ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنڭىز : ئۇيغۇرچە

جامائەت ۋەقەلىرىدە ئاممىغا راست گەپ قىلىش كېرەك

يوللانغان ۋاقت : 2013 - يىلى 04 - ئاينىڭ 24- كۈنى 12:21

    خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ۋۇخەي بۆلىكىدە يۇقىرى ئېقىندىن پاسكىنا نەرسىلەر ئېقىپ كېلىپ سۇنى بۇلغىغان، مۇخبىر ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتى بىلەن 20 نەچچە قېتىم تېلېفوندا سۆزلىشىپ، 20 نەچچە سائەت كۈتكەن بولسىمۇ، مۇھىت ئاسراش نازارىتىدىن بۇ توغرىسىدا ھېچقانداق جاۋاب كەلمىگەن.

    جامائەت ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مۇھىت بۇلغىنىش ۋەقەسىگە بۇنداق سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىپ جاۋاب بەرمەسلىك خەلقنىڭ دىلىغا ئازار بېرىدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋىتىنى چۈشۈرىدۇ.

    شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئوبزورىدا مۇنداق دېيىلدى: ئېلىمىز ئۇچۇرنى ئاشكارىلاش تۈزۈمىنى يولغا قويدى، ئۇچۇرنى ۋاقتىدا، توغرا ئاشكارىلاش ئۇچۇر ئاشكارىلاشنىڭ ئاساسىي تەلىپى. جامائەت ھۆكۈمەت ئۇچۇرىنى بىلىشكە ھوقۇقلۇق. مەركەزدىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر مۇنداق تەكىتلىدى: ئۇچۇرنى ئاشكارىلاش چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرى، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مۇھىت بۇلغىنىشى، يېمەكلىك – دورا بىخەتەرلىكى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا ئائىت ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاشكارىلاپ، خەلققە راست گەپ قىلىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتىش كېرەك.

    ‹‹كۈننى ئېتەك بىلەن ياپقىلى بولمايدۇ.›› بولۇپمۇ يېڭى تاراتقۇ دەۋرىدە، ھۆكۈمەتنىڭ بەزى ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا ئاشكارىلىمىغاندا، جامائەتنىڭ نارازىلىقى ئوڭايلا قوزغىلىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتى پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ. شۇڭا، ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا بېقىپ ئىش قىلىپ، ئۇچۇرنى تىرىشىپ ئاشكارىلاش كېرەك. جامائەتنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغاۋاتقان جامائەت ۋەقەلىرىدە ئۇچۇرنى ۋاقتىدا، تولۇق يەتكۈزمىگەن، ھەتتا ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلىپ تۇرۇپ يالغان ئېيتقان تارماقلار ۋە ئالاقىدار مەسئۇل كىشىلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش ۋە ۋەقەدىكى چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە