سەن تۆلەيدىغان بەدەل ئەمەس!« دەپ شىۋىرلايتتىم. يەنە ئۆز - ئۆزۈمدىن: »مەن راستتىنلا كېچىكتىممۇ؟ ئۇنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى قايتا ئويغىتالماسمەنمۇ؟« دېگەندەك سوئاللارنى سورايتتىم.
−−شەكىلەنىڭ تويىنى قىلىۋېتىش كېرەك! −− بار ئاۋازىم بىلەن شۇنداق ۋارقىرايتتىم. سەردارنىڭ نېمە ئويلىشى بىلەن ھېسابلاشماي، قايتا - قايتا نىدا قىلاتتىم. چاچلىرىمنى يۇڭداپ، سەۋدايىلاردەك بىر ئورۇننى چۆرگىلەيتتىم، ئارقىدىن پەقەت ئۆزۈملا ئاڭلىغۇدەك پەس ئاۋازدا پىچىرلايتتىم: مەن ساراڭ بولۇپ قالسام بولمايدۇ، مەن ئاخىرىغىچە بەرداشلىق بېرىشىم كېرەك ! ئاتامنىڭ ئاخىرقى ئارزۇسىنى بەجا كەلتۈرۈش مېنىڭ مەجبۇرىيىتىم ھەم ئۆزۈم ئۈچۈن مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى! سەردارنىڭ ماڭا تەسەللى بېرىشىنى، مېنى يەنىلا بۇرۇنقىدەك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتىشىنى شۇنداق خالايتتىم. راستىنى ئېيتسام ئۇنىڭ قۇچاقلىشىنى، ئەركىلىتىشىنى سېغىنغانىدىم. مۇھەببەت مېنى قارىغۇ ئەمەس، يوقاتقان نەرسىسىنى قايتۇرۇپ كېلىدىغان، ئازابلار دېڭىزىدىن خۇشاللىق سۈزۈۋالىدىغان قىلىپ يېتىشتۈرگەندەك قىلاتتى. مەن سۆيگەن ئادىمىمنى، ئۆزۈمگە تەئەللۇق سۆيگۈنى قەدىرلەشنى بىلەتتىم. شۇڭلاشقىمۇ ھەر قانداق ئازاب ۋە خورلۇققا چىداپ ياشايتتىم، بەرداشلىق بەرسەملا چوقۇم غەلىبە قىلىدىغىنىمغا ئىشەنچىم بار ئىدى. −−ئاتامنىڭ ئىرادىسى، شەكىلەنى ياتلىق قىلىشنى قارار قىلدىم. سەردارغا بۇ قارارىمنى ئۇقتۇرۇپ قويۇش زۆرۈر ئىدى. ئۇنىڭ ماڭا يەنە ۋەز ئېيتىدىغىنى، شەكىلەنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ سۆزلەيدىغىنى ئايان ئىدى. −−ئۇنىڭ لايىقى بارمىكەن؟
سەردارنىڭ مەن ئويلىمىغان يەردىن سوئال سورايدىغانلىقىنى ئويلاشمىغىنىم ئۈچۈن بىر ئاز تەمتىرەپ قېلىۋاتاتتىم. شەكىلەنىڭ يۈرگىنى بار - يوقلۇقىنى بىلمەيتتىم ئەمەس، ئېغىزىمدىن چىقىرىشقا پىتىنالمايتتىم. ئۇنىڭغا: »بار، ئەمما ئۇ ئادەمگە رىزقى چۈشمەيدۇ!« دېيەلەيتتىممۇ؟ ئەمەلىيەتتە، شۇنداق دېيىش زۆرۈر ئىدى، لېكىن ئارىدىكى پەدىشەپ يىرتىلىپ كەتسە بولمايتتى. −−ئۇ توغرىدا پاراڭلاشقۇدەك بولمىدىم، بەلكىم ئۇمۇ بىكار يۈرمىگەندەك! −−يات بىر ئادەمنىڭ گېپىنى قىلغاندەك سۆزلەيسىنا؟ −−تۇزىنى يەپ، تۇزلۇقىغا سىيىدىغان ئادەمنىڭ گېپىدەك ئاڭلىنىۋاتامدۇ؟ ئاچچىقتا بۇ سۆزلەرنىڭ ئېغىزىمدىن قانداقلارچە چىقىپ كەتكىنىنى بىلمىدىم. سەردار مېنى تۇنجى كۆرۈۋاتقاندەك كۆزلىرىمگە ئۇزاق قاراپ كەتكەنىدى. بۇ قاراشلاردا ھەيرانلىق ھەم بىرئاز ئەندىكىش بار بولۇپ، ئۆز ئىگىسىنىڭ يالغاندىن كۈلەلمەيدىغانلىقىنى يوشۇرۇپ تۇراتتى. −−ئادەم چۈشەنمەيدىغان بۇنداق گەپلەرنى قەيەردىن ئۆگىنىۋالغانسەن، تەنە ۋە ئاچچىقتىن باشقا گەپلىرىڭ يوقتەك؟ −−تاتلىق گەپلىرىممۇ بار ئىدى، ئەمما بەزىلەر ئاڭلاشنى خالىمايدىكەن! −−تاتلىق گەپ قايسى قۇلاققا ياقمايدۇ، شۇنداق قۇلاققا بىرنى ئۇرۇپ گاس قىلىۋەتكەن تۈزۈك! −−بۇ گەپلەرنى سىز دېدىڭىز - ھە! −−دېسەم بولمامدىكەن!
−−ئېيتىڭا! مېنى ھازىرمۇ سۆيەمسىز؟ سەردار ئويلىنىۋاتقاندەك بېشىنى قاشلاپ تۇراتتى. ئۇ بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرمىغان بىلەن قانداق جاۋاب بېرىش ھەققىدە باش قاتۇرمىسا بولمايتتى. چۈنكى ئۇ مېنىڭ بۇ سوئال بىلەنلا قانائەتلەنمەيدىغانلىقىمنى، سوئاللارغا سوئال ئۇلايدىغانلىقىمنى ناھايىتى ئېنىق بىلەتتى. −− مەن قاچان سېنى سۆيمەيدىغان بولۇپ قالدىم دېگەن؟
−−ئۇنداق دېمىگەن بىلەن، كۆڭلىڭىزدە شۇنداق ئويلايسىز! −−پال ئېچىشنى ئۆگەنگەن بولساڭ بوپتىكەن! −−كۆڭلىڭىزدىكىنى تېپىۋالغىنىم ئۈچۈنمۇ؟ سەردار ئادىتى بويىچە گەپنى باشقا تەرەپكە بۇرىماقچى بولغان بولسىمۇ، ئوخشاشلا مېنىڭ سوئالىمدىن قېچىپ قۇتۇلالمايتتى. −−شەكىلە توي ئىشىغا قوشۇلدىمۇ؟ −−سىز قوشۇلسىڭىزلا، ئۇنىڭدا گەپ يوق! −−توينى يا مەن قىلمىسام؟
−−توينى ئەلۋەتتە سىز قىلىسىز، ئاتا يوللۇق تۇرۇپ نەگە قاچاي دېگەن؟ −−مەن ئاتا بولمىساممۇ، ئاتىسى تېخى ھاياتقۇ! −−شۇنداقتىمۇ سىز ئاتا بولۇپ، توي قىلىپ بەرمىسىڭىز بولمايدۇ، بۇ ئاتامنىڭ ئىرادىسى! −−ئاتامنىڭ ئىرادىسى دېگەندىن كۆرە، ئاتامنىڭ پەرمانى دېگىنە! −−شۇنداق، پەرمانبەردار بولۇش بىز بالىلارنىڭ مەجبۇرىيىتى! −−پەرمانبەردارلىقنى دەپ شەكىلەنىڭ بەختىنى نابۇت قىلىمىزمۇ؟ −−بەخت ئۆزى كەلمەيدۇ، ھەممە ئادەم ئۆزى ئىزدىنىپ قولغا كەلتۈرىدۇ. تويدىن كېيىن سىز ئويلىغاندىنمۇ بەك بەختلىك بولۇپ كېتەمدۇ تېخى! −−ناتايىن!
−−رىشتە ئۈزۈلسە ئازابلانمايدىغان ئادەم يوق، ئۇنتۇش ئۈچۈن ۋاقىت كېرەك! نىكاھ ئىسسىق، ھەممىنى بىردەمدە چۈشكە ئوخشاش مەۋھۇملۇققا تاشلايدۇ. سەردار ئولتۇرۇپ كېتىۋاتاتتى. مەن ئۇنىڭ ئۆزى ھەققىدە قايتا ئويلانمىسىمۇ، بۇ سۆزلىرىمنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم. »ئاتامنىڭ ئىرادىسى« دېگەننى زورىغا تېڭىپ، ئۇنى شەكىلەنىڭ تويىغا ئاستا - ئاستا قايىل قىلمىسام بولمايتتى. مەن يالغۇز شەكىلەنىڭ بەختى ئۈچۈنلا ئەمەس، ئۆزۈمنىڭ بەختى |