كېچىنى تاڭغا ئۇلىغىچە ئەقلىمگە سىغمايدىغان خىياللارنىڭ قۇلى بولۇپ قالغانىدىم.
* * كارىۋات كىرلىكىنىڭ يېڭىلىنىپ قالغىنىغا قاراپ كۆزۈمگە ئىشىنەلمەيۋاتاتتىم. يەنە كېلىپ، بۇ تۇنجى قېتىملىقى ئەمەس، ھەر قېتىم چوڭ ئۆيگە كەتكىنىمدە كارىۋات كىرلىكىنىڭ ئالمىشىپ قالىدىغانلىقىغا ئەقلىم يەتمەيۋاتاتتى. مېنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىم بەكمۇ كونا كىرلىك ھېسابلانمىسىمۇ، سەردارنىڭ بۇ قىلىقى مېنى ئەجەبلەندۈرەتتى. كونا كىرلىكنى ئىزدەپ ئۆينىڭ ھەممە يېرىگە بىر قۇر قاراپ چىققان بولساممۇ، ئۇنىڭ بۇ كىرلىكنى قەيەرگە قويۇپ قويغانلىقىنى بىلەلمىگەنىدىم. بەلكىم ئۆزۈمنىڭ ھىدى كېلىپ تۇرىدىغان، سەردارنىڭ تۇيغۇلىرىنى ئويغىتالمىغان شۇ كىرلىكنى ئەخلەت ساندۇقى يوشۇرۇۋالغاندۇ! يېڭى كىرلىكنى يىغىپ ئېلىپ، يەنە كونا كىرلىكنى ئالماشتۇرۇپ قويدۇم. يۈرىكىم نەدىن كەلگەنلىكىنى بىلمەيدىغان يېڭى كىرلىك ئۈستىدە يېتىشىمغا يول قويمايدىغاندەك قىلاتتى. كەچتە سەردار كىرلىكنى نېمىشقا ئالماشتۇرۇۋەتكەنلىكىمنى سوراپ يۈرمىگەنىدى. توغرىسىنى دېگەندە، ئۇ بۇ ئىشلارغا دىققەت - ئېتىبارىنى بەرمىگەنىدى. ئاتامنىڭ ئۆيىدە شەكىلەنى كۆرمەيتتىم، ئۇ مېنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتقاندەك، ھەر قېتىم دوستلىرىنىڭ ئۆيىگە كېتەتتى. ئۇنىڭ مەن بىلەن تەڭ يوق بولۇپ، مەن بىلەن تەڭ پەيدا بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلالايتتىم. ئۇنى ئوقۇشتىن توسۇپ قويغىنىم ئۈچۈنلا، شۇنداق قورساق ئۇرۇشى قىلىدىغانلىقىنى ئالدىن پەرەز قىلغان بولغاچقا، مەنمۇ بەك ئەزۋەيلەپ كەتمەيتتىم. ئۇ ئەزەلدىنلا بۇ ئۆيدە مەۋجۇت ئەمەستەك، ئۆز مەجبۇرىيىتىمنى ئادا قىلىپ بولۇپ، كىرلىك ئالمىشىپ قالىدىغان ئۆيۈمگە قايتاتتىم. ئەقلىمگە سىغمايدىغان گۇمانلاردىن خالىي بولالماي، ئۆز گۆشۈمنى ئۆزۈم يېگۈدەك دەرىجىگە يەتسەممۇ، قۇش ئۇۋىسىنى قوغدىغاندەك، ئائىلەمنى قوغداش ئۈچۈن بار تىرىشچانلىقىمنى كۆرسىتىپ كېلىۋاتاتتىم. ياتاق ئۆيۈمدە دائىم ئالمىشىپ تۇرىدىغان كىرلىك ئىككى خىل رەڭدە −− مەن ئۆچ ھال رەڭ بىلەن سېرىق رەڭدە ئىدى. دەسلەپتە سەردار مەن بىلەن قېرىشىۋاتقان، ئۆز ئىرادىسىنى زورلاپ تېڭىش ئارقىلىق مېنى بويسۇندۇرماقچى بولۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن دەپ مۆلچەر قىلغانىدىم. ئۆزۈممۇ شۇنداق بولۇشىنى، كىرلىك كەينىگە قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان سىر يوشۇرۇنماسلىقىنى ئارزۇ قىلاتتىم. پاختا ئىچىدە چوغنى ساقلىغىلى بولمايدىغانلىقىنى نەدىن بىلەي! مەن ئۆچ رەڭلەر ئەسلىدە مەن ياخشى كۆرىدىغان، ھۆرمەتلەيدىغان ھەم قەدىرلەيدىغان ئادەملەرنىڭ قەسەم بەلگىسى ئىكەن ئەمەسمۇ! سەردار بىلەن يەنە جېدەللىشىپ قىلىشنى خالىمايتتىم. كىرلىك توغرىسىدا ئۇنىڭغا ئېغىز ئاچمىغىنىم ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ پاكلىقىنى ئېتىراپ قىلغىنىمدىن دېرەك بەرمەيتتى. يوتقان ئىشكاپىنىڭ ھال رەڭ كىرلىكلەر بىلەن توشۇپ كەتكىنىنى، سەردارنىڭ بارلىق كۆڭلەكلىرىنى سېرىق رەڭگە ئالماشتۇرۇپ بولغىنىنى ھەرقانچە قىلىپمۇ قوبۇل قىلالمايۋاتاتتىم. خىيالىمدا ئۆزۈم ئۆچ بارلىق رەڭلەرگە ئوت قويۇۋېتىشنى، تۇرمۇشۇمدىن بىراقلا يوق قىلىۋېتىشنى ئويلايتتىم. ئەمما، بىر ئوت بىلەن ئۆزۈمنى كۆيدۈرۈۋېلىشتىن، ھەممىنى خانىۋەيران قىلىشتىن قورقاتتىم. شۇنداق، مەن قورقاتتىم، بارلىقىمنىڭ ئۆز قولۇمدا يوق بولۇشىدىن، ئۆزۈمنىڭ باشقىلاردەك بولالماسلىقىمدىن قورقاتتىم. قىشنىڭ سوغۇقى تۈگەپ پۈتۈن تەبىئەت ئىللىشقا باشلىغاندا، يۈرىكىمدە قايتىدىن چوغلىنىشقا باشلىغان گۇمانلىرىم رېئاللىق بولۇپ چىققانىدى. نۇرغۇن نەرسىلەر يېڭىدىن ھاياتلىق باشلايدىغان باھار ماڭا ئۆلۈمگە تەڭداش ئازاب ئېلىپ كەلگەنىدى. دەرد - ئەلەملىرىمنى كىمگە ئېيتىشنى، كىملەردىن تەسەللىگە ئېرىشىشنى بىلمەيتتىم. مېنىڭ ئەڭ يېقىن ئادەملىرىم ئاتا قىلغان خورلۇققا بەرداشلىق بېرىش - بەرمەسلىكىمنى دەڭسىيەلمەيتتىم. ئۆز - ئۆزۈمگە: »بەرداشلىق بەر، بارلىق قايغۇ - ھەسرىتىڭنى غايىۋى كۈچكە ئايلاندۇرغىن، قولۇڭدىن كېتىۋاتقان بەختكە قاراپ تۇرۇش، ئەقىدەڭنى يەرگە ئۇرغۇچىلارغا داغدام يول ئېچىپ بېرىش، |