ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنڭىز : ئۇيغۇرچە

پوسكام ناھىيەسى كاپالەت خاراكتېرلىك تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلەتتى

يوللانغان ۋاقت : 2013 - يىلى 04 - ئاينىڭ 24- كۈنى 10:52

                           

 ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز تۇرسۇن راخمان، توختى قۇربان خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پوسكام ناھىيەسى كاپالەت خاراكتېرلىك تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇشىنى خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم خىزمەتلەر قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ، ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرنىڭ تۇرالغۇ ئۆي قىيىنچىلىقىنى نۇقتىلىق ھەل قىلدى.

    پوسكام ناھىيەسى2012-يىلنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ، 270 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، 220 مىڭ كىۋادرات مېتىر كۆلەمدە 4893 يۈرۈش كاپالەت خاراكتېرلىك تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇشىغا ئىش باشلىغان. بۇنىڭ ئىچىدە ، 110 مىڭ كىۋادرات مېتىر كۆلەمدە 2208 يۈرۈش ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي، 110 مىڭ كىۋادرات مېتىر كۆلەمدە 2685 يۈرۈش ئاممىۋىي ئىجارىلىك ئۆي بار بولۇپ، نۆۋەتتە ، 1440 يۈرۈش ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي، 1320 يۈرۈش تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆينىڭ قۇرۇلۇشى پۈتۈپ، قۇرۇلۇش تاماملىنىش نىسبىتى ٪ 50 كە يەتكەن قالغان قۇرۇلۇشلار ھازىر جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ بۇ يىل ئىيۇلنىڭ ئاخىرىدا تولۇق تاماملىنىش مۆلچەرلەنمەكتە.

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە