قىرتاق دەرت (پوۋېست)(6)

يوللانغان ۋاقتى:17-02-2014   مەنبە: تارىم 2013-6-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
جاۋاب بەرگەنىدىم . ئاز قالدىم، ئاتام تېخى ... قارشى تەرەپ تېلېفوننى ئۈزۈۋەتكەن بولغاچقا، سۆزۈمنىڭ داۋامىنى يۇت
جاۋاب بەرگەنىدىم.

−−ئاز قالدىم، ئاتام تېخى...

قارشى تەرەپ تېلېفوننى ئۈزۈۋەتكەن بولغاچقا، سۆزۈمنىڭ داۋامىنى يۇتۇۋېتىشكە مەجبۇر بولغانىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتامنىڭ ھايات - ماماتلىقىنى سوراشنىڭ ئۆزىمۇ قىيىن ھەم ئەخمىقانە سوئال ئىدى. بىردىنلا سەردارغا تېلېفون قىلىۋېتىشنى ئويلاپ قالدىم - يۇ، يانفونۇمنى قولۇمغا ئېلىپ بولۇپ رايىمدىن ياندىم. قەلبىمدىكى ئەنسىزلىك بىرئاز پەسەيگەندەك قىلغان بىلەن، ئاتامنى كۆرمىگۈچە خاتىرجەم بولمايتتىم ھەم بىر قارارغا كېلەلمەيتتىم. سەردار شەكىلە بىلەن قىزىمنى ئېلىپ يولغا چىقىپ بولغان بولسا، كەينىگە قايتىپ كېتىشنى ئېيتساممۇ پايدىسى بولمايتتى. ئۇ مېنىڭ بۇ گېپىمنى ئاڭلىسا، ئەيىبلىشى تۇرغانلا گەپ. ئۇلار كەلسە كېلىۋەرسۇن! مۇشۇ باھانىدە ئاتام شەكىلەنى بىر قېتىم باغرىغا بېسىۋالسۇن.

ماشىنا شۇنداق ئاستا مېڭىۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ، شوپۇر ئۇستامنى بىر قانچە قېتىم ئالدىراتقان بولسام كېرەك، كەينى تەرەپتە ئولتۇرغان ئايالنىڭ: »بالىلىرىمىز ئۈچۈن بىزنىڭمۇ ياشىغۇمىز بار« دېگەن سۆزى ئىزادا ئۆلتۈرگەنىدى. ئۇلارغا چۈشەنچە بېرىشنى ئويلىغان بولساممۇ، قانداق چۈشەندۈرۈشنى بىلمەيتتىم. »ئاتام تۈگەپ كەتكەن« دەيمەنمۇ ياكى »ئاتامنىڭ ھايات - ماماتىنى تېخى بىلمەيمەن« دەمدىم! نېمىلا دېمەي، ئۇلار يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن شوپۇر ئۇستامنى ئالدىرىتىشىمنى خالىمايتتى.

مەھەللىگە كىرىدىغان يولغا كەلگەندە سەرداردىن تېلېفون كەلدى. ئۇنىڭ قايسى يول بىلەن ماڭغىنىنى بىلمىدىم. مەندىن بۇرۇن كېلىپ بولغانىكەن. يۈرىكىم ئەنسىز سوقۇشتىن توختىغان بىلەن، چىرايىمغا چىقىپ كەتكەن جىددىيچىلىك تېخى يوقالمايۋاتاتتى. مەھەللىدىكى تونۇشلارغا باش لىڭشىتىپ سالام بېرىپ، قىيا ئوچۇق تۇرغان دەرۋازا ئالدىدا بايام تېلېفون قىلغان قوشنا ئايال بىلەن ئۇچراشقانىدىم. ئۇنىڭ چىرايىدىن كۆرگىنىم مەيۈسلۈك ۋە ئەپسۇسلىنىش بولغان بولسا، ئېغىزىدىن ئاڭلىغىنىم: »قىزىم، بارچە كەلگۈلۈك ئاتا - ئانىڭىزغىلا كېلەمدىغاندۇ؟ ئۇلار زادى نېمىنى خاتا قىلغان بولغىيتتى!« دېگەن سۆزلەر بولغانىدى. مەن ئۇنىڭغا نېمە دېيەلەيمەن، شۇ دەقىقىدە پۈتۈن ئەس - يادىم تېزرەك ئاتامنىڭ دىدارىنى كۆرۈشتە تۇرسا، كاللامغا بىرەر نەرسە كەلسۇنمۇ!

ئۆي ئىچىدىن ئانامنىڭ يىغا ئاۋازى ئەمەس، بىر خىل قاتتىق ئاغرىقتىن  ۋايسىغان ئاۋازى كېلىۋاتاتتى. ئاتامنىڭ ئاغرىق ئازابىنىمۇ ئېغىزىدا  بايان قىلالمايدىغىنى ماڭا ئايان بولغاچقا، ئۇنىڭ ھالىنىڭ نىچۈك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ھېس قىلالايتتىم. ئاتامنىڭ يېنىدا بىر قولى بىلەن بېلىنى تۇتۇپ ياتقان ئانام توختىماي ئىڭرايتتى. ئاتامنىڭ ھالى ئۇنىڭدىنمۇ بەتتەر بولۇپ، ساق قولىنىمۇ كۆتۈرەلمەيدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالغان چېغى، ھەر قېتىمقىدەك قولىنى كۆتۈرۈپ، مېنى قارشى ئالالمىغانىدى. ئۇلارغا قاراپ بىر نېمە دېيىش ئۇياقتا تۇرسۇن، يا كۈلۈشنى، يا يىغلاشنى قاملاشتۇرالمايدىغان ئادەمدەك تۇرۇپلا قالغانىدىم. سەردارنىڭ ئانامدىن ئاڭلىغانلىرىنى سۆزلەپ بېرىۋاتقىنى قۇلىقىمغا بەزەن كىرىپ، بەزەن كىرمەيۋاتاتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە ئاتام نېمە ۋەجىدىندۇر ئۆمىلەپ سۇپىنىڭ قىرىغا كەلگەن ۋە پەگاغا يىقىلىپ چۈشكەن. ئانام ئۇنى يۆلەش جەريانىدا بېلىنى ئاغرىتىۋالغانىكەن.

ئاۋۋال ئاتامنىڭ ئېڭىكىگە ئېقىپ قالغان شۆلگەيلەرنى سۈرتۈۋېتىپ، ئانامنىڭ بېلىنى يەڭگىل تۇتۇپ كۆردۈم. دوختۇرلۇقتىن قىلچە خەۋىرىم بولمىسىمۇ، ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگۈم بار ئىدى. ئەمما بەلنىڭ قايرىلغان يېرىگە قولۇم تەگكەندە، ئانامنىڭ ئىڭراشلىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، بارلىق ئاماللار بىلەن زورىغا بېسىپ كېلىۋاتقان كۆز ياشلىرىمنى باشقۇرالماي قالغانىدىم. ئانام يەنە مەندىن غەيرەتلىك ئىكەن، ئۇ كۆز ياشلىرىمنى سۈرتۈپ ماڭا تەسەللى بەرگەنىدى.

−−قىزىم، كۆز يېشى قىلمىغىن! يۈرىكىم ئېزىلىپ كېتىدىكەن، پېشانەڭلەر ئوچۇق، بەختىڭلار بار ئىكەن.

ئانامنىڭ تەسەللىسى كۆز يېشىمنى توختاتماقتا يوق، پۈتۈن تېنىمنى تىترىتىۋەتكەنىدى. ئاتام مېنى بىردەم ئىچىنى بوشىتىۋالسۇن دېگەنمۇ ياكى باشقا بىر نەرسىنى ئىزدەۋاتقانمۇ قانداق؟ كۆزلىرىنىڭ قارىچۇقىنى بىر يەرگە يىغىپ، ئىشىك تەرەپكە تىكىلىپ قالغانىدى. بەلكىم شەكىلەنىڭ يوقلۇقى ئۇنىڭ قەلبىنى ئازابلاۋاتقان، ئاتىلىق مېھرى بىلەن تولغان يۈرىكىنى قوقاس كەبى داغلاۋاتقان بولسا كېرەك! مەن سەردارغا شەكىلەنى بىللە ئېلىپ كەلمىگەنمۇ، دېگەندەك سوئال نەزەرىدە قارىدىم.

−−شەكىلە كەلگەن، ماشىنا ئۇقۇشقىلى چىقىپ كەتتى بولغاي، −− دېدى سەردار بۇ قارىشىمنىڭ مەنىسىنى تولۇق چۈشەنگەندەك.

بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئاتامنىڭ كۆز جىيەكلىرىدە ياش ئەگىشكە باشلىغانىدى. مەن شۇ چاغدا ئاتامنىڭ شەكىلەنى نەقەدەر ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلىپ يەتكەنىدىم. دوختۇرخانىدا ئۈچ ئاي كۈتتۈم، ئاتامنىڭ ئەرلىكىنى ئۇنتۇغان ھالدا پەرزەنتلىك بۇرچۇمنى ئاتا قىلغانىدىم. بۇ ئۈچ ئاي جەريانىدا ئۆيۈمگە قايتالمىدىم، مەلىكەمنى يۇيۇندۇرۇپمۇ قويالمىدىم. سەردارنى بىر قانچە رەت كۆرگىنىم بىلەن، ئاياللىق ناز - كەرەشمە ۋە مۇھەببەتنىڭ شېرىن دەملىرىنى ئاتا قىلالمىغانىدىم.

ئاشۇ قېتىملىق يىقىلىپ چۈشۈش ئاتامغا ئوڭ تارتقاندەك قىلاتتى. ئۇ تۆت ئاي بولغاندا ئاز - تولا گەپ قىلالايدىغان، مەقسىتىنى ھەجىلەپ تۇرۇپ ئۇقتۇرالايدىغان بولۇپ قېلىۋاتاتتى. ئانامنىڭ بەل ئاغرىقىمۇ توختاپ، ئاتامنىڭ ھۆددىسىدىن ئۆزى چىقالايدىغان ھالغا يەتكەنىدى. باشلىقىمغا يەنە تېلېفون قىلىپ، رۇخسەت ۋاقتىمنى ئۇزارتىشنى ئويلىغان بولساممۇ، ئانامنىڭ قۇچاقلاپ تۇرۇپ ئېيتقان سۆزلىرى بۇ نىيىتىمدىن ياندۇرۇپ قويغانىدى.

−−قىزىم، بالىنىڭ ئاتا - ئانىغا قەرزى بار دېيىلسە شۇنچىلىك بولار. ئەمدى ئۆيۈڭگە بېرىپ، ئۆزۈڭنىڭ ئاياللىق مەجبۇرىيىتىڭنى ئادا قىلغىن! بىز سېنىڭدەك بىر قىز چوڭ قىلغىنىمىزدىن يۈز مەرتە، مىڭ مەرتە رازى.

−−توپا ئاشاڭ، ئاتۇن بوسۇن، ئامىن!

ئاتامنىڭ دۇئاسىنى ئېلىپ ئۆيۈمگە قايتىپ كەلدىم. ئۆيۈمدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە يېڭىلىقلارغا قاراپ، شەكىلەنىڭ ھەقىقەتەن چوڭ بولغانلىقىدىن سۆيۈنگەنىدىم. تازىلىق ئۆيىدىكى غەلىتە پۇراق يوقالغان، دۆۋىلەكلىك قاچا - قۇچا، قالايمىقان تاشلانغان ئويۇنچۇقلار كۆزگە تاشلانمايتتى. ھەممە نەرسىلەر گۈل - گۈلىگە كەلتۈرۈپ تىزىلغان بولۇپ، بەزى سەرەمجانلار ماڭا ناتونۇش ئىدى. ئىشىكنى ئۆزۈم ئاچقۇچ بىلەن ئېچىپ كىرمىگەن بولسام، باشقىلارنىڭ ئۆيىگە خاتا كىرىپ قالغاندەك، ھەۋەس بىلەن باقاركەنمەن.

»ئادەم دۇئا بىلەن كۆكلەيدۇ« دېگەندەك، ئاتام شەكىلەگىمۇ دۇئا قىلغان ئوخشايدۇ! ئۇنىڭ سىپايىلىقى ۋە مۇلايىملىقى ئۇز ھۆسنىگە تېخىمۇ ھۆسن قوشقانىدى. سەردار بىلەن ئىككەيلەننىڭ ئامراقلىقى ئادەمنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرەتتى. ناۋادا بۇ ئۆيگە ناتونۇش ئادەم كىرىپ قالغاندەك بولسا، سەردار ئىككىمىزنى ئەمەس، ئۇلار ئىككىسىنى ئۆي ئىگىسى دەپ ئويلاپمۇ قالاتتى. سەردار يېڭى توي قىلغان چاغلاردا ماڭا شۇنداق ئامراقلىق ۋە مەستلىك بىلەن قارايتتى. مەيلى ئىشقا ماڭغاندا ياكى ئىشتىن چۈشكەندە بولسۇن، مېنى سۆيىدىغانلىقىنى ئېسىمگە سېلىشنى ئۇنتۇمايتتى. نېمىشقىكىن ئۇ مېنى شۇنداق سۆيۈپ تۇرۇپ، بىرەر قېتىممۇ گۈل سوۋغا قىلىپ باقمىغانىدى. نېمىشقا گۈل سوۋغا قىلمايدىغانلىقىنى سورىغىنىمدا، ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ:

−−سىز مېنىڭ نەزەرىمدە ھەرقانداق گۈلدىن ئېسىلسىز، گۈلگە گۈل سوۋغا قىلىشتەك ئەخمەقلىقنى مەن ھەرگىزمۇ قىلمايمەن، −− دېگەنىدى.

ئۇنىڭ بۇ ئويىنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىغا ئېنىق بىر نەرسە دېيەلمىسەممۇ، مېنى گۈل كۆرۈپ، ھۇزۇر ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىدىن سۆيۈنەتتىم ھەم ئۇنىڭ نەزەرىدىكى ئەڭ ئېسىل گۈللەردىن بولۇش ئۈچۈن تىرىشاتتىم. سەردارنىڭ قايسى گۈلنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلمىگىنىم، مېنىڭ گۈللەرنىڭ ئېسىلى بولۇشتىكى ئەڭ زور قىيىنچىلىقىم بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى ئۇ ھېس قىلالايتتى ھەم بۇ ھەقتە ئويلىنىپ يۈرمەيتتى، شۇنداق بىر تاسادىپىي پۇرسەتتە، ئۇنىڭ قايسى گۈلنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى سورىمايلا بىلىۋالغانىدىم. توغرىسىنى ئېيتقاندا، ئۇ بۇ مەخپىيەتلىكىنى ئۆز ئېغىزى بىلەن ئېيتىپ بەرگەنىدى.

سەردارنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بىلەن توي خاتىرە كۈنىمىز بىر ئىدى. مەن سەردارغا نېمە سوۋغا بېرىشنى قارار قىلىپ بولالماي ئولتۇرغىنىمدا، ئۇ مەن ئويلاپ باقمىغان بىر سوۋغا تەلەپ قىلغانىدى.

−−سانىيە، ماڭا پەقەت بىر دەستە گۈل لازىم. ئۆزىڭىز تاللاپ دەستە تىزغان بولسىڭىز!

گۈل دۇكىنى ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، گۈلنى ياخشى كۆرۈپ كەتمەيدىغان بىر ئادەمنىڭ ئېغىزىدىن چىقىۋاتقان سۆزلەردىن ھەيران قالغانىدىم.

ئۇنىڭ بۇ تەلىپى ھاياتلىقىمدىكى بىر قېتىملىق سىناقتەك تۇيۇلۇۋاتاتتى. ئۇنىڭ راست ئېيتىۋاتقان ياكى چاقچاق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ باقماقچى بولغاندەك، كۆزلىرىگە قاراپ بىر پەس تۇرغان بولساممۇ، يەنە گاڭگىراپ قېلىۋاتاتتىم. ئۇنىڭ كۆزلىرى چاقچاق قىلغاندەك ئەمەس، بەلكى راست سۆزلەۋاتقاندەك كۈلۈپ تۇراتتى.

−−قېنى، قايسى گۈللەرنى مەيلىڭىز تارتىدىكىن، بۇ يەردە مەندىن ئېسىل گۈللەرنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن.

سەردارنىڭ ئۆزىنى تاللىتىش ۋە تۇيۇقسىز گۈل سوۋغا ئالغۇسى كېلىپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن، ئەتەي تەنە قىلغانىدىم. ئويلىغىنىمدەك سەردار ئۆزى ئېيتقان تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى ئۆزى يېشىپ بەرگەنىدى.

−−ئانامنىڭ گۈلى، ئانام ياخشى كۆرگەن گۈلنى مەنمۇ ياخشى كۆرىمەن. بۇ بىر دەستە گۈلنى ماڭا ئەمەس، ئانامغا تەييارلاڭ! بۈگۈن ئۇنىڭ مېنى تۇغقان كۈنى!

سەردارنىڭ بۇنداق ئىنچىكە ئويلايدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن، ئۇ بىر ئەركەك بولۇپلا قالماي، يەنە ماختانغۇدەك ئېسىل ئوغۇل ئىكەن. گۈللەرگە قاراپ يۈرىكىم ھاياجاندىن يايراپ كېتىۋاتاتتى. قەلبىم كۈلگەن، ھۆرمىتىم ئاشقان بۇ يىگىت مېنىڭ، پەقەت ۋە پەقەت مېنىڭ ئېرىم ئىدى.

−−ئانام قانداق گۈللەرنى ياخشى كۆرەتتى؟

−−ياۋا گۈلنى ! بىراق  بۇ يەردە ئۇنداق گۈللەر يوق، ئەتىرگۈل ئالايلى. سېرىقى ئارىلىشىپ قالمىسۇن، ئانام سېرىق رەڭنى ياقتۇرمايدۇ.

−−سېرىق رەڭنى نېمىشقا ياقتۇرمايدۇ؟

−−مەنمۇ ئېنىق بىلمەيمەن، ئۆزى شۇنداق دەيدىغان!

−−ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن، ھال رەڭنى كۆرسەم كەيپىم ئۇچىدىغۇ تاڭ!

ئاق ۋە قىزىل رەڭدە چىرايلىق بىر دەستە گۈل تىزىپ چىققانىدىم، سەردار رازىمەنلىك بىلەن قولۇمدىن ئېلىپ:

−−گۈلنىڭ تىزغان گۈلى باشقىچە بولىدىكەن، ئانامنى بىر خۇش قىلىدىغان بولدىڭىز - دە! −− دېدى.

−−سىزگىمۇ بىر دەستە تىزىپ بېرەيمۇ؟

−−ماڭا سىز بولسىڭىزلا كۇپايە، كەچتە شۇ گۈلنىڭ بەرگىدىن ھۇزۇر ئالاي!

−−قېلىن!

سەردارنى ئۇرماقچى بولۇپ قولۇمنى كۆتۈرۈشۈمگە، ئۇ مېنىڭدىن چاققان كېلىپ يۈزۈمنى چىمداپ قويۇپ كۈلگىنىچە قېچىپ كەتتى. مەن قوغلاپ يېتىشىۋېلىش ئۈچۈن كەينىدىن يۈگۈردۈم. سەردار مېنى يېتىشىۋالسۇن دېگەندەك، بىردە قەدىمىنى ئاستىلاتسا، بىردە ئورنىدا توختاپ قوياتتى، مەن يېقىن كەلگەندە بولسا،




ھالقىلىق سۆزلەر : پوۋېست، تارىم، قىرتاق


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار