سوزۇلماسلىقىنى تىلەۋاتاتتىم.
بۇ ھەپتىمۇ ئۆتۈپ كەتتى. سەردارنىڭ ئېنىق جاۋاب بەرمىگىنى بىر چۈشكە ئوخشاش، مېنىڭ ساياھەتكە چىقىش ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان ئارزۇيۇممۇ كۆپۈككە ئايلانغانىدى. سەردارنىڭ بۇنچە بىپەرۋا بولۇپ كەتكىنى ماڭا يەنە يېڭى - يېڭى سوئاللارنى قوياتتى. ھەر قەدەمدە ئويلايتتىم، ھەر دەقىقىدە جاۋاب ئىزدەيتتىم. قىزىمنى باغرىمغا بېسىپ، يالغاندىن ئۇيقۇغا غەرق بولغاندەك قىلغان بىلەن، پۈتۈن خىيالىمدا ئاشۇ رەڭلەرنىڭ يوشۇرۇن سىرى بار ئىدى. −−قاچاندىن بېرى سېرىق رەڭنى خالايدىغان بولۇپ قالدىڭىز؟ −−مەن سېرىق رەڭگە ئەسلىدىنلا ئۆچ ئەمەس ئىدىم، پەقەت ئانامنىڭ كۆڭلى ئۈچۈنلا شۇنداق قاراشتا بولغانمەن. −−شۇنداقمۇ؟ ئەجەب باشقىلارنىڭ رەڭ قارىشىغا ھۆرمەت قىلىشنى بىلىدىكەنسىز − ھە! −−بۇ نېمە دېگىنىڭ؟ مەن كىمنىڭ دېگىنى بويىچە رەڭلەرگە باھا بېرىپ يۈرگۈدەكمەن. خاتا ئاڭلىۋالمىغانسەن! −−بەلكىم خاتا ئاڭلىغاندىمەن، ئۆزۈمنىڭ قارىشىمنى زورىغا تاڭغاندىمەن. −−نەدە بىر ئىشلارغا نېمانچە ئىنچىكىلەپ كېتىسەن؟ بۇ سېنىڭ مىجەزىڭ ئەمەس جۇمۇ! −−ئۆزۈمنىڭ قانداق مىجەزدىلىكىنى بىلگەن بولسام ياخشى بولاتتى، بۇنداق ئاچچىق يۇتۇپ يۈرمەس ئىدىم. −−باشقىلارنىڭ ئىشىنى دەۋاتامسەن؟ −−مەن قاچان باشقىلارنىڭ ئىشىنى سۆزلەپ باققان؟ −−سەزگۈرلۈكۈڭ ئېشىپ كەتمەيۋاتقاندۇ؟ −−كۈچلۈك ئەتىر پۇراقلىرى شۇنداق قىلىپ قويۇۋاتامدۇ بىلمىدىم. سەردار سۆھبەت ئاساسىي تېمىغا يېقىنلاشقاندا، ئۆزىنى ئېلىپ قىچىشقا ماھىر كېلىۋاتاتتى. −−ئاتام نېمە دەيدۇ؟
−−شەكىلەنىڭ ئىشىنى نەزەردە تۇتۇۋاتامسىز؟ −−ئەلۋەتتە!
−−تېخى بىر قارارغا كەلمىگەن چېغى، جىمجىتلا! −−ئۇنى ۋاقتىدا ئوقۇتىدىغان گەپ ئىدى. −−مېنىڭ ئۇنى تېزرەك ياتلىق قىلىۋەتكۈم بار، شۇندىلا مەن خاتىرجەم بولىمەن. −−تېخى ۋاقتى بولمىسا؟ ئۇۋالچىلىققا قوياي دەيسەنغۇ! −−ئۇۋالچىلىققا قالىدىغىنى ئۇ ئەمەس، مەن بولۇپ قالارمەن ئاخىر! سەردار دارىتما سۆزلىرىمنى چۈشەنمەيدىغان دۆتلەردىن ئەمەس ئىدى. ئۇ بۇ سۆھبەتتىنمۇ ئەگىپ ئۆتۈپ كېتىشنى ئويلايتتى. مېنىڭ سۆھبەتنى بۇنداقلا ئاخىرلاشتۇرۇش ئويۇم بولمىغاچقا، ئۇنى قەدەممۇ قەدەم قىستاپ كېلىۋاتاتتىم. −−ئۇنىڭ ئۆزى توي قىلىشقا رازىلىق بېرىپتۇ، شۇڭا مەنمۇ ۋاقىتنى ئۆتكۈزمەيلى دەۋاتىمەن. −−ئىشەنمەيمەن، شەكىلە ئالدىراپ ماقۇللۇق بەرمەيدۇ. −−ئۇ سىزگە شۇنداق دېگەنمۇ؟ −−بۇ ئۆزۈمنىڭ قارىشى.
−−سىز باشقىلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىدىغان ئەۋلىيا ئەمەستۇرسىز؟ بۇ قېتىم خاتالاشقىنىڭىزغا تەن بېرىڭ! −−تەن بەرگۈم يوق، مەن ئۇنىڭ ماقۇللۇق بەرگىنىگە راستتىنلا ئىشەنمەيمەن. −−سىز ۋەدە بەرمىگەن بولسىڭىزلا، ئۇنىڭ رازىلىقىنىڭ كارايىتى چاغلىق! −−مەن ۋەدە بەرگەن.
ئېرىمنىڭ سىڭلىمغا ۋەدە بەرگىنىنى ئاڭلاپ، بېشىمدىن كىرگەن بىر سوغۇق ئېقىم تاپىنىمدىن چىقىپ كەتكەنىدى. سەردارنىڭ شەكىلەگە نېمە ھەققىدە ۋەدە بەرگىنىنى بىلمىسەممۇ، بۇ سوئالنى سوراشتىن يالتىيىۋاتاتتىم. تەلىيىمگە مەلىكەمنىڭ يىغا ئاۋازى ماڭا ئۆزۈمنى ئېلىپ قېچىش پۇرسىتى بەرگەنىدى. ئۇنىڭ ياتاق ئۆيىدە |