ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنڭىز : ئۇيغۇرچە

تۈركىيە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى 3-سۆھبەتلىشىش شېرىك دۆلىتىگە ئايلاندى

يوللانغان ۋاقت : 2013 - يىلى 04 - ئاينىڭ 28- كۈنى 12:50

    تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنستىرى داۋۇت ئوغلۇ (ئوڭدا) بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى مايزىنسېف (سولدا) ئەسلەتمىگە ئىمزا قويۇش مۇراسىمىدا خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنستىرى داۋۇت ئوغلۇ 26-ئاپرېل قازاقىستاننىڭ 1-چوڭ شەھىرى ئالمائاتادا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى مايزىنسېف بىلەن ئەسلەتمىگە ئىمزا قويۇپ، تۈركىيەنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا سۆھبەتلىشىشتىكى شېرىك دۆلەتلىك ئورنىغا ئىگە قىلدى.

    شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 2001-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، نۆۋەتتىكى ئەزا دۆلەتلىرى جۇڭگو، رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. موڭغۇلىيە، ئىران، ھىندىستان، پاكىستان ۋە ئافغانىستان قاتارلىقلار كۆزەتكۈچى ئەزا دۆلەتلەر. بۇنىڭدىن ئىلگىرى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ سۆھبەتلىشىش شېرىك دۆلىتى بېلورۇسىيە ۋە سىرىلانكا، تۈركىيە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 3-سۆھبەتلىشىش شېرىك دۆلىتى بولۇپ قالدى.

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە