ياشىشىم كېرەك!
* * مەن سۆزۈمنى توختاتقىنىم بىلەن كۆز يېشىمنى باشقۇرالمايدىغانلىقىمنى بىلگىنىمدە، بارلىق قايغۇلىرىمنى بىر يولىلا سۆزلىگەن، ئىچىم بوشاپ، پۇخادىن چىققۇدەك كوتۇلدىغان بولار ئىدىم. ئەپسۇس مېنىڭ ئاشۇ ئاجىزلىقىم، سەردارنىڭ ئۆزى خان، ئۆزى بەگ بولۇشقا يول ئېچىپ بېرىۋاتاتتى. ئەتلەس كۆڭلىكىمنىڭ ئېتەكلىرى ھۆل بولۇپ، پاقالچاقلىرىمغا چاپلىشىپ كېتىۋاتقان، سەھەرنىڭ سوغۇقىدىن تەنلىرىم يەڭگىل تىترەشكە باشلىغان بولسىمۇ، ئۆيگە قايتىشنى خىيال قىلمايتتىم. پەقەت شەبنەم سۇلىرى يۇيۇۋاتقان يۈزلىرىمنى قۇياشقا تۇتۇپ، يېڭى تاڭ بىلەن يېڭى ھېسقا كېلىشنى، ھەممىنى توي قىلغان خاتىرە كۈنۈمدە قايتىدىن باشلاشنى ئويلايتتىم. مەلىكەمنىڭ چۈچۈك چاقىرغان ئاۋازى قۇلىقىمغا كىرگەندە قۇياشنىڭ كۈچلۈك تەپتى يۈزلىرىمدىكى شەبنەم تامچىلىرىنىلا ئەمەس، يوپۇرماقلاردىكى شەبنەملەرنىمۇ ئېلىپ كەتكەنىدى. مەلىكەمنىڭ مېنى قانداق ئىزدەپ تېپىۋالغانلىقىنى، ئېتىزلىقتىكى كىچىك ئېرىقلاردىن قانداق ئاتلاپ ئۆتكىنىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايتتىم. ئۇ قوڭغۇراقتەك ئاۋازى، ئەركىلەپ سۆيۈشلىرىنىڭ يۈرىكىمنىڭ ئارامى بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالمايتتى. مەن قۇچىقىمنى كەڭ ئاچتىم، ئۇنى باغرىمغا بېسىپ ئۆكسۈپ - ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتىم. مەلىكەم ياشلىرىمنى سۈرتەتتى، ئۆزى قوشۇلۇپ يىغلايدىغاندەك ئېسەدەيتتى. −−ئوت كەتتى... ئۆيىمىزگە ئاتام ئوت قويدى! −−شۇنداق، بۇ ئوتنى يالغۇز ئاتاڭ ئەمەس، كىچىك ئاپاڭمۇ بىللە قويغان، ئەمما ئىككىمىز بۇ ئوتنى چوقۇم ئۆچۈرەلەيمىز! مەلىكەمنى تېخىمۇ چىڭ قۇچاقلايتتىم، ئانىلىق مېھرىم بىلەن تەكرار سۆيەتتىم. −−مەن راست ئوتنى دەۋاتىمەن، ئاتام ئۆيىمىزگە ئوت... ئوت... مەلىكەم سۆزىنى داۋام قىلالمايتتى. ئۇنىڭ يىغىسى مېنىڭ قەلبىمنى چۈشەنگەن، ماڭا ئىچ ئاغرىتىۋاتقان يىغىغا ئوخشىمايۋاتاتتى. ئۇ ھەر بىر ئېسەدەشنىڭ ئارىلىقىدا »ئوت... ئوت« دەپ تەكرارلايتتى. −−نېمە ئوت، ئۆيۈمىزگە راستتىنلا ئوت كەتتىمۇ؟ −−ھەئە، ئاتام ھېلىقى... ھېلىقى... گۈلدەك كۆڭلىكىنى كۆيدۈردى... بۇنى ئاڭلاپ پۈتۈن ۋۇجۇدۇم تىترەپ كەتتى. مەلىكەمنى قۇچاقلاپ كۆتۈرگىنىمچە بار كۈچۈم بىلەن ئۆيگە قاراپ يۈگۈرۈيتتۈم، يۈگۈرۈيتتۈم... ئاشخانا ئۆينىڭ دېرىزىسىدىن سۇس ئىس چىقىۋاتاتتى. قوشنىلار مەھكەم تاقالغان ئىشىكتىن ئۆيگە كىرەلمەي، قورۇدا نېمىلەرنىدۇر دېيىشىپ، ئىس چىقىۋاتقان دېرىزىگە قاراپ تۇرۇشاتتى. كېچە كۆرگەن چۈشۈمنىڭ بۇنداق تېز رېئاللىققا ئايلىنىدىغانلىقىغا ئىشەنگۈم كەلمىسىمۇ، كۆڭلۈم بىر خىل شۇملۇقتىن خالىي، ئۆزۈمنى شۇنداق خاتىرجەم ھېس قىلىۋاتاتتىم. مەلىكەم بۇنىڭدىن ھەيران بولغاندەك، ئۇماق بارماقلىرى بىلەن ماڭا ئوت كەتكەن تەرەپنى كۆرسىتەتتى. −−قارا، ئوت... ئوت!
ئاچقۇچنى ئۆيدە قويۇپ چىققىنىم ئېسىمدە يوق، ئىشىككە قاراپ ئۈن - تۈنسىز تۇراتتىم. مەلىكەمنىڭ ئىشىكنى ئۇرۇشى سەردارنىڭ قۇلىقىغا كىرمىگەندەك ئىچى تەرەپتىن ھېچ ئاۋاز كەلمەيتتى. قوشنىلار ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىگە تېلېفون قىلىشنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ياخشى كۆڭلىنى رەت قىلدىم. چۈنكى، سەردارنىڭ ئۆيگە قوشۇپ ئۆزىنىمۇ كۆيدۈرۈۋالىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيتتىم. دېرىزىدىن چىقىۋاتقان ئىس پۈتۈنلەي توختاپ، قوشنىلار بىر - بىرىگە قارىشىپ قويۇپ ئۆيلىرىگە كىرىپ كېتىشكەن بولسىمۇ، مەلىكەم بىلەن ئىككىمىز سەردارنىڭ ئىشىكنى ئېچىشىنى كۈتۈپ تۇراتتۇق. −−ئوت ئۆچتى، ئاتام نېمىشقا ئىشىكنى ئاچمايدۇ؟ سەردارنىڭ نېمىشقا ئىشىكنى ئاچمايدىغانلىقىنى، نېمىلەرنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلغىنىنى مەنمۇ پەرەز قىلىپ بولالمايۋاتاتتىم. شۇ دەقىقىدە پەقەت ئۇنىڭ بىزگە ئېيتالمايدىغان ياكى بىزنىڭ كۆرۈشۈمىزنى خالىمايدىغان مەخپىيىتى بولۇشى مۇمكىنغۇ دېگەننىلا ئويلىيالايتتىم. ئىشىك ئاخىر ئېچىلدى، سەردارنىڭ كۆزلىرى ياشلانغانىدى. بۇ ياش قانداقتۇر بىر قىيالماسلىقتىن تۆكۈلگەن ياش بولماستىن، ئاچچىق ئىسنىڭ دەستىدىن زورىغا چىققان ياشقا بەكرەك ئوخشايتتى. ئۇ بۈگۈن ئۇچىسىغا يېقىندىن بۇيان كىيىۋالغان ھال رەڭ كۆڭلىكىنى ئەمەس، ئاق كۆڭلىكىنى كىيىۋالغانىدى. قوللىرى قارا - قۇرا بولسىمۇ، كۆڭلەك ھازىرلا بازاردىن ئالغاندەك ئاپئاق، بىرەر يېرىدىمۇ كۈل توزۇندىسى يوق تۇراتتى. مەن ئۇنىڭدىن ئاشخانا ئۆيدە نېمە قىلغانلىقىنى سوراپ يۈرمەيتتىم، چۈنكى ئۇنىڭ كۆڭلۈمنى ئاياپ بولسىمۇ ئېيتىپ بەرمەيدىغانلىقى ماڭا ئايان ئىدى. كىيىم ئىشكاپىغا قاراپ ھەممىنى چۈشەنگەن، سەردارنىڭ ئوتنى ئوت بىلەن كۈل قىلىپ تاشلىغىنىغا ئىشەنگەنىدىم. مەن تېخى تۈنۈگۈن كۆرگەن، قولۇمغا ئېلىپ لەنەت ئوقۇغان، سېرىق، ھال رەڭ كۆڭلەكلەرنىڭ بىرىمۇ كۆرۈنمەيتتى. ئۇ كۆڭلەكلەرنىڭ ئورنىنى مەن يۇيۇپ دەزماللاپ چامادانغا سېلىۋەتكەن كۆڭلەكلەر ئىگىلىگەنىدى. −−ھەممىسى كۈلدەك توزۇپ تۈگىسۇن، بۇ سەھەرگە كۈلۈپ باقايلى! −− سەردار پەس ئاۋازدا، ئەمما قەتئىي تەلەپپۇزدا سۆزلەۋاتاتتى، −− مېنى كەچۈرۈشۈڭنى ئۈمىد قىلمايمەن، ئەمما ماڭا بىر پۇرسەت بېرىشىڭنى ئۆتۈنىمەن! مەن ئۇنىڭ ئۆتۈنۈشىگە ياق دېيەلەيتتىممۇ؟ بۇ سۆزلەر ئۇنىڭ يۈرىكىدىن چىقمىغان تەقدىردىمۇ، مەن ھەرگىز ئۇنىڭ ئۆتۈنۈشىنى رەت قىلمايتتىم. −−ئۆتۈنۈشىڭىز ھاجەتسىز، ھەممىنى باشتىن باشلاش قارارىغا كەلگەن بولسىڭىزلا پۇرسەت ھامان بار! ئۇنىڭ باغرىغا تاشلاندىم، ئۇ ئاۋۋال چاچلىرىمنى سىلاپ، ئاندىن مەھكەم قۇچاقلىدى. يۈزلىرىمگە سىرغىپ چۈشۈۋاتقان كۆز ياشلىرىمنى ئالىقىنى بىلەن ئەمەس، لەۋلىرى بىلەن سۈرتۈپ، مۇھەببەت ئاياللارغا ئاتا قىلىدىغان بەختنى ماڭا قايتىدىن ھېس قىلدۇردى. ئۇنىڭ بۇنداق قۇچاقلىشىغا خېلىدىن بېرى مۇيەسسەر بولالمىغىنىم ئۈچۈن قايغۇراتتىم، قايتا ئېرىشكەن سۆيگۈم ئۈچۈن شادلىناتتىم. كۆز يېشىم ئۆزۈمنىڭ ئەمەستەك، قەلبىمدىكى دەردلەرنى پۈتۈنلەي يۇيۇۋېتىدىغاندەك توختىماي تۆكۈلەتتى. −−كۆز يېشىڭنى ئەمەس، تەبەسسۇمىڭنى كۆرگۈم بار! ئېسەدەپ تۇرۇپ قانداق تەبەسسۇم قىلغىنىمنى بىلمەيمەن، سەردارنىڭ كۈلكىسىنى ئاڭلىغانىدىم. مەلىكەمنىڭ ئىككىمىزنىڭ پۇتىنى قۇچاقلىشى بىلەن ئېسىمنى تاپتىم. ئۇ مېنىڭلا تىزلىرىمنى ئەمەس، سەردارنىڭمۇ تىزلىرىنى ئەگكەنىدى. بىز مەلىكەمنى ئارىمىزغا ئېلىپ، بىر - بىرىمىزنىڭ يۈزلىرىگە يۈزلىرىمىزنى يېقىپ، ئۇزاقتىن ئۇزاق قۇچاقلاشتۇق، يىغلاشتۇق، كۈلۈشتۇق... كۆڭلىمىزدىكى بارلىق گەپلىرىمىزنى، قەلبىمىزدىكى دەرد - ئەلەملىرىمىزنى ئۇنتۇپ كەتكەنىدۇق. شەكىلەنىڭ ئوقۇشقا كېتىشى، ئاتامنىڭ ھويلا - ئارانغا چىققۇدەك بولۇشى، مېنى تېخىمۇ خۇشال ھەم خاتىرجەم قىلغان بىلەن ئاشۇ قېتىملىق ئوت تەقدىرىمنى ئۆزگەرتكەن، سەردارنى قايتىدىن يېنىمغا قايتۇرۇپ كەلگەنىدى. |