ماي بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسىنىڭ بايرامدىن بۇرۇن ئەرزان كۆكتات سېتىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، 24-ئاپرېلدىن 27-ئاپرېلغىچە ئۈرۈمچىدە شەھەر دەرىجىلىك زاپاس كۆكتات بازارغا سېلىنىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەت 2156 توننا زاپاس كۆكتات بازارغا سېلىنىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە يېسىۋېلەك، سەۋزە، تۇرۇپ، چاقما كاۋا، پىياز، تەكىيە كاۋا قاتارلىق يەتتە تۈرلۈك كۆكتات بار ئىكەن.
بۇ نۆۋەت بازارغا سېلىنىدىغان زاپاس كۆكتاتلار ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى كۆكتاتنى بىۋاستە سېتىش نۇقتىسىدا سېتىلىدىكەن. زاپاس كۆكتانىڭ باھاسى ئەرزان بولغانلىقتىن، تىجارەت خاراكتېرلىك كارخانىلارنىڭ كۆپلەپ سېتىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھەربىر ئاھالە ھەر كۈنى كۆپ بولغاندا پەقەت 10 كىلوگىرام كۆكتات سېتىۋالالايدىكەن، ئۇنىڭ ئىچىدە يېسىۋېلەكتىن پەقەت بىر تۈپلا سېتىلىدىكەن.
سەبىي بالىلار
خوتەن دىيارى كەچلىك بازىردىن كۆرنۈش-غاز تۇخۇمى
ئوۋچى ۋە قارچۇغا
مېھرىبان ئاچا -سىڭىل
چېچەك پەسلى
دۇنياۋى مەشھۇر جايلارنىڭ گۈزەل كېچىلىك مەنزىرىسى
تۇنجى
شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
سەبىي كۈلكىلەر