2013-يىللىق ماي بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، يەتتە كىشلىكتىن كىچىك ئاپتوموبىللاردىن ھەق ئېلىنمايدىكەن. ھەق ئېلىنمايدىغان ۋاقىت: 29-ئاپرېل سائەت 0:00 دىن 1-ماي سائەت 24:00 گىچە بولىدىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش -ترانسپورت نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا ھەق ئېلىنمايدىغان ئاپتوموبىللار يەتتە كىشلىكتىن كىچىك ئاپتوموبىلنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئادەتتىكى ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا يول يۈرگەن موتسكلىتلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ھەق ئېلىنمايدىغان مەزگىلدە، كۆزنەكتىن كىرىپ چىقىدىغان ئاپتوموبىللار ھېچقانداق رەسمىيەت ئۆتىمەي بىۋاستە ئۆتسە بولىدىكەن.
ماي بايرىمىلىك دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭ ئىچىدە ساياھەت قىلىدىغانلار كۆپ بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرى ئەتراپىدىكى دۆلەت يولى 30-لىنىيەسىنىڭ تۇرپان-ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى، ئۈرۈمچى-كۈيتۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى، ئۆلكە يولى 201-لىنىيەس قاتارلىق يوللاردا ئاپتوموبىل كۆپىيىشى مۇمكىنكەن. قاتناش ساقچى تارماقلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، قىسقا مۇساپىلىك ساياھەت قىلىدىغانلار ماڭىدىغان لىنىيەنى ياخشى پىلانلىشى، يولغا چىقىشتىن بۇرۇن <<شىنجاڭ قاتناش مۇلازىمىتى>> تور بېكىتىگە چىقىپ، لىنىيەنى ئوبدان ئىگەللىشى كېرەككەن.
سەبىي بالىلار
خوتەن دىيارى كەچلىك بازىردىن كۆرنۈش-غاز تۇخۇمى
ئوۋچى ۋە قارچۇغا
مېھرىبان ئاچا -سىڭىل
چېچەك پەسلى
دۇنياۋى مەشھۇر جايلارنىڭ گۈزەل كېچىلىك مەنزىرىسى
تۇنجى
شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
سەبىي كۈلكىلەر