ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنڭىز : ئۇيغۇرچە

پارنىك تېرىقچىلىقى دېھقانلارنى بېيىش يولىغا باشلىدى

يوللانغان ۋاقت : 2013 - يىلى 04 - ئاينىڭ 22- كۈنى 11:43

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مېھرىگۈل يۈسۈپ خەۋىرى: خېجىڭ ناھىيەسىدىكى دېھقانلار ئەسلىھەلىك تېرىقچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقتىن بۇ ناھىيەدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىدە زور بۇرۇلۇش ھاسىل قىلدى.
     جاڭ شىڭباۋ خېجىڭ ناھىيە خېجىڭ بازىرى چاغانتوڭ كەنتى1-گۇرۇپپىسىدىكى دېھقان بولۇپ، 1991-يىلدىن تارتىپلا پارنىكتا كۆكتات تېرىشقا باشلىغان ئىدى. ھازىر ئۇ 20 نەچچە يىللىق پارنىك تېرىش تەجرىبىسىگە ئىگە. ئۆتكەن يىلى ئۇنىڭ بىر پارنىكتىنلا قىلغان كىرىمى 30 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. بۇ يىل ئۇ يەنە يەتتە پارنىكقا تەرخەمەك، پەمىدۇر قاتارلىق كۆكتاتلارنى تېرىغان بولۇپ، بۇ يىلمۇ ئوبدان ھوسۇل ئالىدىغانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىلمۇ پارنىكلىرىمدىكى كۆكتاتلار ئوبدان ئوخشىدى. بۇيىل تەرخەمەكنىڭ بىر كىلوگىرامى ئۈچ يۈەن 2 مو بولدى، ئادەتتە بىر پارنىكتىن 6-7 توننا مەھسۇلات چىقىدۇ.»
    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تېرىقچىلىق كەسپى قۇرۇلمىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەڭشىلىشى بىلەن خېجىڭ ناھىيەسىدىكى دېھقانچىلىق تارماقلىرى پارنىك تېرىقچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىش بىلەن بىرگە، تېخنىكا جەھەتتە يېتەكلەشنى پائال قانات يايدۇرغانلىقتىن بۇ ناھىيەدە ھازىر جەمئىي 3115 پارنىك بولۇپ، كۆلىمى 7630 مودىن ئاشىدىكەن. 

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە