يەنە قەدىمىنى تېزلىتىپ، زادى تۇتۇق بەرمەيۋاتاتتى. قوغلىشىش ئۇزارغانسېرى تاتلىق چاقچاق، شېرىن كۈلكە دىللارغا يەتكەنىدى.
* * شەكىلە كەتكەندىن كېيىن، تۇرمۇشۇمنى خېلى بىر چاغلارغىچە ئىزىغا سالالمىغانىدىم. سەردارنىڭ كوت - كوت بولۇپ قېلىشى مېنى بەكرەك چارچىتىۋاتاتتى. ئۇ ھېلى »بۇ لوڭقىنى شەكىلە بۇ يەرگە قوياتتى« دېسە، ھېلى »بۇ نەرسىنىڭ ئورنى بۇ يەردە ئەمەس ئىدى« دەيتتى. ئۇنىڭ بىلەن قېرىشقاندەك بەزى نەرسىلەرنى ئۆز ئورنىغا قويمىسام، »شەكىلەدەك دېتىڭىز يوقكەن، چوڭ شەھەرلەرنى كۆرگەنلەرنىڭ ئويىمۇ ئۆزگىچە بولىدىكەن« دەپ غۇدۇرايتتى. مېنىڭ كۆڭۈل ئاغرىقىم ياكى باشقىچە ئويلىشىم بىلەن ھېسابلاشمايتتى. مەيلى مەن نېمىلا قىلاي، ئۇ بىر نەرسە دېمەي قانائەت ھاسىل قىلمايتتى. ئەرلەرنىڭ ئۆي ئىشىغا ئارىلىشىۋېلىشىنى ياخشى كۆرمىسەممۇ، سەردارغا ئامال قىلالمايۋاتاتتىم. ئۆيلەرنى ئۇنىڭ رايىغا بېقىپ سەرەمجانلاشتۇرسام، ئۆزۈم بىر خىل بولۇپ قېلىۋاتاتتىم. ھەر ئادەمنىڭ گۈزەللىك قارىشى ئوخشاش بولمىغاچقا، سەردار ئۈچۈنھەممىگە چىداشقا، بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىۋاتاتتى. −−بۇ رەسىمنى قەيەرگە قويىمەن؟ تويلۇق ئۈچۈن چۈشكەن رەسىمنى ياتاق ئۆيدىن كۆتۈرۈپ چىقىپ، سەردارنىڭ ئالدىغا قويۇپ قويغانىدىم. بىر رەسىمگە، بىر ماڭا قاراپ نېمە دېيىشىنى بىلەلمەيۋاتقاندەك قىسقا دەقىقىلىق سۈكۈتكە پاتقانىدى. مەن ئۇنىڭ يوليورۇق بېرىشىنى كۈتۈپ تۇرغان ئەسكەردەك تېخىچە ئۆرە تۇراتتىم. سەردار مېنىڭ بۇ تۇرقۇمدىن بىرئاز ئېھتىيات قىلدىمۇ ياكى ئۆزىمۇ قايتا ئويلىنىپ قالدىمۇ، ناھايىتى پەس ئاۋازدا جاۋاب بەرگەنىدى. −−بۇ رەسىم يەنىلا ئۆز ئورنىدا تۇرسا بولغۇدەك! −−ياتاق ئۆي مۇزېيخانىغا ئوخشاپ قالغۇدەك بولسا، ئەڭ ياخشىسى ئالماشتۇرۇۋېتەيلى! سەردار تەنە قىلغىنىمنى چۈشىنەتتى. ئۇ يېڭىغا ئالماشتۇرغان ياكى بىر يولىلا باشقىلارغا بېرىۋەتكەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى مەن ئۆز قولۇم بىلەن تاللىغان، ياقتۇرۇپ سېتىۋالغان نەرسىلەر بولغاچقا، رازىلىقىمنى ئالمايلا يوق قىلىۋەتكىنىگە ئاچچىقىم بار ئىدى. ئۇنىڭ ماڭا باھانە كۆرسىتىپ، »ھەممىسى مودىدىن قالغان، ئاسارئەتىقىگە ئايلىنىپ قالاي دېگەن نەرسىلەر ئىكەن. ئۆيىمىزنى مۇزېيخانىدىن زامانىۋى تۈسكە باي سارايغا ئۆزگەرتىپ قويغۇنۇم گۇناھ ئەمەستۇ؟« دېگەنلىكى ھېلىھەم ئېسىمدە ئىدى. سەردارنىڭ ئارتۇق گەپ قىلمىغىنى بىلەن ئىچىدە ئاچچىقى كېلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ بۇ ئاچچىقنى يەڭمەكتىن، ئېغىزىنى مەھكەم يۇمۇپ تۇرماقتىن باشقا ئامالىمۇ يوق ئىدى. ئۇ شۇ دەقىقىدە يەنە نېمە دېيەلىسۇن؟ يېڭىلىققا ئىنتىلىشنىڭمۇ ئۆزىگە يارىشا يولى بولىدۇ ئەلۋەتتە! بۇ ئۆي يالغۇز ئۇنىڭلا ياشايدىغان ۋە ھۇزۇر ئالىدىغان شەخسىي ئارامگاھى ئەمەس، بەلكى مېنىڭمۇ ھەققىم ۋە ھوقۇقۇم بارلىقىنى ئويلىشىشى كېرەك! مەن بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ بىلەن ھوقۇق كۈرىشى قىلماقچى ئەمەسمەن، ئەرلەر بىلەن تەڭ تۇرۇشنىڭ بىر مۇلايىم، چېچەن ئايال ئۈچۈن ياخشى ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلاردىن ئەمەس ئىدىم. مەن پەقەت ئۆزۈمنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلدۇرۇپ قويۇشنىلا ئويلاشقانىدىم خالاس! توي رەسىمى ئۆز ئورنىغا ئېسىلغان بىلەن سەردارنىڭ كۆڭلى ئۆز ئورنىدا ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ كەچلىك بازارغا قاترايدىغان كۈنى بۇرۇنقىدىن كۆپىيىپ كېتىۋاتاتتى. قەيەرلەردىندۇ دوستلىرى، ساۋاقداشلىرى كېلىپ تۇرۇۋاتاتتى. ئۇلارنى مېھمان قىلىشقا ئۆيىمىزنىڭ دەرىجىسى توشمىغىنىغا ھەيران بولمايتتىم. سەردارنىڭ ئۆزى قايتا سەرەمجانلاشتۇرغان ئۆينىڭ كەچلىك بازارغا يەتمەيدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىكەنمەن. ئۇ بەك كەچ قايتاتتى، قولىدا بۇرۇنقىدەك يالتىراق خالتا بولمايتتى. ياتاق ئۆيگە كىرىشى مەنئى قىلىنغاندەك، مېھمانخانىدىكى سافادا ياكى قىزىمنىڭ ياتاق ئۆيىدە تاڭ ئاتقۇزاتتى. بەزەن غەرق مەست قايتقاندا، ئۇنىڭ ئۈچۈن تەييارلانغان ھەسەل سۈيى شىرە ئۈستىدە سوۋۇپ قالاتتىكى، قولىغا ئېلىپ قويمايتتى. مېنى قۇچاقلىغۇسى بولمىسىمۇ، ئەقلى كېسىلگەن جىسمى بىلەن ماڭا تاشلىنىپ قوياتتى. ئاتامنىڭ سۆزلەرنى دانە - دانە ئېيتىپ، پۇتىنى سۆرەپ بولسىمۇ ماڭالىغۇدەك بولۇپ قالغىنى بىلەن سەردارنىڭ شەكىلەنى ئوقۇشقا ئەۋەتىشنى ئويلاپ قېلىۋاتقىنىنىڭ نېمە باغلىنىشى بارلىقىنىڭ تېگىگە يېتەلمەيۋاتاتتىم. سەردار ھە دېگەندە: −−ئاتىمىز ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىققۇدەك بولۇپ قالغىلى نىكەم، شەكىلەنى يەنە قاچانغىچە ئۇ ئۆيگە باغلاپ تۇرۇشنى ئويلاۋاتىسەن؟ −− دەپ سورايتتى. دەسلەپتە ئۇنىڭ مېنى بىردىنلا سەنلەيدىغان بولۇپ قالغىنىغا دىققەت قىلمىغانىكەنمەن. ئۇنىڭ بۇنداق ئاتاشنى كىملەردىن ئۆگەنگىنىنى، ئۆز تاللىشىغا يات ھالدا نېمىشقا بۇنداق ئاتاشنى لايىق تاپقىنىنى بىلمىدىم. قىزغىن مۇھەببەتلىشىۋاتقان چاغلىرىمىزدا ئۇنىڭدىن مېنى »سەن« دەپ ئاتاشنى ئۆتۈنگەنىدىم. بىراق، ئۇنىڭ ئۆزى |