ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنڭىز : ئۇيغۇرچە

ئۈرۈمچى شەھىرى ۋاسىتىچىلىك كارخانىلارنى مەخسۇس تەرتىپكە سالىدۇ

يوللانغان ۋاقت : 2013 - يىلى 04 - ئاينىڭ 24- كۈنى 10:49

    نىلۇپەر قاسىم، ئەيساجان ئابدۇللا خەۋىرى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى يېقىندا يىغىن ئېچىپ، ۋاسىتىچىلىك كارخانىلارنى مەخسۇس تەرتىپكە سالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

    ئۇقۇشىمىزچە، بۇ قېتىمقى مەخسۇس تەرتىپكە سېلىش ھەرىكىتى 5 – ئاينىڭ 20 – كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، كارخانىلارنى تىزىملاپ ۋاكالىتەن باشقۇرۇش، مەبلەغ تەكشۈرۈپ باھالاش، يۈك توشۇش، ئۆي – مۈلۈك ۋاسىتىچىلىك كارخانىلىرىنىڭ تەكتىنى ئېنىقلاپ، ۋاسىتىچىلىك كارخانىلىرىدىكى كىنىشكىسىز، دائىرىدىن ھالقىپ تىجارەت قىلىش، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن شۆبە ئورگان تەسىس قىلىش، يالغان ماتېرىيال يوللاش، ناتوغرا رىقابەت قاتارلىق قانۇن، قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ۋاسىتىچىلىك كارخانىلىرىنىڭ ئۆزىنى تىزگىنلەش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تىجارىتىنى تەرتىپكە سېلىپ قېلىپلاشتۇرۇش مەقسىتىدە ئۆگىنىش، سەپەرۋەر قىلىش، مەركەزلەشتۈرۈپ تەرتىپكە سېلىش، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، كىنىشكىسىز تىجارەت قىلىشنى مەنئى قىلىش، باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى ياخشىلاش، ئۆز – ئۆزىنى تىزگىنلەش مېخانىزمى ئورنىتىش قاتارلىق باسقۇچلار بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە