سۆيگەن ئەرمۇ شۇنداق، ئۇنىڭ قەلبىدە ئايالى ھەم ئائىلىسى بار. ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلىۋاتقىنى شۇ قەلبىنىڭ تويۇنماي، قۇرۇق قالغان ئازغىنا بىر قىسمى خالاس !
−−مېنىڭ ئورنۇمدا سەن بولغان بولساڭ قانداق قىلاتتىڭ؟ شەكىلەنىڭ بۇ سوئالى مېنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانىدى. مەن ئۆزۈم ھەققىدە ئويلانغاندا بۇ ئېھتىماللىقنى نەزەرىمدىن ساقىت قىلغانىدىم. ئۇنى قانداق قايىل قىلىش بىر قىيىن مەسىلىگە ئايلىنىۋاتاتتى. −−مەن توي قىلغان، تۇرمۇشۇمنى قايتىدىن باشلىغان، قەلبىمدىكى ئۇنداق مۇھەببەتنى كۆمۈۋەتكەن، يېڭى مۇھەببەت ئويغاتقان بولاتتىم. تاققا - تۇققا جاۋابلىرىم شەكىلەنى كۈلدۈرەمدىكىن دەپ ئويلىغانىدىم، ئەمما ئۇ كۈلمەكتە يوق، نادانلىقىمغا ئىچ ئاغرىتىۋاتقاندەك بېشىنى چايقاپ تۇراتتى. −−سەنمۇ مۇھەببەتنى چۈشەنمەيدىكەنسەن! مۇھەببەت بار يۈرەكتە قايتا مۇھەببەت ئويغىتىش ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئۇ توغرا ئېيتقانىدى، مەن مۇھەببەتنى چۈشەنمەيدىغانلىقىمغا ئىقرار بولۇۋاتاتتىم. مۇھەببەتنى چۈشەنگەن بولسام، سەردارنىڭ قەلبىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرغان، شەكىلەگە ئورۇن قالدۇرمىغان، ھەممىمىزنى تەڭقىسلىقتا قويمىغان بولاتتىم. −−توغرا دەيسەن، مۇھەببەتنى چۈشەنمىگىنىم ئۈچۈن بەختىمگە باشقىلار شېرىك بولۇۋاتمامدۇ! شەكىلە جىمىپ كەتتى، ئۇ ئۆزىنىڭ كىمنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىدىغانلىقىمنى ھېس قىلغاندەك قىلاتتى. ئۇ مېنىڭ كەڭ قورساقلىقىمنى، ئارىدىكى شەرم - ھايانى بۇزۇشنى خالىمايدىغانلىقىمنى بىلگەن بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى. مەن بىشەملىك بىلەن مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىۋەتكەن بولسام، ئاچا - سىڭىل ئىككىمىز بۇنداق ئوچۇق - يورۇق پاراڭلىشالمىغان، قەلبىمىزنى چۈشەنمىگەن بولاتتۇق. −−باشقىلار بەختىڭنى تارتىۋالالمايدۇ، سەن سەردار ئاكامغا ئىشەنگىن! −− مەنمۇ شۇنداق بولۇشىنى، سەردارغا ئىشىنىشنى خالايمەن. بىراق... ئۆزۈمنى تۇتۇۋالمىسام، گېپىمنىڭ ئاخىرىنى يۇتۇۋالمىسام بولمايتتى. شەكىلەگە قېيىداپ ئۇنى ئۆزۈمگە ئۆچ قىلىۋەتسەم تېخىمۇ بولمايتتى. نەدىمۇ سىڭلىسىنىڭ ئېرىنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىنى بىلىپ تۇرۇپ، بار ئازابنى ئىچىگە يۇتۇپ ياشايدىغان مېنىڭدەك غەيرەتلىك، چىداملىق ئايال بولسۇن! مەن ئامالسىزلىقتىن مەردلىك يولىنى تاللىغان ھەم كۆز يېشىمنى يوشۇرۇپ، ئۆزۈم ئۈچۈن قەيسەرلىك بىلەن ياشاۋاتقانىدىم. ئۇزاق سۈكۈتتىن كېيىن سۆزۈمنى داۋاملاشتۇردۇم. شەكىلەنىڭ ئوي - خىيالىنى بىلىپ تۇرساممۇ ، يەنە ئۇنى بۇ خىل مۇھەببەتتىن ۋاز كېچىشكە قايىل قىلىشنى ئويلايتتىم. ئاتام ئۈچۈن بولسىمۇ ئۇنىڭ بۇ ۋاپاسىزلىقىنى زاكىسىدا بوغۇپ قويمىسام، باشقىلارنىڭ تىلىغا چىقىپ كېتىشتىن بۇرۇن ئۇلارنى ئايرىۋەتمىسەم بولمايتتى. ئەمدىلا ئېسىگە كېلىۋاتقان، بىزنىڭ بەختىمىز ئۈچۈن كېچە - كۈندۈز دۇئا قىلىۋاتقان ئاتام بۇنداق ئار - نومۇسلۇق ئىشقا بەرداشلىق بېرەلمەيتتى. −−مەن ساڭا نېمە قىلىپ بەرسەم بولىدۇ؟ ئاتامنىڭ غۇرۇرى ۋە يۈز - ئابرۇيى ئۈچۈن بولسىمۇ مۇھەببىتىڭدىن ۋاز كەچمىسەڭ بولمايدۇ. −−مېنىڭ پەقەت ساڭا يېقىن يەردە تۇرغۇم، ساڭا ھەمراھ بولغۇم بار! شەكىلە ھېچ نىيىتىدىن يانىدىغاندەك قىلمايتتى. ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەستىن مېنىڭ بىلەن ئورتاق بىر بەختتىن بەھرىلىنىشنى ئويلاۋاتاتتى. بارلىق تىرىشچانلىقىمنىڭ يوققا چىقىدىغىنىنى، ئۇنى بۇ قارا نىيىتىدىن ياندۇرالمايدىغانلىقىمنى ئويلىمىغانىكەنمەن. ئۆزۈمنىڭ بۇ مەغلۇبىيىتىنى تەن ئالساممۇ، لېكىن ئاخىرىغىچە تىركەشمىسەم، مەلىكەمنىڭ بەختى ئۈچۈن بولسىمۇ پىداكارلىق قىلمىسام بولمايتتى. يۈز - ئابرۇينى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئۇلارنىڭ ئەپت - بەشىرىسىنى ئېچىۋېتىش كېرەكمۇ؟ مەندە باشقا تاللاش يولى قالمىدىمۇ؟ ياق، ئۇلارغا يۈز كېرەك بولمىغىنى بىلەن ماڭا يۈز كېرەك! مەن ياشىشىم، ئادەملىك پەزىلىتىم، ئار - نومۇسۇم بىلەن |