر كۆپەيتىلىدۇ


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

19–سېنتەبىردىن باشلاپ ئىنتېرنېت تورى ۋە تېلېفوندا ‹‹ئىككى بايراملىق›› پويىز بېلىتىنى ئالدىن زاكاز قىلغىلى بولىدۇ.

نۆۋەت ئالماشتۇرۇش تۈزۈمىنى كۈچەيتىپ، ئىستىلنىڭ دۇرۇس، كەيپىياتنىڭ توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلايلى
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号