نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
  • 5
  • 6
  • 7
  • 8
腾讯 نىڭ يېڭى مەھسۇلاتى WebQQ 2.0 – يېڭى بىر ئەۋلاد WebOS

يېقىندا 腾讯 شىركىتى يېڭى بىر ئەۋلاد WebQQ مەھسۇلاتىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، بۇ قېتىم ئوتتۇرىغا چىققان Web QQ 2.0 دە 腾讯 نىڭ ئاساسەن بارلىق مۇلازىمەتلىرى بىرىكتۈرىۋېتىلگەن بولۇپ، بۇ ھەرگىزمۇ ئەسلىدىكى ئاددى ھالدىكى WebQQ ئەمەس ئىدى، بۇ مۇلازىمەتلەر ئىچىدە ئىزدىگۈچ، توركۆرگۈ، WebQQ، مۇزىكا، ئېلخەت، مىكرو بلوگ، كىرگۈزگۈچ قاتارلىق ئىقتىدارلار قوشۇلغان بولۇپ، …..

ھازىرغىچە 1,013 ئادەم ئولىشىپ بولدى
خاككېرلار ئەسلىدە ئويۇننى مۇنداق ئوينايدىكەن

ماۋۇ كاساپەتلەر راستلا يامانكەن! تۆۋەندىكى سىننى كۆرگەندىن كېيىن، بۇ خاككېرلار غا قول قويماي تۇرالمايسىز، ئويۇن ئويناشنىڭ دەرىجىسىنى مۇشۇ دەرىجىگە ئاپىرالىغاندىكىن، بوش ئادەملەر ئەمەسكەن دەپ قالدىم، قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ سىننىڭ ئۆزىگە كېلەيلى.

ھازىرغىچە 1,107 ئادەم ئولىشىپ بولدى
ئادەم چىرايىنى تونۇش تېخنىكىسى ئارقىلىق Windows قا تىزىملىتىپ كىرىش

نۇرغۇن تورداشلار كومپيۇتېرىغا پارول بېكىتىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرىنى قوغداشنى ياخشى كۆرىدۇ. گەرچە ئاز بىر قىسىم كومپيۇتېرلاردا windows مەشغۇلات سېستىمىسىغا بارماق ئىزى بىلەن تىزىملىتىپ كىرىش ئىقتىدارى تەمىنلەنگەن بولسىمۇ، كۆپ قىسىم كومپيۇتېرلاردا يەنىلا پارولنى قولدا كىرگۈزۈشكە مەجبۇر بولىمىز، ناۋادا سىزنىڭ پارولىڭىز ھەم ئۇزۇن ھەم ئەستە تۇتۇش قىيىن بولغان پارول بولسا، بۇ Windows قا …..

ھازىرغىچە 2,804 ئادەم ئولىشىپ بولدى
تورداشلار ئۆزى كىرىشتۈرۈپ چىققان سىن – مېنىڭ يانفونۇم ئۆزگىرىشچان ماشىنا ئادەمگە ئايلىنالايدۇ!

بۇ بولسا 21 ياشلىق روسىيەلىك يىگىت Alexander Semenov بىزگە ئېلىپ كەلگەن « ئۆزگىرىشچان ماشىنا ئادەم (变形金刚)» فىلىمى بولۇپ، ئىسمىدىن چىقىپ تۇرۇپتۇ، ئۇنىڭ بۇ فىلىمنى ئىشلىشىگە ئاساسلىقى مايكول بېلنىڭ Transformers فىلىمى سەۋەپ بولغان. بۇ قىسقا فىلىمنى كۆرۈش ئارقىلىق شۇنى ھېس قىلىشقا بولىدۇكى، كومپيۇتېر تېخنىكىسى ۋە يۇمشاق دېتال ئۈنۈمى قاتارلىقلارنىڭ ئومۇملىشىغا ئەگىشىپ، ئاشۇ …..

ھازىرغىچە 1,264 ئادەم ئولىشىپ بولدى
سۈرەتلىك ئەسلەتمە – IE1.0 دىن تارتىپ IE9 قىچە بولغان 15 يىللىق مۇساپە

ئۈلۈشكۈن كەچتە Microsoft شىركىتى Internet Explorer 9 نىڭ Beta نەشىرى، يەنى IE 9 نى ئېلان قىلدى، يەنى IE ھازىر ئاللىقاچان 9-ئەۋلادقا قەدەم قويدى دېگەن سۆز. ئۇنداقتا كەينىمىزگە ئۆرۈلۈپ قارايدىغان بولساق، IE نىڭ نۇرغۇن ئاز بولمىغان ئىسسىق-سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ مۇشۇ كۈنگە كەلگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. تۆۋەندە قىستۇرما سۈرەت ئارقىلىق IE دىن …..

ھازىرغىچە 1,544 ئادەم ئولىشىپ بولدى
Windows 7 ۋەزىپە ستونىدىكى كىچىكلىتىلمە كۆزنەك رەزمېرىنى خالىغانچە بەلگىلەش قورالى

بىلىشىمچە Windows 7 دىكى يېڭىچە لايىھەلەنگەن ۋەزىپە سىتونى نۇرغۇن تورداشلارغا ئاجايىپ يارىدىغۇ دەيمەن. بولۇپمۇ نۆۋەتتىكى ئوچۇق ھالەتتە تۇرغان كۆزنەكلەرنى تەقلىدى كىچىكلىتىپ بېرىش ئىقتىدارى ئىشلەتكۈچىلەرگە نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. بىراق Windows 7 دە بۇ كىچىكلىتىلمە كۆزنەكنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك رەزمېرى سەل كىچىك تەڭشەلگەن بولۇپ، بۇنى چوڭايتىش ئۈچۈن windows تىزىملاش جەدۋېلىگە ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدۇ، ناۋادا بىزدە …..

ھازىرغىچە 657 ئادەم ئولىشىپ بولدى
20 دانە يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى تاللانغان ئۈستەل يۈزى تەگرەسىملىرى – WallPaper

كومپيۇتېرىمنى رەتلەۋېتىپ ئىلگىرى ساقلاپ قويغان بىر قىسىم ئۈستەل يۈزى تەگرەسىملىرىنى ئۇچرىتىپ قالدىم، تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىدىدە تورغا يۈكلەپ قويدۇم، تەگرەسىم نى پات-پات ئالماشتۇرۇپ تۇرىدىغان تورداشلارغا ئەسقېتىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

ھازىرغىچە 815 ئادەم ئولىشىپ بولدى
ناۋادا ۋاقىت ھازىرقىدىن 400 ھەسسە ئاستىلىتىلسا ئەھۋال قانداق بولار؟

ۋاقىتنىڭ ھازىرقىدىن 400 ھەسسە ئاستا بولغاندىكى ئەھۋالنى پەرەز قىلىپ بېقىڭ، بۇ خىل ئەھۋالنى ئادەتتىكى كۆز بىلەن كۆرۈش مۇمكىن ئەمەس، بىزنىڭ ئادەتتە تېز سۈرئەتتە يۈز بەرگەن ھادىسىلەردىن بايقايدىغىمىز پەقەت كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلا يوق بولىدۇ، تۆۋەندىكى تەجرىبە بىر قىسىم ئىشلارنىڭ جەريانىنىڭ سىزگە نەقەدەر گۈزەل ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرالىشى مۇمكىن، شارنى تېشىۋېتىش، …..

ھازىرغىچە 747 ئادەم ئولىشىپ بولدى
ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ، ھەرقانداق ئېغىر چاقچاقنىڭمۇ چېكى بولىدۇ! ناۋادا ئاشۇرىۋەتسىڭىز…

مەزكۇر سىن نى ھەپتە ئالدىدا توردا ئۇچراتقان ئىدىم، قارىسام بۇ سىن ھەققىدىكى تالاشمىلار تا ھازىرغىچە تۈگىمەيۋېتىپتۇ. بەزىلەر بۇنى راستكەن دەيدۇ، بەزىلەر يالغان دەيدۇ، يەنە بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە بۇ سوتنىڭ دەلىل-ئىسپاتى ئىكەنمىش. مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەزكۇر سىن بىزگە شۇنى ئەسكەرتىدۇ: ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ، ھەرقانداق ئېغىر چاقچاقنىڭمۇ چېكى بولىدۇ، ناۋا ئاشۇرىۋەتسىڭىز…

ھازىرغىچە 1,461 ئادەم ئولىشىپ بولدى
ئەقلىفوندىكى ئەڭ ئېسىل توركۆرگۈ – Opera Mobile 10(يانفوندا ئۇيغۇرچە تور بېكەت كۆرۈش)

ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفون (智能手机) سۇپىسىدىكى تور كۆرگۈلەر ئىچىدە، بولۇپمۇ NOKIA نىڭ Symbian سۇپىسىدا ۋە Microsoft نىڭ Windows Mobie سۇپىسىدا ئىشلەيدىغان تور كۆرگۈلەر ئىچىدە، نۆۋەتتە Opera Mobile ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى توركۆرگۈ (浏览器)لەرنىڭ بىرى بولۇپ، پۈتۈنلەي ھەقسىز ۋە ئىقتىدارلىرى ئاجايىپ يۇقىرى. يانفوندا تور بېكەت كۆرۈش ئۈنۈمى كومپيۇتېردىكىدىن قېلىشمايدۇ. ئەڭ مۇھىمى Opera Mobile 10 ئارقىلىق يانفوندا تۇرۇپ ئۇيغۇرچە تور …..

ھازىرغىچە 1,568 ئادەم ئولىشىپ بولدى
3D ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى ئويۇن – يوقالغان پلانېتتىكى مۇستەملىكە(Lost Planet)

3D تېخنىكىسىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، كومپيۇتېر ئويۇن لىرىمۇ ئاجايىپ نادىرلىشىپ كېتىپ بارىدۇ دېسە، مەزكۇر ئويۇندا سىز بىر مەۋھۇم پلانېتتىكى سان-ساناقسىز تاشقى پلانېت ئالۋاستىلىرى ۋە قاراقچىلار بىلەن جەڭ قىلىسىز، ئويۇننىڭ ئىچكىرىلىشىگە ئەگىشىپ، تېخىمۇ سىرلىق تۈسكە تولغان بىر سۈيقەست سىزنىڭ يولىڭىزنى توسماقچى بولىدۇ. Lost Planet ئويۇنىنىڭ گەرچە كومپيۇتېر سەپلىمىسىگە بولغان تەلىۋى بىر ئاز …..

ھازىرغىچە 848 ئادەم ئولىشىپ بولدى
كۆرۈش تۇيغۇسىنىڭ خاتالىشىشى – ئەستە تۇتۇڭ، كۆرگەنلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى راست بولۇشى ناتايىن!!

كىشىلىك تۇرمۇشتىكى بەزىبىر ئىشلارغا ئادەمنىڭ ھەقىقەتەن ئەقلى ھەيران قالىدۇ، ھەتتا كۆز ئالدىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان بىر قىسىم ئىشلارنى چۈشەندۈرۈپ بولۇش ئۇنچە ئاسان ئىشمۇ ئەمەس. ئىنسان كۆزىنىڭ كۆرۈش ئالاھىدىلىكى تۈپەيلى، بەزىدە كۆزىمىز بىزنى ئالداپ قويىدىغان ئىشلارمۇ يۈز بېرىپ قالىدۇ، تۆۋەندىكى مەنزىرىلەر دەل بۇنىڭ تىپىك مىسالى .

ھازىرغىچە 1,198 ئادەم ئولىشىپ بولدى

无觅相关文章插件,快速提升流量