كۆرۈۋاتقىنىڭىز [ نـادىـر ئـويـۇنـلار ] دېگەن سەھىپىدىكى يازمىلار
[1067 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
بۇ بولسا، بىر تۈرلۈك ئەقلىي ئىقتىدارنى سىنايدىغان ۋە كىشىدىن كۈچلۈك زېرەكلىك تەلەپ قىلىدىغان سۇ تۇرۇبىسى ئۇلاش ئويۇنى بولۇپ، نامى – Steam And Brass . گەرچە ئويۇن Flash تا تۈزۈلگەن بولسىمۇ، سىز ئويۇننىڭ كۆرۈنمە يۈزىدىن بىر تۈرلۈك 3D ئويۇندا بولۇشقا تېگىشلىك تۇيغۇنى ھېس قىلالايسىز، ئويۇن مول تەسەۋۋۇر ۋە ئاجايىپ ئۆزگىچە بولغان رىقابەت تۇيغۇسى ئاساسىدا …..
خەتكۈش:
[1070 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
ئىسمىغا قاراپ نېمە ئويۇنكىن دەپ قالماڭ، دەل شۇ بىئو-خىمىيەلىك كىرزىس دېگەن ئويۇن شۇ. ئىلگىرىكى نەشىرلىرىنى بەك تەۋسىيە قىلىپ كەتمەيمەن، 5-ئەۋلادمۇ چىقتى، بىراق ئۇنى تېخى ئويناپ كۆرمىدىم. لېكىن ماۋۇ 4-ئەۋلادنى بىر ئويناپ تۈگىتىپ قويمىسىڭىز پۇشايمان قىلىپ قالغۇدەك ئويۇن.
[1070 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
Tekken – خەنچە نامى 铁拳 دەپ ئاتىلىدىغان ئويۇن بەلكىم 80 -يىللاردا تۇغۇلغانلارنىڭ ھېچقايسىغا ناتونۇش بولمىسا كېرەك؟ باشلانغۇچتىن تولۇقسىزغا مۇشۇ ئويۇننى ئويناپلا چىقىپتىكەنمەن، بۈگۈن دېسكا سومكامنى رەتلەۋېتىپ، ئەينى چاغدا 10 سومغا سېتىۋالغان 600MB سىغىمدىكى تۆمۈر مۇشت ئويۇنىنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلادنى ئۇچرىتىپ قالدىم، ئەپسۇسلىنارلىق يېرى بۇنى Windows 98 دىن …..
[1071 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
Shatter – بولسا بىز ئىلگىرى دائىم ياقتۇرۇپ ئوينايدىغان بىر دانە توپچە ئارقىلىق خىشلارنى چېقىش ۋە چېقىلغان خىشلاردىن چىققان ھەرخىل كۈچەيتكۈچ(توپچە ئۇزىتىش تاياقچىسىنى ئۇزارتىش، ماگنىتلىق تاياقچىگە ئۆزگەرتىش، ئوق ئاتار توپ تاياقچىسىگە كۆتۈرۈش دېگەندەك)لەرنى ئورنىتىش ئارقىلىق ئوينايدىغان ئويۇننىڭ ئەڭ يېڭى كۆرۈنمە يۈز ۋە شۇ تېخنىكا ئاساسىدا ئىشلەنگەن يېڭى تىپتىكى ئويۇن ھېسابلىنىدۇ، …..
[1075 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
Normal Tanks بولسا بىر تۈرلۈك 2D ئۆلچەمدىكى تانكا ئۇرۇشى ئويۇنى، Normal Tanks نىڭ كۆرۈنمە يۈزىدىن، ئەنئەنىۋى تانكا ئۇرۇشى ئويۇنىدىكى نۇرغۇن تونۇش سايىلەرنى بايقاش تەس ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئويۇننىڭ ئويناش ئۇسۇلى Contra – 魂斗罗 ئويۇنى بىلەن زىچ بىرىكتۈرىۋېتىلگەن، ئۈنۈمىنى قالتىس دېيىشكە بولىدۇ. بۇ 2010-يىللىق مۇستەققىل ئويۇن بايرىمى(Independent Games Festival)دا ئوقۇغۇچىلار …..
[1076 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
« ئەرۋاھ قورۇقىدىكى مەخپىيەتلىك » ئويۇنى بولسا، بىر تۈرلۈك تورداشلار تەرىپىدىن ياخشى باھاغا ئېرىشكەن ۋە كۆپ قېتىم تەۋسىيە قىلىنغان سىرلىق ئويۇننىڭ بىرى! بىر سىرلىق قورۇقتا ئىنتايىن غەلىتە بىر خىل كەشپىيات بارلىققا كېلىش ئالدىدا، ئويۇندىكى باش پېرسوناژ بۇ سىرلىق قورۇقتىكى ھەر قايسى ئۆيلەردىن پارچە-پارچە زاپچاسلارنى تېپىپ چىقىپ، ھەرقايسى زاپچاسلارنى …..
[1077 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
تەلۋىلەشكەن دېھقانچىلىق مەيدانى (farmfrenzy) بولسا، بىر خىل كۆڭۈل ئېچىش تىپىدىكى ئويۇن بولۇپ، بەلكىم خېلى كۆپ تورداشلار ئويناپ باققان بولۇشى، ئويناۋاتقان بولۇشى ۋە ياكى يەنىلا بىر قىسىم تورداشلار ئويناپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن. ئويۇننىڭ مۇۋازىنەت دەرىجىسى ئىنتايىن مۇۋاپىق تەڭشەلگەن، بىر ئۆتكەلدىكى بېرىلگەن ۋەزىپىنى تۈگەتمەي تۇرۇپ، يەنە بىر ئۆتكەلگە ئۆتەلمەيسىز، بىكار …..
[1083 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
ئويۇننىڭ قىستۇرما رەسىمىگە قاراپلا قايسى ئويۇن ئىكەنلىكىنى پەرەز قىپ بولدىڭىز ھەقىچان، توغرا! بۇ دەل بىز كىچىك چېغىمىزدا 街霸 دەپ ئاتىۋالىدىغان، 5-6 ئادەم ئۇتتۇرىۋەتكەننىڭ ئورنىغا چۈشۈپ نۆۋەت بىلەن ئوينايدىغان ئويۇن. بۈگۈن كۆپچىلىككە ئېلىپ كەلگىنىم بولسا، CAPCOM شىركىتىنىڭ پەخىرلىك ئەسىرى بولغان كوچا زومىگىرى (خەنچە نامى: 街头霸王4، ئېنگلىزچە نامى: Street Fighter) …..
[1084 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
Super Mario (بىز كىچىك چېغىمىزدا سەيموگو دەپ ئاتىۋالىدىغان ئويۇن شۇ) نىڭ دۇنيادىكى ئەك كلاسسىك ئويۇنلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىگە گەپ كەتمەيدۇ، ئارىمىزدا بۇ ئويۇننى ئويناپ باقمىغانلار يوققۇ دەيمەن؟ يېقىندا بىر تورداشنىڭ بۇ ئويۇننىڭ بارلىق ئۆتكەللىرىنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە تاماملىغان سىن خاتىرىسىنى كۆرۈپ قالدىم، تېز تاماملىغىنىغۇ بوپتۇ، بىراق بۇنداق يۇقىرى تېخنىكا بىلەن …..
[1087 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
قېتىشما ئوق بېشى( Metal Slug )، خەنچە نامى 合金弹头 دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئويۇننى بىلمەيدىغانلار بولمىسا كېرەك، كىچىك چېغىمىزدا مەھەللىدىكى كىچىك ئويۇنچۇقخانىلاردا ئاساسەن بىر-ئىككىسى بار ئىدى، ناۋادا بۇ ئويۇننى ئويناپ باقمىغان دېسىڭىز، ئۇ چاغدا كۆپچىلىك سىزنىڭ ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىڭىزنى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكىڭىزدىن گۇمانلىنىشى مۇمكىن، بۈگۈن كۆپچىلىككە ئېلىپ كەلگىنىم مەزكۇر ئويۇننىڭ …..
[1088 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
ئۆسۈملۈك ۋە جەسەت ئۇرۇشى – خەنچە نامى 植物大战僵尸 ئويۇنى بولسا ئالدىنقى يىلىدىكى ئەڭ مودا ئويۇنلارنىڭ بىرى. ئوماق لايىھەلەنگەن ئۆسۈملۈك ۋە جەسەتلەر، توختىماستىن يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان جەڭ مەيدانى مەيلى چوڭلار بولسۇن ياكى بالىلار بولسۇن، مەيلى ئوغۇل ياكى قىزلار بولسۇن، ھەممەيلەننىڭ ياقتۇرۇپ ئوينىشىغا ئېرىشتى. بۇداقىسى PopCap چىقارغان ئەڭ يېڭى «ئۆسۈملۈك جەسەت ئۇرۇشى …..
[1090 كۈن ئىلگىرى يوللانغان]
سىز ئويناپ باققان سىغىمى ئەڭ كىچىك ئويۇننىڭ سىغىمى قانچىلىك؟ دېسەم دېمىسەم بەك چىقسا نەچچە MB كېلەر ھەقىچان؟ بۈگۈن تور ئارىلاۋېتىپ تاساددىپىي ھالدا سىغىمى ئىنتايىن كىچىك، ئەمما كۆرۈنمە يۈزى ناھايىتى قالتىس بولغان بىر دانە 3D ئېتىشىش ئويۇنى بايقاپ قالدىم. بۇ ئويۇننىڭ ئىسمى kkrieger بولۇپ، پەقەت بىر دانە ئىجرا ھۆججىتى بار، بىراق قوزغاتسىڭىز …..
توۋا ما گەپلەر خۇددى ماڭا قارىتا ئېيتىلغاندەكلا تۇرىدا ، ئوقۇپ بىر يەرلىرىم جىغىلداپ كەتتى دېسە .... بۇندىن كېيىن چوڭ چوڭ دېقققەت قىلاي ...