قىرتاق دەرت (پوۋېست)

يوللانغان ۋاقتى:17-02-2014   مەنبە: تارىم 2013-6-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
قولۇمغا قەلەم ئېلىپ بولۇپ ئويلىنىپ قالدىم، راستىمنى ئېيتسام نېمىنى يېزىپ، نېمىنى يازماسلىقنى بىلەلمىدىم. ئۆزۈم ئاڭلىغان ئاشۇ ھېكا

ئاپتورى: مۇتىللا ئەبەد قىرانى

 

قولۇمغا قەلەم ئېلىپ بولۇپ ئويلىنىپ قالدىم، راستىمنى ئېيتسام نېمىنى يېزىپ، نېمىنى يازماسلىقنى بىلەلمىدىم. ئۆزۈم ئاڭلىغان ئاشۇ ھېكايىلەرنى ئەسكە ئالغىنىمدا، يۈرىكىم ئاغرىپلا قالماي، مۇھەببەت بىلەن نەپرەت گىرەلىشىپ كەتكەن روھىي دۇنيارىم ئۈنسىز تىترەيتتى. كىمگە ياش تۆكۈپ، كىمگە مەدھىيە ئوقۇشنى

تاللاش مېنى ھەقىقەتەن قىينايتتى. كاللامدا توختاۋسىز پەيدا بولۇۋاتقان سوئال بەلگىسى ماڭا بىردە كۈلۈپ قارىسا، بىردە غەزەپلىنىپ قارايتتى. ھەممىنى ئۇنتۇش ئۈچۈن يالغۇزلۇقتىن ۋاز كېچىپ، ئادەملەر ئارىسىغا كىرىپ باقتىم. توۋا، ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرمىگەن، ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلىمىغان بولسام ئىشەنمەسكەنمەن. مېنى ئازابلاۋاتقان ئاچچىق ھېكايىلەرنىڭ يېنىمدىلا، مەن ۋە قوۋمىم ياشاۋاتقان رېئاللىقتا مەۋجۇتلۇقىنى ئەسلا خىيال قىلمىغانىدىم.

قىشنىڭ نەچچە ئۇزاق كېچىسىنى تاڭغا ئۇلىغىنىم ئېسىمدە يوق! قولۇم ھەر بىر تىترىگەندە كۆزۈم ياش تۆكەتتى، ئاپپاق قەغەز ئۈستىدە قېلىۋاتقان داغلار ئازابنىڭ نېمىلىكىنى قايتا سۆزلەپ بەرمەكتە ئىدى.

*               *

−−تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!

ئۇنىڭ تاتلىق ئۇيقۇسىنى بۇزۇۋەتكۈم بولمىسىمۇ، شۇنداق دېمىسەم بولمايتتى، چۈنكى بۈگۈن ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ھەم ئىككىمىزنىڭ توي خاتىرە كۈنى ئىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىنى ئېچىپ مېنى قۇچاقلىشىنى، سەھەرنىڭ قىزىل شەپىقىگە قوشۇپ باغرىغا بېسىشىنى، لەۋلىرىمگە سۆيۈپ تۇرۇپ مېنى قۇتلۇقلىشىنى خالايتتىم. ئەپسۇس ئۇ كۆزىنى ئاچمىدى، تىلەكلىرىمنى ئاڭلىغۇسى يوقتەك شېرىن ئۇيقۇدا ياتاتتى. قولۇمدىكى سوۋغىنى بوينىغا ئېسىپ قويغۇمنىڭ بارلىقىنى بىلمىسىمۇ كۆزىنى ئېچىپ قويغان، ئېغىزىنىڭ ئۇچىدا بولسىمۇ »بىرگە بولسۇن« دەپ قويغان بولسا، نەقەدەر خۇشال بولغان بولاتتىم - ھە!

ھەر قېتىم توي خاتىرە كۈنىمىز كەلگەندە ئۇ ئاۋۋال قۇت تىلەيتتى، ئاددىي بولسىمۇ يۈرىكىدىن چىقىرىپ سوۋغا تەقدىم قىلاتتى. بۇ ئارقىلىق مېنى خۇشال قىلىشنى، ئۆزى ئاتا قىلىۋاتقان بەختنى ھېس قىلدۇرۇشنى ئويلايتتى. ئەمما بۇ قېتىم ئوخشىمايتتى. مەن سوۋغا بەرمىسەم، ئۇنى قۇتلۇقلىمىسام، ئۆزۈمنى ئادەمگەرچىلىك قىلمىغاندەك، قەرزداردەك تۇيغۇدا ئۆرتۈنۈپ قالاتتىم. ئەمەلىيەتتە ئەر - ئاياللار بىر - بىرىگە قەرزدار ئەمەس. بارلىق سوۋغاتلار پەقەت كۆڭۈل ئۈچۈنلا بېرىلىدىغان ماددىي بۇيۇم بولغاچقا، بۇنچە ئىنچىكىلەپ كېتىشىمنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. ئادەمگە بىر خىل بەخت ۋە مۇھەببەتنى ھېس قىلدۇرىدىغان ئاشۇ سوۋغات بۇيۇملىرى مېنى بۈگۈنگە قەدەر ئالداپ كەلگەنىدى.

ئۇنى كۈتتۈم، شەپەق دېرىزەمدىن تاراپ كەتكۈچە كۈتتۈم. ئۇ بارلىق ئۇيقۇسىنى ئەتەي بۈگۈنگە ئېلىپ قويغاندەك، يېڭى بىر تاڭنىڭ كۈلۈپ باققىنى بىلەن ھېسابلاشماي تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى. سەۋرنىڭمۇ چېكى بولىدىكەن، سوۋغىنى ياستۇق ئۈستىگە قويۇپلا ياتاق ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم. گەرچە بۇ ناھايىتى ئاجىز نارازىلىق بولسىمۇ، ئۇنىڭ چۈشىنىشىنى، كۆڭلۈمنىڭ ئاغرىغانلىقىنى ھېس قىلىشىنى ئويلايتتىم. ئۇنىڭ كەينىمدىلا كۆزىنى ئاچىدىغانلىقىغا ئىشەنسەممۇ، قايتا ياتاق ئۆيگە كىرىپ سوۋغىنى قولىغا ئېلىپ قارىغان - قارىمىغانلىقىنى يوشۇرۇن كۆزىتىشكە رايىم يوق ئىدى. مەيلى ئۇ سوۋغامدىن خۇشال بولسۇن ياكى ئارتۇقچە دەپ بىلسۇن ماڭا بەرىبىر، تۇغۇلغان كۈنى ئۈچۈن قەرز قايتۇرغىنىمدىن نەپرەتلەنمىسىلا كۇپايىلىنەتتىم.

تويدىن بۇرۇن ئۇنى بەكلا چوڭ كۆرەتتىم، ياتلىق بولسام ئاشۇنداق بىر يىگىتكە ياتلىق بولۇشنى خىيال قىلاتتىم، ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىپ چۈشمۇ كۆرگەنىدىم. چۈشنى رېئاللىققا ئايلىنىدۇ دېسە كىم ئىشىنىدۇ! ئەمما مەن بۇ خىل رېئاللىقنى ئىنكار قىلغۇچىلار بىلەن زاكونلىشالايتتىم ھەم ئۇلارغا بۇ رېئاللىقنى ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزگىنىمنى ئېيتىپ بېرەلەيتتىم. شۇنداق، مەن كۆرگەن چۈشلەر خۇددى پېشانەمگە يېزىلغان تەقدىرىمگە ئوخشاش تۇرمۇشۇمدا يۈز بېرىشكە باشلىغانىدى. ئالىي تېخنىكومنىڭ 1 - يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چېغىمدا، تاسادىپىي ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم. بۇ ئۇچرىشىشنى تاسادىپىي دېگەندىن كۆرە، بىر قېتىملىق مەقسەتلىك ھەم پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرۇش دېگەن ئەقىلگە مۇۋاپىق بولسا كېرەك، چۈنكى مەن ئۇنى ئالايىتەن ئۆزۈم شەخسىي ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىشنى تونۇشۇش باھانىسى قىلغانىدىم.

−−سەردار مۇئەللىم، يېزىمىزدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ داڭلىق ئوقۇتقۇچىسى، سەن ئىزدەيدىغان ھەم تەلىم ئېلىشنى خالايدىغان ھەقىقىي ئىقتىدارلىق ياش.

ئۆزۈمدىن بىر نەچچە ياش چوڭ دوستۇم ساجىدە ئۇنى ماڭا شۇنداق تونۇشتۇرغانىدى. مەن ئۇلارنىڭ ساۋاقداش ھەم يېقىن ئۆتىدىغانلىقىنى بىلىدىغان بولغاچقا، ئۆزۈمنىڭ شەخسىي ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش ئويۇمنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان ھەم ئەگىتىپ تۇرۇپ مەقسىتىمنى قەيت قىلغانىدىم. ئۇ كۆڭلۈمدىكىنى پەرەز قىلىپ بىلەلمىگەن تەقدىردىمۇ سەرداردىن باشقا ئادەمنى تەۋسىيە قىلمايدىغانلىقىغا كۆزۈم يېتەتتى. ئۇمۇ ماڭا ئوخشاشلا سەردارنى ئۆزىنىڭ ئۈلگىسى ۋە چوقۇنىدىغان ئادىمى دەپ بىلەتتى. مەن ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى دەڭسەپ كۆرگەن، ئۇلار بەك يېقىن ئۆتكەندەك قىلغان بىلەن ئارىسىدا تېخى مۇھەببەت رىشتىسى باغلانمىغانىدى.

−−ساجىدە ئويىڭىزنى ماڭا ئېيتتى، سىز ئويلىغان يەردىن چىقالماي، ئۈمىدىڭىزنى يەردە  قويارمەنمۇ دەپ ئەنسىرەيمەن.

ئۇ ناھايىتى تۈزۈتلۈك ئىدى، ھەر بىر ئېغىز سۆزنى ئېھتىيات ۋە سىپايىلىق بىلەن ئېيتاتتى. مەن ئۇنىڭغا نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي تۇرغاندا، ساجىدەنىڭ ھەرچاغ ماختاشقا تەييار ئېغىزى ئېچىلغانىدى.

−−سەن ئۇنى ئەلاچى ئوقۇغۇچىلاردىن قىلىپ تەربىيەلىيەلەيسەن، بۇ جەھەتتە تالانتىڭنىڭ بارلىقى ھەممە ئادەمگە ئايان. يېزىمىزدا سەن ئوقۇتقان بالىلار نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈۋاتمامدۇ؟

−−ئۇ باشقا گەپ. مەن ئالىي مەكتەپنىڭ دەرسلىكىنى كۆرۈپ باقمىغان، بەزى مەسىلىلەرنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بولالماسلىقىم مۇمكىن.

−−ھېچ ۋەقەسى يوق، ئىككىڭلار ئورتاق پىكىر يۈرگۈزسەڭلار ھەل قىلغىلى بولمايدىغان قىيىن مەسىلە نېمە قىلسۇن!

−−ئېيتماققا بەك ئاسان، بۇ قىزنىڭ قانداق ئويلايدىغانلىقىنى بىلمىدىم.

−−سانىيە، بىز ئۇنى سانىگۈل دەپمۇ چاقىرىمىز، ساڭا بىر قانچە قېتىم گېپىنى قىلىپ بەرگەنىدىمغۇ! ئېسىم قۇرۇسۇن! سېنى تونۇشتۇرۇپ، ئۇنى تونۇشتۇرۇشنى ئۇنتۇپتىمەن.

−−بۇ يەرگە كېلىشتىن بۇرۇن پەرەز قىلغانىدىم، مېنى كۆرگەنلا ئادەمگە تەكرار قىلىپ بېرىشكە تونۇشتۇرمايسەن.

−−سەردار بەك ئەقىللىق جۇمۇ! ئادەمنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىر قاراپلا بىلەلەيدۇ.

ساجىدەنىڭ كۆزۈمگە قاراپ كۈلۈپ ئېيتقان سۆزلىرىدىن يۈزلىرىمگە قىزىللىق تەپكەن چېغى يۈزۈم ئوت ئالغاندەك قىزىپ كەتكەنىدى. ئۇنىڭغا باشقىچە مەقسىتىمنىڭ يوقلۇقىنى چۈشەندۈرۈپ قويماقچى بولساممۇ، ئېغىز ئېچىشقا ئامالسىز قېلىۋاتاتتىم. شۇ دەقىقىدە سۆز باشلىغۇدەك بولسام، تىلىم كالۋالىشىپ، كۆڭلۈمنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىدە يوشۇرۇن ساقلىنىۋاتقان ئىچ سىرىمنى ئاشكارىلاپ قويۇشتىن ئەنسىرەيتتىم ھەم ساقلىنالمايتتىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە سەردارنىڭ بىر قاراپلا ئادەمنىڭ ئويلىغىنىنى بىلىۋالىدىغان، ئويلىرىنىڭ تېگىگە يېتىۋالىدىغان ئالاھىدە ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىدىن گۇمان قىلالمايتتىم.

ئۇ راستتىنلا كۆڭلۈمدىكىنى بىلىۋالغانمىدۇ؟ مېنىڭ تەكلىپىمنى رەت قىلغۇدەك، ئويلىرىمنى سۆزلەپ يۈرگۈدەك بولسا ساجىدەنىڭ ئالدىدا يەر بىلەن يەكسان بولارمەنمۇ، قىزلىق غۇرۇر يول قويمايدىغان يولنى قاراملىق بىلەن تاللىۋالغىنىم توغرا بولغانمىدۇ، دېگەنلەرنى تېزلىكتە ئويلاشقا باشلىدىم. بارغانسېرى ئويلىرىم شاخلاپ، بىر - بىرىگە چىگىلىپ قېلىۋاتاتتى. شۇ مىنۇتلاردا سەردارنىڭ قانداق ئويلىشى مۇھىم بولۇپلا قالماي، ساجىدەنىڭ ئالدىدا يۈزۈمنى ساقلاپ قېلىشمۇ ئوخشاشلا مۇھىم بولۇۋاتاتتى.

−−ئاكا - سىڭىل ياكى ياخشى دوستلاردىن بولساڭلارمۇ ھېچ ۋەقەسى يوق، مەن ئانچە قىزغىنىپ كەتمەيمەن. ھەي سەردار، ئۆزۈمنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلدىم. ئەمدى ئۇنى مېنى كۆرگەن كۆزۈڭدە كۆرۈپ، ئاتىدارچىلىق قىلىپ قويارسەن!

ساجىدە ئېغىزىدا شۇنداق دېگىنى بىلەن كۆڭلىدە ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئويلىمايتتى. قايسىبىر قىزنىڭ مۇشۇنداق كېلىشكەن، سۇباتلىق ھەم ئىقتىدارلىق يىگىتنى قولدىن چىقىرىۋېتىشكە كۆزى قىيسۇن! ئەمما ساجىدە شۇنداق دېيىشكە مەجبۇر ئىدى. بۇ كۈنگە قەدەر سەردارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشنى ئويلىغان ھەم تالاي قېتىم ئۇرۇنغان، ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانىدى. ساجىدە بۇ ھەقتە ماڭا سۆزلەپ بەرمىگەن، ئاشىقسىز مەشۇقلۇقى ھەققىدە دەرد ئېيتمىغان بولسىمۇ، بۇنى پەرەز قىلماق ئانچە تەس ئەمەس ئىدى.

−−مېنىڭ يەنە يۇقىرىلاپ ئوقۇغۇم بار ئىدى. يېزىدىن بارغاچقىمىكىن، تەبىئىي پەنلەردە شەھەر بالىلىرىغا يېتىشەلمەيۋاتىمەن، شۇڭا




ھالقىلىق سۆزلەر : پوۋېست، تارىم، قىرتاق


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار