جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىدىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى :
يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا يېڭى نەتىجە يارىتىش كېرەك
لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 11 – ئاپرېل 1 – ئومۇمىي يىغىن ئاچتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلدى، كىشىنى ھەممىدىن بەك روھلاندۇرغىنى ئۆزگىرىش، ھەممىدىن بەك تەسىرلەندۈرگىنى روھ بولدى، بۇ ئاساسەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نۇرغۇن خىزمەتنى ئىشلىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى، ئاپتونوم رايونلۇق 8 – قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 – ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى قاتارلىق يىغىنلارنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: خەلق ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەتنى ئىلمىي يۈرگۈزۈپ، ھاكىمىيەتنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈپ، يېڭىلىق يارىتىشچان ھۆكۈمەت بەرپا قىلىشى كېرەك. ھاكىمىيەتنى ئىلمىي يۈرگۈزۈشتە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر قاتار روھلىرىنى ياخشى ئىگىلەش؛ ئىش قىلغاندا ئىلمىي ئاساسلارنى، جۇملىدىن پاكىت، قانۇن – بەلگىلىمىلەر ۋە خىزمەتنى ئاساس قىلىشنى تەكىتلەش؛ ئىلمىي ئاساستا تەدبىر بەلگىلەش، كوللېكتىپنىڭ ئەقىل – پاراسىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، دېموكراتىك ئاساستا تەدبىر بەلگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىش؛ ئىلمىي تەرتىپكە بويسۇنۇپ، بەلگىلىمە، دەلىل – ئىسپات، باھالاش ۋە ئاشكارا بولۇشنى تەكىتلەش؛ ئىلمىي ھەرىكەت قوللىنىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا جۈرئەت قىلىش ۋە ماھىر بولۇش كېرەك. ھاكىمىيەتنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشتە ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، قانۇنلۇق مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش، ئورۇنلۇق مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش، تەرتىپ توغرا بولۇش، يۇقىرى ئۈنۈمدە خەلققە قولايلىق يارىتىپ بېرىش، سەمىمىي بولۇش، ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەت بىردەك بولۇش تەلىپى بويىچە ھوقۇق يۈرگۈزۈپ، بۇرچنى ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، فۇنكسىيەسى ئىلمىي، قۇرۇلمىسى سەرخىل، پاك ھەم يۇقىرى ئۈنۈملۈك، خەلق رازى بولىدىغان مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرۇش كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، تەستىقلاش جەريانىنى ئىخچاملاپ، ئادىل بولمىغان، ۋاقتى ئۆتكەن قانۇن – بەلگىلىمە ۋە باشقۇرۇش نىزاملىرىغا ۋاقتىدا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، نازارەت قىلىش بىلەن جامائەت مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىشچان ھۆكۈمەت بەرپا قىلىشتا بايلىقنى بازارغا تەقسىملەشتىن باشلاپ تۇتۇپ، بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى كۈچەيتىپ، بايلىق ئېچىش ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك؛ پاك ھۆكۈمەت بەرپا قىلىشتا قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت بەرپا قىلىش كېرەك؛ مالىيە – ئىقتىساد ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىقتىسادىي خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، مالىيە كۈچىنى نىسبەتەن مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۈنۈمنى تەكىتلەپ، تىجەشلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، ئىقتىسادىي خىزمەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش كېرەك.
جاڭ چۈنشيەن تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك. ئىشەنچكە تولۇش بىلەن بىللە، يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان خەۋپلەرنىمۇ كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. مۇقىم ئېشىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، پۇل پاخاللىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، خەۋپ – خەتەرنى تىزگىنلەپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىش، بايلىق مۇھىتىنى قوغداشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرىدىغان سەككىز تۈرلۈك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. مەركەزنىڭ خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، ئامما بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاش توغرىسىدىكى ‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە››سىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۇبيېكتلىق رولنى جارى قىلدۇرۇپ، ‹‹تىرىشقاندىلا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، تىرىشساقلا ئۆگەرتەلەيمىز›› دېگەندە چىڭ تۇرۇپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، جاسارەت بىلەن ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ، بىيۇروكراتلىك ۋە شەكىلۋازلىقنى تۈگىتىش كېرەك. ئاساسىي خىزمەتلەرگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەستايىدىل ئىشلەش كېرەك. دادىل، قاتتىق ۋە ئىلمىي باشقۇرۇپ، ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك بولۇش، ياخشىلىرىنىلا ئىشقا قويۇش، ‹‹ئۈچتە زىيان تارتقۇزماسلىق››تەك ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، باھالاش ئۇسۇللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ ۋە ئۇنى ياخشىلاپ، مۇكاپاتلاش بىلەن جازالاشنى ئېنىق ئايرىش كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، ‹‹خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئاممىنى 1 – ئورۇنغا قويۇش، ئاساسىي قاتلامنى مۇھىم بىلىش›› تەلىپىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ ۋە كۈچەيتىپ، كونا تەپەككۇر ئۇسۇلى ۋە قېلىپلىشىپ قالغان ئادەتلەرنى تۈگىتىش كېرەك. شىنجاڭچە روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭچە ئۈنۈم يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭچە ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭچە ئوبرازنى تىكلەپ، ئىجرا كۈچىنى ئاشۇرۇپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىتتىپاقلىقنى قەدىرلەپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك. ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى جارى قىلدۈرۈپ، تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن خەن يۇڭ، خۇاڭ ۋېي، سۇڭ ئەيرۇڭ، بەي جىجيې، كۈرەش مەخسۇت، جاپپار ھەبىبۇللا، چيەن جى، جىن نو، جۇ چاڭجيې، ماغاۋ سېيتقەمزە، ليۇ يەنلياڭ، يۈ شيۇدۇڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.