ئۇنىڭدىن بىۋاسىتە »شەكىلە قېنى« دەپ سورىيالمايتتىم. چۈنكى، ئۇلار ئارىسىدىكى سوغۇق مۇناسىۋەت تېخى ئاخىرلاشمىغان سەردارنىڭ ئوچۇق چىرايى ۋە خۇش چاقچاقلىرى شەكىلەگە نېسىۋە ئاتا قىلىدىغان كۈنلەر كەلمىگەنىدى. سەردار بۇ سوئالىمغا جاۋاب بەرگۈسى يوقتەك، مۈرىسىنى ئېتىپ قويۇپلا ئۈن چىقمىغانىدى. مەن ئۇ راستتىنلا بىلمەمدىغاندۇ ياكى ئۇنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىشنى خالىمايۋاتامدىغاندۇ دەپمۇ ئويلىدىم. تېلېفون ئۇرۇپ بېقىشنى باھانە قىلىپ، سەردارنىڭ ئېغىزىدىن ھەقىقىي گەپنى ئېلىشنى كۆڭلۈمگە پۈككەنىدىم. شۇڭا يانفونۇمنىڭ توكى تۈگىگەنلىكىنى ئېيتمىدىم، سەردارنىڭ »ئۆزۈڭنىڭ يانفونىچۇ« دېمەيدىغانلىقىنى بىلەتتىم.
−−يانفونىڭىزنى بېرىڭا، ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ باقاي! −−مەن نەچچە رەت تېلېفون قىلدىم، ئۇ يانفونىنى ئۆيگە قويۇپ چىقىپ كېتىپتۇ. −−نەگە چىقىپ كېتىپتۇ، بۇ كەچتە! −−بىلمىدىم. ماڭا ئېيتىپ قويىدىغان ئادەممۇ ئۇ! −−بىر نەرسە دېمىگەن بولسىڭىزلا؟ −−مېنى يەنە كونا خاماننى ئەزۋەيلىگەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلاۋاتامسىز؟ −−ياقەي، ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ قېلىۋاتىمەن. −−بەك ئەنسىرەپ كەتمەڭ، ئۇنى ئالىدىغان ئوغرىنىڭ يۈرىكى ئون ئەمەس! سېرىقئاش ئەكىرىمەن، دەپ چىقىپ كەتكىنىگە خېلى بولدى. ئۇ ئاخىر شەكىلەنىڭ دېرىكىنى ئېيتىپ بەرگەنىدى. مەن ئۇنىڭ بۇنچە ئۇزاق ۋاقىت ئاداۋەت ساقلىمايدىغانلىقىنى، ئەپۇچان، كەڭ قورساق ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم. −−ئۇنى كەچۈرۈۋېتىپسىز - دە؟ −−ئۆزىڭىز »كىچىك بالا بىلەن تەڭ بولماڭ« دېگەندەك بىر گەپنى قىلغانغۇ دەيمەن، خاتا ئاڭلاپ قالمىغاندىمەن! سەردارنىڭ كۈلۈمسىرىشى ئۇنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك يەرلىرىنىڭ بىرى ئىدى، شۇنداق بولغاچقىلا مەن ئۆزۈمنى بەختلىك ھەم تەلەيلىك ھېسابلايتتىم. ئەينى ۋاقىتتا تەشەببۇسكار بولغانلىقىم، قىزلىق غۇرۇرۇمنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمنى ئېيتقانلىقىم ئۈچۈن ئەپسۇسلانماي كېلىۋاتاتتىم. −−ھە راست، ئاتىمىزنىڭ ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بارمۇ؟ مەن بىللە بېرىپ كېلەي دېسەم... سەردار سۆزىنى قاق يېرىمىدا توختىتىپ، داۋامىنى ئېيتىش - ئېيتماسلىقنى مېنىڭدىن سوراۋاتقاندەك كۆزلىرىمگە مەنىلىك قاراۋاتاتتى. ئۇنىڭ مەن بىلەن بىللە بارغۇسى بارلىقىنى، ئەمما يول قويمىغانلىقىمنى بىر دەۋالغۇسى بارلىقىنى ھېس قىلىپ تۇراتتىم. راستىنى ئېيتقاندا، ئۇ كۆڭلىدە مېنى ئەيىبلەش ئارقىلىق، كۈيۈئوغۇللۇق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلالمىغىنى ئۈچۈن، ئاتا - ئانامنىڭ ئۆزىنى باشقىچە ئويلاپ قالغان - قالمىغانلىقىنى ئۇقۇپ باقماقچى بولۇۋاتاتتى. سەردارنىڭ سۆزىنىڭ داۋامىنى ئۆزۈم ئېيتىپ بەرگىنىمدە، ئۇ مەمنۇنلۇق بىلەن كۈلۈپلا قالماي، ئۆزىنىڭمۇ شۇنداق دېمەكچى ئىكەنلىكىنى، مېنىڭ ئەقلىمنى سىناپ بېقىش مەقسىتىدە سۆزىنى قەستەن ئۈزۈپ قويغانلىقىنى قايتا - قايتا قەيت قىلىپ ئۆتكەنىدى. ئۇنىڭ تەكەللۇپ قىلىپ كېتىۋاتقىنىغا قاراپ، ئۆزۈمچە كۈلۈپ تاشلىغىنىمنى دېمەمدىغان. ئەمەلىيەتتە، بۇ شەيتانلىقىمدىن ئەمەس، بەلكى سەردارنىڭ كۆڭۈل ئاياشقا بارغانسېرى ئۇستا بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىغا مەستلىكىمنىڭ كەلگەنلىكىدىن ئىدى. سەردارنىڭ كۈلكەمنى قانداق مەنىدە چۈشەنگەنلىكىنى بىلمىدىم. كۆزلىرىمگە قاراشلىرىدىن ھەرھالدا بۇ كۈلكەمنىڭ مەسخىرە كۈلكىسى ئەمەسلىكىنى ھېس قىلغانلىقىنى بىلگەنىدىم. مەن پەقەت ئۇنى قەستەن تەقەززا قىلىشنى، ئوتلۇق كۆزلىرى بىلەن كۆزلىرىمگە ئۇزاقراق قارىشىنى ئويلاپ، ئالدىراپ ئۈن چىقارمايۋاتاتتىم. −−قېيىنئاتام مېنى سورىمىدىما؟ ئۇ كۆزلىرى ئارقىلىق گەپ ئالالمىغاندىن كېيىن، سوئال سوراشقا باشلىغانىدى. −−مېنى ئۇنتۇپ كەتكەن بولسا، قىزىمىزنىغۇ سورىغاندۇ؟ ئۇ ھەر بىر سوئالنى تاشلاپ بولۇپ كۆزلىرىمنىڭ ئىچ - ئىچىگە تىكىلەتتى. جاۋابىمنى ئاڭلاشقا تەقەززا بولۇۋاتقانلىقىنى كۆزلىرىدىن كۆزلىرىمگە تۆكۈۋاتاتتى. −−ئاتام سىز كۆرگەن چاغدىكىگە ئوخشاش، ئەسلىگە كەلمىكى بەك ئاستا بولۇۋاتىدۇ. شۇ ئانام بىچارە... سەردار ھەر قېتىم ئاتام تىلغا ئېلىنسىلا كۆز يېشى قىلىدىغىنىمنى بىلىدىغان بولغاچقا، سۆزۈمنىڭ توختاپ قالغىنىنى، كۆز يېشى قىلغىنىمنى توغرا چۈشىنەتتى. مېنىڭ بۇ دۇنيادا كۆز يېشى ئارقىلىق دەردلىرىمنى تۆكۈپ بېرىدىغان ئادىمىممۇ شۇ سەردار ئىدى. −−ئانىمىز ھەرگىزمۇ بىچارە ئەمەس، بىز ئۇلارغا غېرىبلىق ھېس قىلدۇرمايمىز. سەردار تەسەللىگە شۇنداق ئۇستا ئىدى، كۆز ياشلىرىمنى ئالىقانلىرى بىلەن سۈرتۈپ، ئاتامنىڭ چوقۇم ياخشى بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى، ئانامنىڭ يەنە كۈلەلەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ، مېنى كىچىك بالىنى پەپىلىگەندەك بەزلەپ قوياتتى. −−ئۇلار سىزدىن مىڭ مەرتىۋە رازى؟ −−ئەلۋەتتە رازى بولۇشى كېرەكتە، مەن دېگەن يالغۇز ئوغۇل تۇرسام! −−كىم سىزنى يالغۇز ئوغۇل دەيدۇ؟ ئوغۇلدىن قېلىشقىچىلىكى يوق ئۈچ قىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! سەردار دائىم ئۆزىنى بىزنىڭ ئۆيگە »يالغۇز ئوغۇلمەن« دەپ چاقچاق قىلاتتى ھەم ئوغۇللۇق مەجبۇرىيىتىنى ئۇنتۇپ قالمايتتى. مەيلى ئاتامنىڭ، مەيلى شەكىلەنىڭ ئىشىدا بولسۇن، بىرەر قېتىم نارازى بولۇپ باقمىغانىدى. شۇڭا ئانام كۆرگەنلا ئادەمگە: »ماڭا ئاللا ئالتۇندەك بىر كۈيۈئوغۇل ئاتا قىلغان« دەپ ماختىناتتى. −−مەن كەچلىك بازارغا قاراپ باقاي، شەكىلە يەنە بىرەرسى بىلەن... سەردارنىڭ نېمە دېمەكچى بولغىنى ماڭا ئايان ئىدى. دېمىسىمۇ شەكىلەنىڭ مۇشۇ كۈنلەردە بىرئاز ئايىغى چىقىپلا قالماي، يانفوندا سۆزلىشىشلىرىمۇ باشقىچە سىرلىقلىشىپ، بىكار بولسىلا يانفونىنى ئوينايدىغان بولۇپ قېلىۋاتاتتى. ئۇنىڭدىكى بۇ خىل ئۆزگىرىش يالغۇز مېنىلا ئەمەس، سەردارنىمۇ گۇمانغا سېلىپ قويۇۋاتاتتى. سەردار شەكىلەنى ئىزدەپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، قۇچىقىمدا تاتلىق ئۇخلاۋاتقان مەلىكەمنى ياتاق ئۆيىگە ئەكىرىپ قويۇپ، ئۇلارنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتتۈم. بۇ ناھىيە بازىرىدا بەك چوڭ بولمىسىمۇ ئۆزىگە يارىشا خېلى قىزىيدىغان، توخۇ سۈتىدىن باشقا نەرسە تېپىلىدىغان، خېرىدارى ئۈزۈلمەي تۈن يېرىمىگىچە تاقالمايدىغان بىر كەچلىك بازار بار ئىدى. بۇ بازارنىڭ قاچانلاردىن باشلاپ ئېچىلىۋاتقانلىقىنى بىلمىسەممۇ، بۇ يەردىكى چوڭ - كىچىك ھەممەيلەننىڭ بۇ بازارغا باشقىچە مېھرى بارلىقىنى بىلەتتىم. ئۇلار ھەر كۈنى بۇ كەچلىك بازارنى بىر قۇر ئايلانمىغۇچە، كۆڭلى تارتقان بىرەر نەرسە يېيىشمىگۈچە ئۆيلىرىگە قايتىشمايتتى ياكى ئۇخلىيالمايتتى. نېمىشقىكىن، مەن بۇ بازارنى دېگەندەك ياقتۇرۇپ كەتمەيتتىم. سەردار زورلاپ ئېلىپ چىققان ۋاقىتلاردا، ئامال بار تېزرەك قېچىشنىڭ غېمىدە بولاتتىم. مېنىڭ بىلەن قېرىشقاندەك سەردار يەرلىك ئادەملەرگە ئوخشاش، بۇ بازارنىڭ دائىملىق خېرىدارى ئىدى. سەردار بۇ يەرگە مېنىڭدىن بۇرۇن كەلگەچكىمىكىن، ئۇنىڭ تونۇشلىرى ۋە دوست - يارەنلىرى كۆپ ئىدى. كۈندە بولمىسىمۇ ئىككى كۈندە بىر قېتىم ئاشۇ بۇرادەرلىرى بىلەن كەچلىك بازارنىڭ ئاۋاتلىقىغا ھەسسە قوشۇپ تۇراتتى. بەزەن كۈنلىرى قۇرۇق قول ئۆيگە كىرگۈسى كەلمىگەندەك، سېرىقئاش ياكى قوي پاچىقى ئالغاچ كىرەتتى. ئۇنىڭ بۇ ئادىتىنى ئامال بار توسۇپ تۇرۇۋاتقان، كەچلىك بازارنىڭ يېمەكلىرىگە ئىشتىھايىمنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتىۋاتقان بولساممۇ، كۆڭلۈم ئۇنىمايدىكەن دېگەن باھانە بىلەن ئېغىزىمنى ئېتىپ تۇراتتى. »ئۆلگەننىڭ ئۈستىگە تەپمەك« دېگەندەك شەكىلەمۇ بۇ كەچلىك بازارغا ئامراق چىقىپ قالغانىدى. دېرىزىدىن نەچچە رەت قاراپ بولغانىدىم. سەردار بىلەن شەكىلەنىڭ كۆلەڭگىسى ھېچ كۆرۈنمەيتتى. ئۇلارنىڭ مىجەزىدىن ۋە كەچلىك بازارغا خۇمارلىقىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ تېخى قايتىدىغان ۋاقتىغا يەنە بار ئىدى. چارچىغانلىقتىنمۇ ياكى ئۇلار ئېلىپ كېلىدىغان سېرىقئاشقا زوقۇمنىڭ يوقلۇقىدىنمۇ يېنىم يەر تارتىشقا باشلاۋاتاتتى. * * ئاتامنىڭ ئۆزىنى سۇپىدىن يەرگە ئېتىلىۋېلىشى كىمنىڭ خىيالىغا كەلسۇن ! ئانامنىڭ ئەنسىز ئاۋازى ھەممىمىزنىڭ يۈرىكىنى ئالغانىدى. خېمىر يۇقى قولۇمنى پ−ەشتامىغا سۈرتۈپلا سەردارنىڭ بىردەم كۈتۈپ تۇرۇڭ دېگىنىگە قۇلاق سالماي، يولغا چىققىنىم ئۈچۈن مىليون قېتىم پۇشايمان قىلغاندىمەن. يېرىم يولغا كەلگەندە يانفونۇم سايراپ، تونۇش نومۇر يەنە لىپىلداشقا باشلىغاندا، يۈرىكىم ئېغىزىمغا تېخىمۇ تىقىلىپ كېتىۋاتقاندەك بولدۇم. تىترەۋاتقان قوللىرىم بىلەن ناھايىتى تەسلىكتە قوبۇللاش كۇنۇپكىسىنى باستىم. يانفوندىن مەن كۆپ ئاڭلىغان بىر ئاۋاز كېلىۋاتاتتى. −−قەيەرگە كەلدىڭىز قىزىم، ئاتىڭىز بەك قىينىلىپ كەتتى. كۆڭلۈم بىردىنلا پاللىدە يورۇپ كەتكەندەك بولدى، چۈنكى قوشنا ئايالنىڭ ئاۋازىدىن ئاتامنىڭ تېخى ھاياتلىقىنى بىلگەنىدىم. مەن بىردەم نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي سۈكۈتكە چۆمگىنىمدىن قوشنا ئايالنىڭ كېيىنكى سۆزلىرىنى ئاڭلىمىغانىدىم. يانفوندىن قايتا - قايتا »ۋەي، ۋەي!« دېگەن ئاۋاز كېلىشكە باشلىغاندا، ئېسىمنى يېغىپ |