ئاپتونوم رايونلۇق 12–نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 1–قېتىملىق پاكلىق خىزمىتى، نەتىجە ۋە ئۈنۈمنى باشقۇرۇش يىغىنىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى:
ھوقۇقنى ئوچۇق–ئاشكارا، بەلگىلىمە بويىچە يۈرگۈزۈش كېرەك
مۇخبىرىمىز لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 15 – ئاپرېل چۈشتىن كېيىن 1 – قېتىملىق پاكلىق خىزمىتى، نەتىجە ۋە ئۈنۈمنى باشقۇرۇش تېلېۋىزىيە تېلېفون يىغىنى چاقىردى. يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇشقا دائىر قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چىرىكلىشىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش، قاتتىق باشقۇرۇش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، ئىستىلنى ئۆزگەرتىش تەلىپى بويىچە، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، نەتىجە ۋە ئۈنۈمنى باھالاش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت سىستېمىسىدا چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك.
نۇر بەكرى مۇنداق دېدى: ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى بۇلتۇر مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ زور قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستىل تۈزىتىش ۋە مالىمانچىلىقنى تۈزەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، نەتىجە ۋە ئۈنۈمنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمى ئىسلاھاتى ۋە مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، جازا ۋە مۇداپىئە تەربىيەسى، پاكلىقنى مەمۇرىي تەپتىش قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت سىستېمىسىدا چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش ۋە نەتىجە ۋە ئۈنۈمنى باھالاش خىزمىتىدە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
نۇر بەكرى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر سىياسىي ئىنتىزامنى كۈچەيتىپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغدىشى كېرەك. ئومۇمىيەت ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ زور تەدبىرلىرىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، ۋاز كېچىشكە تېگىشلىك ھوقۇقلاردىن ۋاز كېچىشى كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ھازىرقى مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەرتىپكە سېلىپ، تەستىقلاش ھالقىلىرىنى قىسقارتىپ، خەلققە قولايلىق يارىتىش نۇقتىسىدىن تەستىق شەكىللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك، ياخشى بازار مۇھىتى يارىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشى كېرەك.
نۇر بەكرى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھوقۇقنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھوقۇقنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە چەكلەش كېرەك. ‹‹خېرىدار چاقىرىش، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش، ۋىۋىسكا ئېسىپ سودا قىلىش››تا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت مۈلكى ئىگىدارلىق ھوقۇقى سودا تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خېرىدار چاقىرىش ئۇسۇلىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، مەمۇرىي ئىشلارنى ئاشكارىلاشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ھوقۇقنى ئوچۇق – ئاشكارا، بەلگىلىمە بويىچە يۈرگۈزۈش كېرەك. مالىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەبلەغنى ياخشى باشقۇرۇش كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورۇنلار بۇ يىلدىن باشلاپ ‹‹ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىل خىراجىتى››نى ئومۇميۈزلۈك ئاشكارىلاپ، ھۆكۈمەتنىڭ قانچە پۇل ئىشلەتكەنلىكىنى، قانداق ئىشلارنى قىلغانلىقىنى پۇقرالارغا ئېنىق بىلدۈرۈشى كېرەك. ئىقتىسادچىللىقنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇپ، خىزمەت ئىستىلىنى تىرىشىپ ياخشىلاش كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئون تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاممىۋى قاراشنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تېجەشلىك بولۇپ، يېزىقچىلىق ئىستىلى، يىغىن ئىستىلىنى كۈچەپ ياخشىلاش كېرەك. پاكلىق قۇرۇلۇشىنى قانۇن بويىچە ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەمۇرىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. نەتىجە ۋە ئۈنۈمنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. نەتىجە ۋە ئۈنۈمنى باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن ئاپتونوم رايوننىڭ مەركىزىي خىزمەتلىرى، ھۆكۈمەتنى باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش، خەلق رازى ھۆكۈمەت قۇرۇش، ھوقۇقنى نازارەت قىلىش، چەكلەشنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، نەتىجە ۋە ئۈنۈمنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش روھى بويىچە پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.