قىرتاق دەرت (پوۋېست)(4)

يوللانغان ۋاقتى:17-02-2014   مەنبە: تارىم 2013-6-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
توسۇن تايدىن قېلىشمايتتى . چاقچاق قىلغان تەقدىردىمۇ، ئويلاپ سۆزلىگىن! سەردار سەن چاقچاق قىلىدىغان دوستۇڭ ئەمە
توسۇن تايدىن قېلىشمايتتى.

−−چاقچاق قىلغان تەقدىردىمۇ، ئويلاپ سۆزلىگىن! سەردار سەن چاقچاق قىلىدىغان دوستۇڭ ئەمەس، بەلكى يېزنەڭ! ئۆزۈڭنى قونچاق ئويناپ يۈرىيدىغان، خىيالىغا كەلگەننى سۆزلىسەڭ بولىدىغان كىچىك قىز كۆرۈۋاتامسەن؟ ئېسىڭدە بولسۇن، مەيلى كىمگە گەپ قىلغىن، ئەدەپ بىلەن سۆزلەشنى، قىز بالىدا بولۇشقا تېگىشلىك شەرم - ھايانى بىلمىسەڭ بولمايدۇ!

بۇ سۆزلىرىمدىن شەكىلە ئازراق قىزارغاندەك قىلغان بىلەن كۆڭلىدىن قوبۇل قىلمىغاندەك قىلاتتى. گەرچە نارازىلىقىنى ئوچۇق - ئاشكارا ئېيتمىغان بىلەن پەش قېقىپ كىرىپ كېتىشى شۇنداقلىقىنى ھېس قىلدۇرماي قالمايتتى. ئۇنىڭ ئىشىكنى يېپىۋېتىپ، غۇدۇراپ دېگەن گەپلىرى، ئاڭلىغان ھەرقانداق ئادەمنى ئويغا سالماي قالمايتتى.

−−كەچكىچە بويۇمغا يەتكىنىمنى چىشلەپ تارتىدىكەن، يەنە ئۆيدىن چىقارماي كىچىك بالىدەك باشقۇرىدىكەن.

شەكىلە ئەمەلىيەتنى سۆزلەۋاتاتتى. دېمىسىمۇ، ئۇ ئۆيۈمگە كەلگەندىن بۇيان سىرتقا چىقىپ باقمىغان، دوستلىرى بىلەن بازار ئايلىنىپ كۆرمىگەنىدى. سەردارنىڭ قارشى تۇرۇشى، ئۇنى قۇترىتىشى بىلەن ھېسابلىشىپ كەتمەي، قاتتىق قول باشقۇرغۇچى بولۇپ كېلىۋاتاتتىم. شەكىلەگە باشقىلارنى چۈشىنىش ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتلەردىكى قائىدە - يوسۇنلارنى ئۆگىنىش پۇرسىتى بەرمىگەنىدىم. قىزىمغا ھەمراھ بولۇپ تۆت تام ئىچىدە ئولتۇرۇش، تېلېۋىزور ئارقىلىق ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش، ئۇنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى بولۇپ قالغانىدى.

شەكىلەگە ئارتۇق سۆزلىيەلمىدىم، ئۇنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىشنى، پۇرسەت بېرىشنى ئويلاپ باقمىنىغىم يۈرىكىمنى ئاغرىتقانىدى. مەندە نېمە ئامال؟ ئاتامنىڭ بەختسىزلىكى يۈز بەرمىگەن، ئۇ مېنىڭ ئۆيۈمگە كەلمىگەن بولسا، بەلكىم ئۇ دوستلىرى بىلەن كۈلۈپ يۈرگەن، ياشلىقىنىڭ پەيزىنى سۈرگەن بولار ئىدى. ئانامنىڭ سۆزى ۋە ئۆزىنىڭ ھۇرۇنلۇقى مېنىڭ شۇنداق قاتتىق قول بولۇشۇمغا سەۋەبكار ئەمەسمۇ؟ ئۇنى كىم باشقا بىرىنىڭ ئەمەس، مېنىڭ سىڭلىم بولۇپ تۇغۇلسۇن دېگەن؟ تۆرىلىشىدە خاتا تۆرەلگەن بولغاندىكىن، مېنىڭ قارىشىم ۋە ئەخلاق مىزانىم بويىچە چىداپ ياشىشى كېرەك!

ئۆزۈمنى ئۆزۈم شۇنداق بەزلەپ، يۈرىكىمدە تۇيۇقسىز پەيدا بولغان ئاچچىقنى يوق قىلىشقا ئۇرۇناتتىم، شەكىلەنى كەچۈرۈش ياكى كەچۈرمەسلىكنى قارار قىلماقچى بولاتتىم. ئەمەلىيەتتە ئۆزۈمنىڭ دۇنيا قارىشى بىلەن ئەخلاق قارىشىنىڭ توغرا - خاتالىقى ئۈستىدە ئادىل ھۆكۈم چىقىرالمايۋاتاتتىم. سەردارنىڭ مېنى ئەيىبلىشى، شەكىلەنى قانات ئاستىغا ئېلىشى ئۇنىڭ ئاشۇ گەپلىرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن تۆلەنگەن ئېغىر بەدەل بولدىمۇ قانداق، دەپ شىۋىرلايتتىم. مەيلى، شەكىلە قانچىلىك ئۇۋالچىلىق تارتقان بولسۇن، يېزنىسىگە ئۇنداق گەپ قىلسا، كۆزگە ئىلمىغاندەك پوزىتسىيە تۇتسا ھەرگىز بولمايتتى.

*               *

ئاتام بىرئاز ئۆرە تۇرغۇدەك بولغان بولسىمۇ يەنىلا سۆزلىيەلمەيۋاتاتتى. قول ئىشارىسى ئارقىلىق مەقسىتىنى تولۇق بايان قىلالمىغانسېرى مىجەزى ئوساللىشىپ كېتەتتى. ئۆي ۋە تالانىڭ ئېغىر - يېنىك ئىشلىرى بىر ئانامغا قالغاچقا، ئەسلىدىكى جۈدەڭگۈ تۇرقى كۈندىن - كۈنگە كىچىكلەپ، مۈكچىيىپ يەرگە كىرىپ كېتىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. شەكىلەنىڭ ئۆيگە قايتىپ كەلمەسلىكى ئانامنى تېخىمۇ چارچىتىپ قويۇۋاتاتتى. مەن سەردارنىڭ رۇخسىتى بىلەن ھەر ھەپتىسى بىر  -  ئىككى كۈن ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرۇۋاتقان، ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە ئاز - تولا تەسەللى ئاتا قىلىۋاتقان بولساممۇ، كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرىدە ھەر ئىككىلىسىدىن ئەنسىرەپ قېلىۋاتاتتىم. ئانامنىڭ كۈنسايىن ئاقىرىپ كېتىۋاتقان چاچلىرى بىلەن تىترەپ تۇرغان قوللىرىنى ئويلىسام، خىزمىتىمدىن ئىستېپا بېرىپ، ئۇلارنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگۈم، ھاياتىنىڭ ئاخىرقىدەملىرىگە ھەمراھ بولغۇم كېلەتتى. شەكىلەنىڭ بىكۆيۈم، باشباشتاقلىقىغا قاراپ ئاچچىقتا يېرىلغۇدەك بولساممۇ، ئاتامنىڭ كۆڭلى ئۈچۈن چىداشقا رازى بولۇۋاتاتتىم.

−−شەكىلەدىن رەنجىمە، ئۇمۇ بىر كۈنلەردە سەندەك چوڭ بولۇپ، ھەممىنى ئويلايدىغان بولىدۇ. ئاتاڭنىڭ بۇ ھاياتىدا شۇ بىرلا غېمى بار، شەكىلە بولمىسا ئۇمۇ ياشىيالمايدۇ.

ئانامنىڭ يۈزۈمگە ئېيتىۋاتقان بۇ سۆزلىرى يۈرىكىمنى ئەزدى. ئۇ دېمىسىمۇ ئاتامنىڭ نەزەرىدە پەقەت بىر شەكىلەلا بار، مەن خەقنىڭ بالىسى ئىدىم. ئوقۇشنى قانچىلىك تەستە تاماملىغىنىم، ئاتىلىق مېھرىنىڭ قانداقلىقىنى ھېس قىلمىغىنىم ئاز كەلگەندەك، ئاناممۇ ئىككى گەپنىڭ بىرىدە شەكىلەنىڭ غېمىنى يەۋاتاتتى. ئانام چىرايىمنىڭ ئۆڭگىنىنى، كەيپىياتىمنىڭ بىردىنلا ئوساللاشقانلىقىنى ھېس قىلغان چېغى، سۆزىنىڭ داۋامىنى ئوڭشىۋالغانىدى.

−−ئاتاڭنىڭ مىجەزىنى بىلىسەن، ئۇ سېنى ئەركىلىتىپ باقمىغىنى بىلەن يۈرىكىدىن ياخشى كۆرىدۇ.

ئانامغا بۇ سۆزلىرىڭگە ئىشەنمەيمەن دېيەلمەيتتىم. بۇ دۇنيادا ئۆز بالىسىنى ياخشى كۆرمەيدىغان ئاتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغىمۇ ئىشەنمەيتتىم. ئاتام مېنى شەكىلەنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرەلمىسىمۇ، يامان كۆزىدە قارىمايتتى.

−−ئاتاڭنىڭ ساڭا ئېيتىدىغان نۇرغۇن گەپلىرى بار ئىدى، شەكىلە كەلگەن كۈنى دېمەكچى بولغان. قېرىشقاندەك بۇ بەختسىزلىكنىڭ ماراپ تۇرغىنىنى دېمەمدىغان، شۇ گەپلىرى قورسىقىدا قېلىپ، قانچىلىك ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى بىلسەڭ ئىدى، ئاتاڭدىن يەنە ئاغرىنىپ يۈرمىگەن بولاتتىڭ!

−−مەن ئاتامدىن ئاغرىنمايمەن، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن يۈرىكىدىكىنى ئېيتالمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمەن. ئۇ ھەممە گەپلىرىنى دەيدىغان، ئاتىلىق مېھرى بىلەن پېشانەمگە سۆيىدىغان كۈن چوقۇم كېلىدۇ!

−−ئىلاھىم، تىلىگىنىڭ كەلسۇن، بالام! ئاللا بىز ئۈچۈن قىلغانلىرىڭنىڭ ساۋابىنى بېرىدۇ.

ئانام ئۇزاق دۇئادىن كېيىن بېشىمنى ئىككى ئالىقىنى ئارىسىغا ئېلىپ پېشانەمگە سۆيۈپ قويغانىدى. ئۇنىڭ سۆيۈشى بۇرۇنقىدەك كۈچلۈك ۋە ئوتلۇق بولمىغىنى بىلەن، شۇ قەدەر مېھىرلىك بولۇپ بىر خىل رازىمەنلىك، سۆيۈنۈش ۋە قىيالماسلىق بار ئىدى.

−−ئەمدى يولغا چىققىن، ئۆيۈڭگە بارغۇچە كەچ قالىسەن، كۈيۈئوغۇل بالام ئەنسىرەپ كەتمىسۇن!

−−ئاتامنىڭ يېنىدا يەنە بىردەم ئولتۇرۇۋالاي، ئۆيدە كەچلىك تاماق قىلىپ بېرىدىغانغا شەكىلە بار ئەمەسمۇ!

ئاتام بىلەن خوشلىشىپ بولغان بولساممۇ، ئانامنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداقلا كەتكۈم كەلمىگەنىدى. قول سومكامنى پېشايۋان ئورنىدا ئىشلىتىۋاتقان چەللىنىڭ تۈۋرۈكىگە ئېسىپ قويۇپ، ئاتام ياتقان ئۆيگە كىردىم. ئاتامنىڭ كۆزلىرى ياشلانغان بولۇپ، ئانام بىلەن ھويلىدا قىلىشقان گەپلەرنى ئاڭلاپ قالغاندەك قىلاتتى. ئۇ خۇددى مېنى باغرىغا باسقۇسى باردەك، غۇلاچلىرىنى كەڭ ئېچىشقا تىرىشىۋاتاتتى. ئاتامنىڭ بار كۈچىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى، پالەچ بولۇپ قالغان ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى جەزم قىلغىلى بولاتتى. مەن ئۆزۈمنى ئاتتىم، ئاتامنىڭ قۇچىقىغا −− بىردەم بولسىمۇ ئاتا مېھرىنى ھېس قىلىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن قۇچاققا ئۆزۈمنى ئاتتىم.

مەن ئۆزۈمنى ئاتامنىڭ باغرىدا ئەڭ بەختلىك قىزلاردىن سانىدىم. قەلبىمدىكى بارلىق قاراڭغۇلۇق يوقاپ، يېڭى ئاتقان تاڭدەك جۇلالىنىپ كېتىۋاتاتتى. ئاتام ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈشكە ئامالسىزلىقىغا تەن بەرگۈسى يوقتەك، ھەدېگەندە بار غەيرىتىنى كۆرسىتىپ باقاتتى. مەن ئىچىمدە »ھېس قىلدىم، ئاتا! مېنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى ھېس قىلدىم« دەپ شىۋىرلىغانچە، ئاتامنى تېخىمۇ چىڭ قۇچاقلايتتىم، پېشانەمنى ئېڭەكلىرىگە توختىماي سۈركەيتتىم، نەملەنگەن يۈزلىرىگە يۈزۈمنى ياقاتتىم.

ئان−ام قولۇمدىن تارتىۋەرمىگەن بولسا ئاتامنىڭ باغرىدىن ئايرىل−غۇم ي−وق ئىدى. بۇ ئانامنىڭ بەك كەچ قالماسلىقىمنى ئەسكەرتكىنى بولسىمۇ، ئۇنىڭ بۇ قىلىقىنى تازا ياقتۇرۇپ كەتمىگەنىدىم. ئۇنىڭغا مېنىڭ ھازىرقى ھېسسىياتىمنى چۈشەنگەن، ئۆز خاھىشىمغا قويۇۋەتكەن بولسىڭىز، مەن ئاتامنى باغرىم قانغۇچە قۇچاقلىۋالاي، بىرەر قېتىم كەچ قالغانغا سەردار مېنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتمەس ئىدى، دېگۈم كېلىۋاتاتتى.

سەردار بىرئاز خاپىغان كۆرۈنەتتى، كەچرەك قايتقىنىم ئۈچۈنمۇ ياكى تاماقسىز قالغىنى ئۈچۈنمۇ، ئىشىكتىن كىرگىنىمدە قاراپمۇ قويمىغانىدى. شەكىلەنىڭ بۇ كەچتە قەيەرگە قېچىپ كەتكىنىنى بىلمەيتتىم. مەلىكەم بىلەن كارى بولمىغىنى ئاز كەلگەندەك، يېزنىسىگە تاماقمۇ قىلىپ بەرمىگەنىدى. سەردارغۇ چوڭ ئادەم، بىرەر قېتىم ئاچلىققا چىداپ كېتەر، ئەمما مېھمانخانا ئۆينىڭ ئوتتۇرىدا ئاچ قورساق ئۇخلاپ قالغان مەلىكەمگە قاراپ ئىچىم ئېچىشىپ كەتكەنىدى. سەردارمۇ مېنى كۆرسۇن دېگەندەك، بالىنى ياتاق ئۆيىگە ئەكىرىپ قويمىغان، ھەتتا ئۈستىگە بىر نەرسە تاشلاپ قويۇشقىمۇ قارا بولغانىدى.

−−مۇشۇمۇ بىر ئاتىنىڭ قىلىدىغان ئىشىمۇ؟ بالىغا ئازراق بولسىمۇ ئىچىڭىز ئاغرىمىدىمۇ؟ −− دېدىم ئۆزۈمنى يىغىدىن تەستە تۇتۇۋېلىپ.

−−شۇنداق، ئاتا بولۇشنى ئاسان دەپ ئويلاپتىكەنمەن، بۇرۇنراق بىلگەن بولسام ياخشىراق ئويلىشىدىكەنمەن!

سەردارنىڭ گېپىنىڭ تېگىدە گەپ باردەك قىلاتتى. كۆزلىرى يەنىلا مەندە ئەمەس، ئادەتتە كۆپ كۆرۈپ كەتمەيدىغان تېلېۋىزوردا ئىدى.

−−بۈگۈن گەپلىرىڭىز بىرئاز غەلىتە تۇرامدۇ نېمە، بىرەر خاپىلىقىڭىز يوقتۇ؟ −− دېدىم مۇلايىملىق بىلەن.

−−مەندە خاپىلىق نېمە قىلسۇن، خاپىلىقنى ئۇنتۇپ كەتكەن تۇرسام.

−−تەنە سۆزلىمەي، كۆڭلىڭىزدىكىنى ئۇدۇللا دېسىڭىز نېمە بولار!

−−مەندە كۆڭۈل ئۆلگەن ئوخشايدۇ.

سەردارنىڭ توڭ تېگىشى، قۇچىقىمدىكى مەلىكەمنىڭ سوغۇقتىن تىترىشى ۋۇجۇدۇمغا بىر سوغۇق ئېقىم باشلاپ كىرىۋاتاتتى. سەردار ھەرقانچە ئىش بولۇپ كەتسىمۇ بۇنداق قوپال مۇئامىلىدە بولۇپ باقمىغان بولغاچقىمىكىن، كۆڭلۈم يېرىم بولۇشقا باشلىغانىدى. ئۇنىڭ تەرسالىق كېسىلى تۇتۇپ قالدىمىكىن دېسەم، چىرايىدا كېسەللىك ئىپادىسى كۆرۈنمەيتتى. ئۇنىڭ مەندىن قېيىداپ قالغىنىنى، بۇ ئارقىلىق ماڭا ئاز - تولا بولسىمۇ »مېنىمۇ ئويلاپ قوي« دېگەندەك، تەنبىھ بەرگۈسى بارلىقىنى پەرەز قىلىۋاتاتتىم.

−−كۆڭلىڭىز ئۆلگەندەك ئەمەسقۇ، كۆزلىرىڭىز ماڭا قېيىداۋاتقانلىقىڭىزنى ئاشكارىلاپ قويۇۋاتمامدۇ. كۆزۈمگە قاراڭا، ئۇ مەندىن يۈز ئۆرىدىمىكىن، ئوبدان بىر قاراپ باقاي!

−−مېنىڭ كۆزۈم خائىن ئوخشايدۇ.

سەردار مېنىڭدىن بۇرۇن كۈلۈۋەتكەنىدى. مەن ئۇنىڭ خاپا بولۇشنى قاملاشتۇرالمايدىغانلىقىنى، يالغاندىن قېيىدىغان بىلەن بىردەمدىلا كۈلۈپ تاشلايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتىم، بۇ قېتىممۇ ئۇ مېنىڭ ئازراق ئەركىلىشىمگە تەسلىم بولغانىدى.

−−شەكىلەنى بىر يەرگە ئەۋەتكەنمۇ؟




ھالقىلىق سۆزلەر : پوۋېست، تارىم، قىرتاق


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار