بولمىسام بولمايتتى.
−−يەنە شۇ مۇھەببەت ئۈچۈن بارلىقىڭنى دوغا تىكمەكچىمۇسەن ؟ −−بىلمەيمەن.
−−ئۇنى ئۇنتۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئامالى توي قىلىش ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقمىدىڭمۇ؟ −−ياق، توي قىلىشنى ئەسلا خىيال قىلمىدىم. −−ناۋادا ئۇ سېنىڭ توي قىلىشىڭنى خالايدىغان بولسىچۇ؟ شەكىلە مېنىڭ بىرەر نەرسىنى ھېس قىلىپ قالغان - قالمىغانلىقىمنى بىلىپ باقماقچى بولغاندەك كۆزلىرىمنىڭ ئىچىگە قارايتتى. چىرايىمدىكى ئۆزگىرىشلەرگە دىققەت نەزەرىنى ئاغدۇراتتى. مەن ھېچنېمىدىن خەۋەرسىز، خۇددى ئۇنىڭ مۇھەببەت ھېكايىسىنى ئاڭلاۋاتقان ئادەمدەك تۇيغۇ بېرىشكە تىرىشىۋاتاتتىم. −−بۇ مۇمكىنمۇ؟
−−ئائىلىسى بار ئادەم ئۈچۈن تامامەن مۇمكىن، چۈنكى ئۇلار نىكاھتىن ھالقىغان مۇھەببەت ئۈچۈن ئائىلىسىنىڭ ۋەيران بولۇشىنى خالىمايدۇ. شەكىلە خۇددى بۇ سۆزلىرىمنىڭ تېگىگە يەتمەكچى بولغاندەك ئويلىنىپ قالغانىدى. ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىشنى ئويلىغان چاغلىرىمدا، ئۇنىڭ بۇنچىلىك سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەي قېلىشىدىن، ئۆزۈمنىڭ دىلىنىڭ ئازار يېيىشىدىن، ھەممىنى ئوچۇق قىلىۋېتىشكە مەجبۇر بولۇپ قېلىشىمدىن ئەنسىرىگەنىدىم. −−بۇنى چۈشىنىمەن، ئەمما ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايمەن! بۇ جاھىللىق ۋە قىزغىنلىققا تولغان يۈرەكنىڭ ھەقىقىي نىداسى ئىدى. شەكىلەنىڭ مۇھەببەتنىڭ قاينىمىغا شۇ قەدەر چۆكۈپ كەتكىنىنى، ئەخلاقتىن ھالقىغان ئاشىقلىق ئۈچۈن بارلىقىنى دوغا تىكىشكە تەييارلىنىپ بولغانلىقىنى ھېس قىلمىغان ئىكەنمەن. ئۇنىڭ ئاخىرقى مەقسىتىنىڭ زادى نېمىلىكى كۆڭلۈمگە ئايان بولۇۋاتقان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلاپ بېقىشنى خىيال قىلغىنىم قىزىق - دە! −−بىر ئوبدان ئائىلىنى ۋەيران قىلىپ ئېرىشكەن شۇ بەختتىن كۈلەلەرسەنمۇ؟ −−ئۇنىڭ ئائىلىسىنى بۇزۇش ئويۇم يوق، ماڭا پەقەت ئۇنىڭ مۇھەببىتى بولسىلا كۇپايە! −−بىر ئۆمۈر »ئۈچىنچى شەخس« بولۇپ ئۆتمەكچىمۇ سەن؟ −−باشقا ئامالىم ۋە تاللىشىم يوق! −−بۇ ئوقۇغان، مۇھەببەتنى ھەقىقىي چۈشەنگەن ئادەمنىڭ دەيدىغان گېپى ئەمەس. ھەممىنى يېڭىدىن باشلىساڭ بولىدىغۇ! −−نەزەرىيە جەھەتتىن شۇنداق، ئەمەلىيەتتە ھەممىنى يېڭىدىن باشلىماق بەك تەس! مەن ئۇنداق قىلالمايمەن. −−ئۇرۇنۇپ باقمامسەن، نىيەتسىز ئىش تۇتساڭ، ھەممە نەرسە تەستەك بىلىنىدۇ شۇ! −−قورقىمەن، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالسام خۇشال ياشىيالماسلىقىمدىن قورقىمەن. −−ئەخمەق! ئۆزۈڭنىڭ ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئورنىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟ بەلكىم ئۇ سەن ئويلىغاندەك ئەمەستۇ، كۆڭۈل خۇشى ئۈچۈنلا »سېنى ياخشى كۆرىمەن، سېنىڭدىن مەڭگۈ ئايرىلمايمەن« دېگەندەك قۇرۇق ۋەدىلەرنى بېرىدىغاندۇ، سەن شۇلارنى مۇھەببەت دەمسەن؟ بۇنداق قىزغىنلىقنىڭ ئۇزاققا بارمايدىغانلىقىغا ئىشەنگىنكى، يەنە ئۆزۈڭنى ئالداپ يۈرمىگىن! شەكىلە ئاغزىنى ئېچىپلا قالغانىدى. ئۇ مېنى بۇنچىلىك سۆزلىيەلەيدۇ دەپ ئويلىمىغان بولسا كېرەك. مەن ئۇنىڭ ئوتتەك ھېسسىياتىنى بوغۇپ قويماقچى ئەمەسمەن، پەقەت ئۇنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئاقىلانە قارار چىقىرىشىغا ياردەم قىلىشنىلا ئويلايتتىم، ئەلۋەتتە ئۆزۈمنىڭ شەخسىي مۇددىئاسىمۇ يوق ئەمەس ئىدى. −−كىشىلىك مۇناسىۋەت سەن ئويلىغاندەك ئۇنچە ئاددىي ئەمەس، مۇھەببەتمۇ ھەم شۇنداق! باشقىلارنىڭ ھېسسىياتى بىلەن ئوينىشىش ئاسان بولغىنى بىلەن، ھەقىقىي قەلبنى ئۇتۇش باشقا گەپ. ئۇ ئادەمنى پۈتۈنلەي ئىگىلىگەنلىك بىلەن باراۋەر! ئېيتقىنا، قايسىبىر ئەر ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئىگىلىۋېلىشىنى خالايدۇ! سەن |