ئەڭ بۇرۇن جۇڭگونىڭ شەرقىي رايونىدا كۆرۈلگەن ئادەم H7N9 تىپلىق تارقىلىشچان قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى يەنىلا يامرىماقتا. 21 – ئاپرېل سائەت 16 گىچە، جۇڭگودا ئېلان قىلىنغان H7N9 تىپلىق تارقىلىشچان قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغان ئادەم 102 گە، قازا قىلغانلار 20 گە يەتتى، يۇقۇم ئەھۋالىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، خۇشخەۋەرلەرمۇ ئۈزلۈكسىز تارقىلىۋاتىدۇ: ھازىرغىچە ئاز بولغاندىمۇ بۇ كېسەل بىلەن يۇقۇملانغان 13 ئادەم ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى.
ئەمما يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا جىددىي. يېقىنقى بىر مەزگىلدە، جۇڭگو ئېلان قىلغان يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتىدۇ. 13 – ئاپرېلدىن 21 – ئاپرېلغىچە، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يۇقۇملانغۇچى بىر ھەسسە كۆپەيدى، بىر قانچە كۈندە ئېلان قىلىنغان يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئاشتى.
يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى ئېشىش بىلەن بىللە، يۇقۇم ئەھۋالىدا غەربكە تارقىلىش، شىمالغا كېڭىيىش ۋەزىيىتى ۋە ئائىلىگە مەركەزلەشكەن كېسەللەر كۆرۈلدى. 13 – ئاپرېلدىن باشلاپ، يۇقۇم ئەھۋالى جېجياڭ، شاڭخەي ۋە ئەنخۇيدىن ئىبارەت شەرقىي جۇڭگودىكى ئۈچ ئۆلكە بىر شەھەردىن بېيجىڭ ۋە خېنەنگە كېڭەيدى.
شاڭخەيدە بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئارقا – ئارقىدىن H7N9 تىپلىق تارقىلىشچان قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى بايقالدى، بۇ جۇڭگونىڭ يۇقىرى قاتلىمى ۋە تېببىي ساھەدىكىلەرنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى.
ھەر كۈنى كۆپىيىۋاتقان يۇقۇملانغۇچى سانىنى ئېلان قىلىش بىلەن بىللە، جۇڭگو ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يەنە تاراتقۇلار ئارقىلىق ئەڭ يېڭى داۋالاش ئەھۋالى ۋە يۇقۇم تەتقىقاتىدىكى ئىلگىرىلەشلەرنىمۇ ئۈزلۈكسىز ئۇقتۇرۇۋاتىدۇ. بەزى مۇتەخەسسسىلەر ئۆزلىرىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ يۈزلىنىشىگە بولغان قاراشلىرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىۋاتىدۇ ھەم مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە پىكىر – تەكلىپلەرنى بېرىۋاتىدۇ.
ھازىر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، قۇشلار ئادەمنىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشىدىكى ئاساسلىق مەنبە ئىكەن. پەسىللىك قۇشلارنىڭ شىمالغا ئۇچۇپ بېرىشى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ شىمالغا يامراپ كېتىشىدىكى بىر مۇمكىنچىلىك دەپ قارالدى. جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيەسى ھايۋانات تەتقىقات ئورنى ھايۋانات تارقىلىشچان كېسەللىك تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى خې خۇڭشۈەن مۇنداق دېدى: بۇنىڭ بىر تاسادىپىيلىق ياكى يۇقۇم ئەھۋالى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇش – بولماسلىقىنى بىلىشتە ئورمانچىلىق تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى، پەن تەتقىقات تارماقلىرىنىڭ تەجرىبە ئارقىلىق ئىلمىي تەھلىل قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. ئىشەنچلىك دەلىل – ئىسپاتلارغا ئېرىشكەن ھامان تېزدىن تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك.
چۈشىنىكسىز يەنە بىر ئەھۋال بار: يۇقۇملانغۇچىلار ئىچىدە تەخمىنەن %40ى قۇشلار بىلەن ئۇچراشمىغان ياكى قۇش بازىرىغا بارمىغان، بېيجىڭدىمۇ كىلىنىكىلىق ئالامەتلەر يوق ۋىرۇس ئېلىپ يۈرگۈچى بايقالغان.
جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادىمىيەسىنىڭ ئاكادىمىكى جۇڭ نەنشەن: ھازىر دۇنيا مىقياسىدا بۇنداق يېڭى ۋىرۇسقا بولغان چۈشىنىش ناھايىتى ئاز، قۇشلار بىلەن ئۇچراشمايمۇ يۇقۇملىنىپ قېلىش ‹‹تېخىچە بىر سىر››، دېدى.
شۇنداق بولسىمۇ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئىپادىسى كۆپچىلىكنى يەنىلا ئىشەنچكە ئىگە قىلدى. ‹‹نول نۇقتا›› تەتقىقات مەسلىھەت بېرىش گۇرۇھىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىدا %90تىن كۆپ زىيارەت قىلىنغۇچىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ H7N9 تىپلىق تارقىلىشچان قۇش زۇكىمىنى تىزگىنلەش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى بار دەپ قارايدىغانلىقى ئىپادىلەندى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى
سەبىي بالىلار
خوتەن دىيارى كەچلىك بازىردىن كۆرنۈش-غاز تۇخۇمى
ئوۋچى ۋە قارچۇغا
مېھرىبان ئاچا -سىڭىل
چېچەك پەسلى
دۇنياۋى مەشھۇر جايلارنىڭ گۈزەل كېچىلىك مەنزىرىسى
تۇنجى
شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
سەبىي كۈلكىلەر